چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 0

تور مائارىپىنىڭ زۆرۈرلىكى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
تور مائارىپىنىڭ زۆرۈرلىكى
(غورۇلاي تەرجىمىسى )

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىز ھەر قايسى مائارىپ ساھەلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما مائارىپ تەرەققىياتى ھازىرقى زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ..
بىرىنجىدىن كۆپ قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر تېخىمۇ ياخشى بولغان مائارىپ پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيىلىنىش ئۆگىنىشى، چوڭلار مائارىپ بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى كەڭرى.ئىككىنجىدىن،مائارىپنىڭ تارقىلىشى تەڭپۇڭسىز، چوڭ شەھەر ۋە دېڭىز بويى رايونلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساسلىق تارقالغان..
  ئۈچىنجىدىن،ئۇزۇن مۇددەتلىك مائارىپ سېپى قۇرۇش ۋە ئۆگىنىش خاراكتېرلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مەكتەپ نوقۇل ھالدا بىردىنبىر مائارىپ سورۇنى بولۇپ قالماسلىق، مائارىپ  جىددى ھالدا تەرەققىي قىلىشقا مۇھتاج..
مەكتەپ مائارىپى ئەزەلدىنلا نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا، كۆپ خىل ئۆگىنىش ئۇسۇلى يارىتىش، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورى ئارقىلىق مائارىپنى يىڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغۇزۇش كېرەك.
تور مائارىپى ئاساسلىق سۈنئىي ھەمرا تور مۇنبىرى، سىملىق تېلىۋېزورئۇلىنىش مۇنبىرى ۋە ئېنتىرنېت تورى مۇنبىرى قاتارلىقلارغا تايىنىدۇ، دۆلىتىمىز ھازىرقى تور مائارىپى ئاساسلىق سۈنئىي ھەمرا تور مۇنبىرىدىن پايدىلانغان، يەككە  رادىئو تىپلىق تۆۋەن سەرپىياتلىق تور مائارىپىدۇر. ئەمما ئېنتىرنىت تورىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كۈندىن-كۈنگە ئومۇمىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، تور مائارىپىنىڭ  رولى كۈنسېرى مۇھىم بولماقتا. چىڭخۇا  ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ  تور مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى سۈنئىي ھەمرا تېلىۋېزورىنى ئاساس، كومپىيوتېر تورىنى قوشۇمچە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا توردا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.
ئەنئەنىۋى مائارىپ ۋە باشقا مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى زامان تور مائارىپى ‹‹تېمى يوق مەكتەپ›› دەپ قارىلىپ،  زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى ئۆز-ئارا قوزغىتشنى ئاساس قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجلىرىنى ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلىدۇ. ئۇچۇرلىرى مول، مەزمۇنى يىڭى، سىغىمچانلىقى چوڭ، دائىرىسى كەڭ، تارقىلىشى تېز، ئۈنىمى يوقىرى بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۇمۇمىي ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېقىنقى نەچچە يىلدا تور مائارىپىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى تەرەققىياتى ناھايتى تېز .
دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، مائارىپ ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، مائارىپ مەنبەسى بولسا كەمچىل، ھازىرقى مەكتەپ ئۆلچىمى بويىچە ئالغاندا، ھەر يىلى يۈز مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئامالسىز قالغان، جەمئىيەتتە بولسا 30 مىليوندىن ئارتۇق ياشلار قارا قورساق. ئادەتتىكى مەكتەپ مائارىپىغا تايىنىپ، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغاندا، غايەت زور كەمچىللىك زىددىيىتى كېلىپ چىقىدۇ. ۋاھالەنكى، يىڭى ئەسىر كىرىش بىلەن، پەن- تېىنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىلىم-پەن ئىقتىسادىي يۈكسەلدى، دۆلەت كۈچى سېلىشتۇرمىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەگەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن دۆلەتكە تۆھپە قوشىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئەنئەنىۋىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. دەۋر قەدىمىگە ماسلىشىپ، ئىلىم-پەن بىلەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ماسلىشىشىمىز، توختىماي ئۆگىنىش، ئۆمۈر بويى ئۆزىنى تولۇقلاشتەك مائارىپ تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئادەم كۈچى كەمچىل ھەم ساپا تۆۋەنلىكتىن ھەر قايسى ساھەلەرنى چەكلەپ قويۇشقا خاتىمە بېرىپ، يەرلىكلەردە مائارىپنىڭ تارقىلىشنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشىمىز، پەن -تېخنىكىغا تايىنىپ، دۆلىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىشىمىز كېرەك.
دۆلىتىمىز تور مائارىپى 80 -يىللاردىن بۇيانقى مائارىپنىڭ تەرەققىي قىلىش يۈنلىشى بولۇپ قالدى، ھازىرغا قەدەر، دۇنيا بويىچە 100دىن ئارتۇق دۆلەت زامانىۋى تور مائارىپ تۈزۈلمىسىنى يولغا قويدى.  ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرمۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ بار، مەكتەپ قۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئالاھىدە لاھىيىلىنىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپلەرمۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە تور مائارىپى يولغا قويۇلغانلىرىمۇ بار، يەنە بىر قىسىم ھەرخىل مەكتەپلەر رىقابەتلىشىپ، خىزمەت بۆلۈپ، پۈتۈنلەي تورلىشىشقا يۈزلەنگەنلىرىمۇ بار. سۈنئىي ھەمرا، تور تېلىۋېزىيسى ھەم بىر قىسىم قوش يۆنلىشلىك قوزغىتىشچان ئېلىكتىرونلۇق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەم قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ يەرشارىلاشقان كومپىيوتېر ئېنتىرنىت تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان تەرەققىي قىلغان ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تور مائارىپ تۈزۈلمىسىنى قوللىنىپ، 21- ئەسىرنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرماقتا
دۇنيا ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئېلىكتىرونلۇق تېخنىكىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى تور مائارىپى، مائارىپ ساھەسىدە تۈپتىن ئىنقىلاب ھاسىل قىلىپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ زامان ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مائارىپ مەنبەسىنى كېڭەيتىدۇ، مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ قاپلىشىشچانلىقى، ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشچانلىقتەك خۇسۇسىيتى بىلەن ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى ئېچىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلىشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ھەم ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى ئاشۇرىدۇ، ئىلغار يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئېچىلىشى ھەم ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يوقىرى پەن-تېخنىكىلىق تەتقىقات مېۋىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئاساس سالىدۇ. ئۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇر قۇرۇلىشنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر يىڭى نوقتا بولۇپ، ئىلىم-پەننىڭ ئىقتىسادلىشىش ھەم راۋاجلىنىش قەدىمىنى تىزلىتىدۇ.
تور مائارىپى بولسا پەن-تېخنىكىلىق تەرەققىيات ئىدىيىسىنىڭ كاپالىتى، بىر قېتىملىق مائارىپنىڭ ئورنىنى ئۆمۈرلۈك بىلىم ئېلىش، ئۆمۈرلۈك مائارىپنىڭ ئىدىيىۋى تەلىپى مائارىپنى بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتكە كېڭەيتىش. ئۇنىڭدا مەكتەپ مائارىپى، ئالىي مەكتەپتىن كېيىنكى داۋاملىق مائارىپ، شۇنداقلا  مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى ھەممە ئۇسۇللار بار. ئۆمۈرلۈك مائارىپ بەزى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىدىيىسى، پىرىنسىپى، تۈزۈلمىسى ھەم ئەمەلىيىتى بولۇپ قالدى..
مەنبە:ئىگىلىك تورى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 11:40 , Processed in 0.177595 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش