چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 0

‹‹ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى››ئەسەر قۇبۇل قىلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاپتورلار، ئوقۇرمەنلەر:
«شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنى دەۋرىمىزگە، تۇرمۇشىمىزغا ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەستىقلىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەسلىدىكى بۇ ژۇرنال «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلىغا ئۆزگەرتىلدى. مەزكۇر ژۇرنال «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ۋە بىر قىسىم فونكىسىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا كەڭ ئەدىب-ئوبزورچىلارنىڭ سەھنىسىگە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سىرداش دوستىغا ئايلانغۇسى. شۇڭا كەڭ ئەدىب-ئوبزورچىلارنىڭ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ژۇرنىلىمىزنى قوللىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، ئەسەر ئەۋەتىشىنى ۋە نازارەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەر ئەۋەتىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىمىز:
1. «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى پەسىللىك ئەدەبىي ئوبزور ژۇرنىلى بولغاچقا ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى ئاساسەن ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىيات ھادىسىلىرىگە يېزىلغان ئەدەبىي ئوبزورلار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى بولىدۇ. يەنى ژۇرنال سەھىپىسى ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، پىروزا تەتقىقاتى، شېئىرىيەت تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىد تەتقىقاتى، نەسىر-ئەدەبىي ئاخبارات تەتقىقاتى... (بۇ سەھىپىلەر قۇبۇل قىلىنغان ئەسەرلەرگە قاراپ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ) قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.
2. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، ئىجادىي بولۇشى؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى؛ ياخشىلىق، چىنلىق، گۈزەللىك ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى پاكلاشتۇرىدىغان بولۇشى لازىم. بۇ پىرىنسىپقا مۇخالىپ ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ.
3. ماقالىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، يېڭىلىققا باي، قۇرۇلمىسى پۇختا، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئىزاھلىرى ۋە پايدىلانمىلىرى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇشى كېرەك. بۇ تەلەپكە لايىق بولمىغانلىرى بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ.
4. تەرجىمە ئەسەرلەرگە ئەسلى ئەسەرنى بىرگە ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەسلى ئەسەر ئەۋەتىلمىگەن، ئەسەر مەنبەسى ئېنىق بولمىغان تەرجىمە ئەسەرلەر بىردەك ئىشلىتىلمەيدۇ. تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى چۇقۇم ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەر، ئەدەبىيات ھادىسىلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەرنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك.
5. ئەسەرلەر بىردەك توردىن قۇبۇل قىلىنىدۇ. قەغەزگە يېزىلغان ياكى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلىپ ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەر ئىشلىتىلمەيدۇ. شۇنداقلا ئەسەرلەر بىردەك ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچتە ئۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.
6. ئەسەر ئاپتورىنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش، ئاپتورلۇق ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قەلەم ھەققىنى تارقىتىش قاتارلىقلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئاپتورلار ئىسىم-فامىلىسى (كىملىك بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك) خىزمەت ئورنى ۋە تەپسىلىي ئادرېسىنىڭ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە تولۇق يېزىلىشىنى، تېلېفون نومۇرى ۋە ئېلخەت ئادرېسى قاتارلىقلارنى ماقالىنىڭ مۇۋاپىق جايىغا يېزىپ قويۇشى كېرەك.
7. ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەردىن ئۆزگەرتىش، تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارالغانلىرىدىن باشقىسى بىردەك قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ئەۋەتىشتىن بۇرۇن زاپاسلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
8. ئاپتورلار ئەسەرلىرىنىڭ ژۇرنالغا بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكىنى ژۇرنالدىن ياكى «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا ئېلان قىلىنغان مۇندەرىجىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز.
9. ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى ژۇنىلىمىزغا تەۋە، باشقا مەتبۇئاتلار كۆچۈرۈپ باسماقچى بولسا چۇقۇم تەھرىر بۆلۈمىمىىز بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك. رادىئو ئىستانىسىلىرى ئېلان قىلماقچى بولسا ئەسەرنىڭ ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.
10. ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت (E-mail)  ئادرېسى:
xjadabiyobzor2014@163.com
Obzor2014@163.com  
                      «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژۇرنىلى تەھرىراتى
                     2014-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 00:37 , Processed in 0.258161 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش