چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 2147|ئىنكاس: 17

مەخسۇس تور يازغۇچىلار ئىسىملىكى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تور يازغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى


«گۇما دىيارى»مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس ۋەزىپىدىكى 10 نەپەر تور يازغۇچىسى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار بىزنى قوللاپ تور يازغۇچىلىققا تىزىملاتتى.مۇنبەر باشقۇرۇش ھەيئېتى تىزىملاتقانلار ئىچىدىن تۆۋەندىكىلەرنى «گۇما دىيارى»مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تور يازغۇچىلىققا قوبۇل قىلدى.
(ئىسىملىكى ئۇيغۇر ئېلېببە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)

1-ئابدۇقادىر سادىر
2-ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
3-ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
4-جاسارەت تاش
5-مېھرىگۈل ھۈسەيىن
6-رىسالەت مەردان
7-تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
8-قۇربان داۋۇت شاھىدى

يۇقۇرىدىكى تور يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق مۇنبىرىمىزنى قىزغىن قوللاپ بېرىشىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

«گۇما دىيارى»مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.
www.gumadiyari.com
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-12-9 22:27:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 22:45  

يۇقارقى ئىسمى تىلغا ئىلىنغان تور يازغۇچىلىرىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن! سىلەرنىڭ گۇما دىيارى مۇنبىرى ئۈچۈن ئوتتەك ئىشتىياقىڭلار بىلەن تۆھپە قوشۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن!





QQ图片20121116035401.jpg

باھا سۆز

ياۋۋۋ... ما ئاقۋاش ئادەم ئىنكاسقا ھەجەپ چاققانكەن  ۋاقتى: 2013-12-9 22:37
ۋاقتى: 2013-12-9 22:30:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بەلكىم بۇ تور دۇنياسدىكى تۇنجى قەدەمدە  ھەقىقىي ئېتراپ قىلىنغان تور يازغۇچىلىرى بولىشى مۇمكىن.


ۋاقتى: 2013-12-9 22:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا قىزنىڭ قەدىمىگە مەرھابا، ئۇلارغا بىرلىكتە ئۇتۇق تىلەيلى!


ۋاقتى: 2013-12-9 22:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھلا قىزنىڭ قەدىمىگە مەرھابا، ئۇلارغا بىرلىكتە ئۇتۇق تىلەيلى!


ۋاقتى: 2013-12-9 22:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىمنى مارەكلىگىدەك نىمىش بولغان، بىرە قېتىم دىسىمۇ ئاڭلايدۇ قۇلاق.


ۋاقتى: 2013-12-9 23:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-9 23:48  

ماۋۇ ئاقۋاش ئادەم ئىنكاسقا تولا چىققاچقان بولغاچقا سىزنى مۇنبەر يۈزىدە ئۇچىراتمىغىلى خىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، شۇڭا سىزنى بۈگۈنكى مۇنبەر يۈزىدە ئۇچۇرتۇپ سىزنى قايتا -قايتا تەبىرىكلەپ قويۇپتۇ، كەچۈرۈڭ ئاۋۇ ئاقۋاش ئادەمگە ۋاكالىتەن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمان.

ئادەمگە ئەدەپ ياخشى،
ھايۋانغا ھەلەپ ياخشى.
بىلىپ قويۇڭ ئەي قىزچاق،
مارجانغا سەدەپ ياخشى.



QQ图片20121129034313.gif

باھا سۆز

ئاقۋاش دەپ قويسام كۆڭۈل ئاغرىدىمۇ نىمە؟  ۋاقتى: 2013-12-9 23:40
ۋاقتى: 2013-12-9 23:42:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشى ئاپتۇرلا تاللىنىپتو.

موبارەك بولسۇن ئەزىزلە!!!


ۋاقتى: 2013-12-10 09:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوبۇل قىلىنغان قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرۈپ تۇرۇشقا ئىنتىزارمەن.


ۋاقتى: 2013-12-11 23:05:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەمكەش ئۇستازلارغا بەخت يار بولغاي !


ۋاقتى: 2013-12-12 20:00:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور يازغۇچىلىرى مەخسۇس ئىستونغا يوللامدۇ ياكى خالىغانچە (ئۆز تۈرى بويىچە) يوللىسىمۇ بولامدۇ؟ دائىرىنى ئۇقىۋالاي.


ۋاقتى: 2013-12-12 22:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھازىرچە  ژىيانىر تۈرى بويىچە يولانسا بولىدۇ.مەخسۇس تامغۇ ئىشلىنىۋاتىدۇ،تامغۇ پۈتكەندە  ئەسەرلەر ئايرىم سەھىپە ئېچىلىپ شۇ سەھىپىگە يۆتكلىدۇ ھەم تامغۇلىنىدۇ.


ۋاقتى: 2013-12-14 12:49:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر! گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ بىزلەرگە ئىشىنىپ بۇ پۇرسەتنى بەرگىنىگە ھەمدە ئىجادىيىتىمىزنى يەنىمۇ قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولغىنىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ئەزىزلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىمەن! ھەممەيلەنگە ساقلىق يار بولغاي!


ۋاقتى: 2013-12-15 12:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، تاللانغان ئەزىزلەر .


ۋاقتى: 2013-12-25 22:14:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«گۇما دىيارى مۇنبىرى» باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ مېنى تاللىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم. دېمەك، «گۇما دىيارى مۇنبىرى» مېنىڭ ئائىلەم بولدى، مېنىڭ تېخىمۇ ئېگىزگە پەرۋاز قىلىشىمغا پۇرسەت ۋە ئىمكان يارىتىپ بېرىۋاتقان ئاسمىنىمغا ئايلاندى دېگەن گەپ. مەن بۇ ئىللىق ئائىلەم ئۈچۈن ئەجىر-ئەمگەكلىرىمنى ئايىمىغايمەن...


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 06:10 , Processed in 0.599530 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش