چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 828|ئىنكاس: 2

ئا.ئۈمىد:ئېرىشىش ۋە يوقۇتۇش بۈگۈنگە باغلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئابدۇرەھىمجان يۈسۈپ ئۈمىد

ئېرىشش ۋە يوقۇتۇش بۈگۈنگە باغلىق


     دانىشمەنلەر ئېيتقاندەك ھايات ئۈچ كۈندىن تەركىپ تاپقان ئىنتايىن قىسقا پۇرسەت. تۆنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى،ئەتە تېخى يىتىپ كەلگىنى يوق،بىزنىڭ بارلىقىمىز پەقەت بۈگۈندىلا. بىز بۈگۈن ھايات،بىز بۈگۈن پىكىر قىلالايمىز، قۇياش نۇر چېچىۋاتقان كەڭ دۇنيانى كۆرەلەيمىز.گۈزەللىكتىن زوقلىنالايمىز ،ئەركىنلىكنىڭ پەيزىنى قانغۇچە سۈرەلەيمىز. ھازىردىن باشقىسى بىزگە مەۋھۇم. دېمەك بارلىق ھەركىتىمىز ئۈمىد ۋە تەۋەككۈلچىلىكتىن دېرەك بىرىدۇ. ئەقىلىمىزنىڭ ئەسكەرتىدىغىنى بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ بىپەرۋالىق ئىلكىدە بولماسلىقى كېرەك.
   دۇنياغا كەلدىڭ،ياشىشڭ كېرەك. بەلكى نېمە ئۈچۈنلىكىڭنى،كىملىكىڭنى ۋە نىمە قىلىش كىرەكلىكىڭنى بىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش قەد كۆتىرىپ راۋۇرۇس ياشىشىڭ كېرەك. شۇندىلا ھاياتىڭ ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك بولىدۇ. مەنىلىك ۋە قەرنىلىك بولىدۇ. تەرلىرىڭ قىسمەت ۋە مېھنەت ئېتىزىدا ساڭا ئالتۇن مېۋىلەرنى بېرىدۇ. يەر يۈزىدە قانچىلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ئەزرائىل يىتىپ كەلگەندىمۇ كۆزلەرگە غالىپلىق بىلەن باقالايدىغان قىلىدۇ.
   كىشلەر ھەمىشە«ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن قايسى؟»-دەپ سورىشىدۇ. قايمۇقۇشىدۇ،ئۆزلىرىچە ھەر خىل- ھەر ياڭزا جاۋاپلارنى قىلىشىپ مىنى گەپ قىلدۇرماستىن قايىل قىلماقچى بولىدۇ. بىرسى «تۇغۇلغان كۈن»دەيدۇ،يەنە بىرسى «مۇۋەپپەقيەتكە ئىرشكەن كۈن»دىيشدۇ.يەنە بەزىلەر«يۈز ياشقا تۇلغان كۈن»دەيدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىلا ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك،خوشال ۋە بەختلىك تۇيۇلدىغان بىر ئەستىلىك كۈننى «ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن»دەپ قارايدۇ. قارىماققا ھەممىسىنىڭ خاتا يىرى يوق،ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.بىراق ھاياتنىڭ قىسقىلىقى ۋە ئىزناسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا ئىنسان ئۆمرىدىكى ھەر بىر كۈننىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئويلىنىش ئىچىدە ھىس قىلىپ يىتىمىز.
  ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشنى ئۆلچەم قىلغىنىمىزدا ،يەنى 60ياش ئۆمۈر كۆرىمىز دەپ پەرەز قىلساق جەمىئىي21مىڭ 900كۈن بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ،بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن قىسقىراق بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھامان يوقلۇق دەرگاھىغا قايتىدىغانلىقىمىزنى ئەستىن چىقارمىغان چېغىمىزدىلا ئىنسان ھاياتنىڭ چۇشكە ئوخشاش ئازغىنا جەريان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. ئەگەر سىزنىڭ ئۇخلىغان ۋە بىكار ئۆتكەن ۋاقتىڭىزنى چىقىرۋەتسەك،ئۇ ھالدا سىز ئوتتۇرا ياشقا بارمايلا بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولىسىز . باشقا تۈرلۈك-تالاي ئىشلارغا ئىسىراپ بولغان ۋاقتنى نەزەرگە ئالساق مەۋجۇتلىقىمىزمۇ گومانلىق بولۇپ قالىدۇ.
   ئۇنداقتا ،مەۋجۇتلۇق دېگەن نېمە؟ئۇ بىز بۇ دۇنيادا جان-جەھلىمىز بىلەن قۇغلىشىدىغان ئاخىرقى نىشان. مەقسىتىمىز، كۆرەشلىرىمىز ،مېھنەت-تەرلىرىمىز ،جاپا-مۇشەققىتىمىزنىڭ مىۋىسى. يەنى ھاياتى قىسمەتلىرىمىز ئارقىلىق تىكلىندىغان كىملىك بايرىقىدۇر. بىز دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز تۇرمۇش يولىدا نۇرغۇن نەرسلەرگە ئىرىششىنى خالايمىز .بەخت،غايە ،مۇھەببەت،كەسپ، مۇۋەپپەقىيەت بىزنى دائىم كۆرەشكە ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئىرىشش گاھىدا يۇقۇتۇش بولۇپ چىقىدۇ.  غەرپلىكلەر بىزدىن نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات ئۈستۈنلىكى بىلەن پەرقلىندۇ،ئەمما ئۇلار ئىرىشش بىلەن يۇقۇتۇش ئارلىقىدا تىنەپ-تەمتىرەپ خاتىرجەمسىزلىك دەۋرىگە كىردى .گەرچە ئىجتىمائى پاراۋانلىق،يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئۆزلىرىنى بەخىتسىز ھىس قىلىشقا باشلىدى. چۇنكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى چۇشكۈنلەشتى .ئائىلە جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ئەخلاقى كىرزىسقا پاتتى.  ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش،ھاراق،يالىڭاچلىنىش،شەخسىيەتچىلىك ،مىھرى-مۇھەببەتسىزلىك،ئەقىدىسىزلىك ،ئەنئەنىدىن ياتلىشىش،چىكىدىن ئاشقان ئەركىنلىك،ئۇدۇمسىزلىق ئۇلارنى نىشانسىز كارۋانغا ئوخشىتىپ قويدى. ئۇلارنىڭ بەتبۇيلىرى ھەر خىل ھەر ياڭزا تارقىتىش ۋاستىلىرى تور،تاۋار،ئىستىمال ،ئۇچۇر...شەكىلدە «لېيى بوش»بىر قىسىم كىشلىرىمىزگە يۇقۇپ ئۇلارنى ئاينىتىۋەتتى .ئۇلار غەربلىك بولۇش ئۈچۈن تىنەپ-تەمتىرىمەكتە. غەرپلىكلەر بولسا ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەنئەنىگە سېغىنىماقتا ،ئەنئەنىنى تىرىلدۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا.
  تەرەققىيات ئەنئەنىنىڭ رىلىسىدا ماڭمايدىكەن،پەن تېخنىكدىن ئىبارەت «پاراۋۇز»نىڭ ئاپىرىدىغىنى قىيامەت ھاڭى بولىدۇ. مانا بۇ دۇنياۋى ھەقىقەت. شۇڭا بارلىق يۇكسىلىشلەرنىڭ قايسى يولدا قانداق رەۋىشتە كىتىۋاتقانلىقىغا ھېزى بولۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۇستگە بىزنىڭ بارلىق خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دۇنيادا ،مۇشۇ تۇپراقتا،مۇشۇ بارلىقتا بولىدۇ.ئېرىشكەنلىرىمىز يوقۇتۇش بولۇپ چىقسا بۇنىڭغا پۇتۇنلەي ئۆزىمىز جاۋاپكار بولىمىز . بۇ دۇنيادا ھىچكىم بىر-بىرنىڭ ئۇرنىغا ياشاپ بىرەلمەيدۇ.بىز ئۆزىمىزگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە .ئەگەر ئۆزلۈك يۈگىنى قولىمىزدا تۇرمىسا سەپىرىمىز بىھۇدە بولۇپ چىقىشى تۇرغانلا گەپ .
  ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە گۈزەل ،سىز پەقەت مۇشۇ يۇرۇق دۇنيادىلا ئۆزىڭىز ئۇستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايسىز ۋە ھاياتىڭىزنى خالىغان مەنزىلگە ئېلىپ بارالايسىز. خالىغان نەرسىڭىزگە ئېرىشەلەيسىز ۋە ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق نەرسلەردىن مۇشۇ دۇنيادىلا بەھىرلىنەلەيسىز .پەقەت 20نەچچە يىل(ئىزدىنىش،ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى)لا مەۋجۇت بولىدىغان ۋاقىتتا ھەممە نەرسە تامام بولىدۇ. مەيلى يۈكسەك ئارزۇلاردا بولۇپ ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۇڭ ،مەيلى پەسكەش ئارزۇ-پۇزىتسىيىلەردە بولۇپ مەنىسىز،سۇپەتسىز ئۆتكۈزۇڭ، ماماتلىق پەردىسى يېپىلغاندا ھەممە نەرسە ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتىدۇ. ھاياتلىق كىتابى ئېچىلغان پېتى كۆمۈلىدۇ. بۇ دۇنياغا ئىككىنچى رەت كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت سىز كىيىنكىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاپ قالىسىز. مەڭگۇ داۋاملىشىدىغان يېڭى بىر مەنىۋى ھاياتقا ئىرىشىسىز.  بىراق ،بۇ سىزنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن ئانا خەلقىڭىز ئالدىدىكى ئەقەللى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشىڭىزغا باغلىق .ئۇ بولسىمۇ كىشلىك ھايات خەرىتىسنى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئويغۇنلاشتۇرۇشتۇر. بىزنىڭ ياشاشتىكى ئەڭ چوڭ مەقسىدىمىزمۇ شۇ. شۇنداق ئىكەن خەلقىنىڭ رۇھىغا ،ئېڭىغا ياتلىشىپ ياشاش مۆلچەرلىگۇسىز خاتالىق ۋە جىنايەت بولىدۇ.
   يازنىڭ سالقىن كېچىلىرىدىكى ئېقىن سۇلارنىڭ يېقىملىق شىلدىرلاشلىرى،سۈتتەك ئاق ئاي نۇرلىرى ئاستىدىكى شىرىن پاراڭلار، بوۋايلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى،ئۇيغۇر تىلىغا چۆكىۋاتقان ئوماق بالىڭىزنىڭ تاتلىق گۇڭىراشلىرى،دەرىزە سىرتىدا تاراسلاۋاتقان يامغۇرنىڭ ئېغىر تىۋىشلىرى،چىغىر يوللاردىكى ئارامبەخىش ناخشلار،ئوتلار ئارىسىدىكى چېكەتكىلەرنىڭ تىنىمسىز چىرىلداشلىرى، كۆلدىكى پاقىلارنىڭ كۇكىراشلىرى ،قىشنىڭ سوغۇق كېچىلىرىدىكى شوخ يۇلتۇزلار بىلەن پىچىرلىشىشلار،قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى سېغىنىشلار، توپىلىق يوللاردىكى غۇبارسىز بالىلىق تۇيغۇلىرى ،بوۋا-مومىلار ،ئاتا-ئانىلار ئالدىدىكى شادىمان ھايات كەچمىشلىرى ،مەرىپەت باغچىسىدىكى قوۋناق كۈنلەر مەڭگۇ قايتىلانمايدۇ. كىملەرنىدۇر قاقشاتقىنىڭىز ۋە خۇش قىلغانلىرىڭىز ،كىملەرگىدۇر يالۋۇرغىنىڭىز ۋە يالۋۇرتىۋاتقانلىقىڭىز ،قانچە قېتىملاپ ئەقىدە ۋە رىئاللىق ،ئىتىقاد ۋە ئەمەلىيەت،غايە ۋە چۇش،ئازاپ ۋە خۇشاللىق  رېئاكسىىيلىرىدە قىيىلىنىپ ياش تۆككەنلىرىڭىز ،كىملەرگىدۇر ۋىجدان قەرزىگە بۇغۇلغانلىقىڭىز، ئەل-يۇرت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىڭىز ...نىڭ ھەممىسى ئىككىنىچى رەت ئېسىڭىزنى ئوۋلىيالمايدۇ. ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ئادا قىلىپ بۇلالمايدىغان مەجبۇرىيەتلەر،ئاقلاپ بۇلالمايدىغان بۇرچ،قەرزلەر،تاماملاپ بۇلالمىغان مېھنەتلەر،ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇلالمىغان قىممەتلەر...ئۈچۈن ياش تۈكۈشكىمۇ ئۇلگۈرەلمەيسىز.  شۇڭا ھاياتىڭىزدىكى مەلۇم بىركۈننىلا «ئەڭ گۈزەل»دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. پەقەت ھەر بىر كۈنىڭىزنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاماملاپ مەنىلىك ئۆتكۈزسىڭىزلا ئەمەليەتتىكى ھەر بىر كۈننىڭ، ھەتتا پۇتكۈك ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى چۇشىنىپ يىتەلەيسىز ۋە روياپقا چىقىرالايسىز.  
   ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇشايمان ۋە قەرزدىن ،گۇناھ ۋە جىنايەتتىن مۇستەسنا سەمەرىلىك ۋە بەختلىك ھاياتقا ئىرىشىمەن دەيدىكەنسىز، كىملىكىڭىزنى ئەنئەنىدىن «يىلىك»لەپ ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ رۇھىغا يۆلىنىپ، ھازىرنىڭ ئۈزىدىن باشلاپ ھاياتتىكى ھەقىقى مەنا ۋە گۈزەللىكنى پارلاق كەلگۇسىگە يۈزلەنگەن رىئال قەدەملىرىڭىزدە گۈل ئاچقۇزۇشىڭىز كېرەك. ئەتىنىڭ قانداق بولۇشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر كۈن شۇ كۈنگە خاس ئىشلار بىلەن مەنا تاپقان بولىدۇ.11 -ئەسردە ياشىغان بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈگۈننىڭ خاسىيىتى  ھەققىدە بىزگە مۇنداق تەلىم بىرىدۇ:
نىچۇن ئۇزاتۇرسەن قىلۇر بۇ ئىشىڭ،
تۇلا سوزما ئىش قىل،كىتەر بۇ يېشىڭ.
بۈگۈن قىلساق ئەتە يەنە ئىش بۇلۇر،
ئىش ئۆزرە ئىش بولسا يىغىلىپ قالۇر.
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتە ئۈچۈن قويمىغىل،
ئەتە ئىش بولسا ئۇ قالۇر يەنە بىل .
ۋاقت بولسا زايە پۇشايمان كىيىن ،
ھايات بولسا زايە،كەلمەس باشقىدىن.
ئەقىللىق ئۇقار ئۇل بىلىملىك بىلۇر،
بىلىملىك ئەقىللىق تىلەككە يىتۇر.
    دەر ھەقىقەت، «ۋاقىت ئاتقان ئوق».ئۇنى ئۇخشىتىۋالغىلى،قايتىلىغلى بولمىغان ئىكەن ،چىڭ تۇتۇپ مەنلىك ئۆتكۈزۇش ئەڭ تۇغرا تاللاشتۇر . قىممەت ۋە مەۋجۇتلۇق ۋەجىدىن بىزنىڭ ھاياتىمىز ھامان باشقىلار ئۈچۈن بولىدۇ. مەيلى ئۇ ئەتراپىمىزدىكىلەر ياكى كىيىنكىلەر بولسۇن مۇئەييەن بىر كىملىكتىكى ئۆزىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈننى ئىسىراپ قىلۋەتمەي بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى مېھنەت ئىچىدە گۈزەللىك ۋە قىممەت يارتىشىمىزنىڭ تۇرتكىسى قىلىشىمىز زۇرۇر.
   شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرىشكەنلىرىمىزنىڭ يوقۇتۇش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر بىر ئۇرۇنۇشىمىزنى كىملىك يۈكسەكلىكىدە تەپتىش قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز زۆرۈر. گۈزەل ئەنئەنىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ ،گۈزەل كىشلىك تۇرمۇش بەرپا قىلغان ئادەملەر ئەڭ گۈزەل ئادەملەردۇر. خەلقىمىز رۇھىنى جۇلالاتقان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەر، تۇغرا ئادىمىيەت مىزانلىرى ۋە گۈزەل ئىجتىمائى قاراشلار ئەڭ گۈزەل لىباستۇر. بۇنداق لىباسقا پۈركەنگەنلەر ئاخىرىدا باشپاناھسىز قالمايدۇ. يالىڭاچ قالمايدۇ،مەۋقەسىز ۋە تۈركۈمسىز قالمايدۇ. بەلكى ئەنە شۇ قاتارلىق ئەڭ گۈزەل قەلبى بىلەن گۈزەل كىشلىك ھايات مېلۇدىيىسىنى ياڭرىتىدۇ.
     مەيلى بىز چوڭ بولايلۇق،مەيلى كىچىك بۇلايلۇق، مەيلى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بۇلايلۇق ياكى بولمايلۇق،بۈگۈن ناھايىتى تىزلا ئۈتۈپ كىتىدۇ. ئىرىشىشمۇ،يوقۇتۇشمۇ دەل بۈگۈنگە باغلىق. بىز ھەر قېتىم دۇنيادىن،باشقىلاردىن ۋە ئۆزىمىزدىن  ئاغرىنغىنىمىزدا ئەگەر بۇ مۇقەررەر ھەقىقەتنى ئېسىمىزگە ئالالىغان بولساق،رۇھىمىزدا ئاقىلانە ھېسلار غەليان قىلىپ گۈزەللىك،ئىزگۈلۈك ۋە ئاقىلانىلىك قەلب تارىمىزنى چەكمەي قالمايدۇ. ئەنە شۇ   ئويغىنىش بىلەن گۈزەل تاڭلاردىن تا كەچكى شەپەق تەبەسسۇمىنى يۇقاتقانغا قەدەر مېھنەت ئالىمىگە ئىچكىرىلەپ كىرەلسەكلا ئۇ چاغدا ھەممە گۈزەللىككە،ئۈمىد ۋە قىممەتكە ئايلىنىدۇ.

« شىنجاڭ گېزىتى »نىڭ 2014 – يىل 24 – يانۋار سانىدىن ئېلىندى
چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-3-24 13:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەلىللىكى كۈچلۈك،تەربىيۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ماقالە بوپتۇ.ئىجادىيىتىڭىز يەنىمۇ روناق تاپقاي.
ۋاقتى: 2014-3-25 15:51:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇر قابىلىيىڭىزگە كۆز تەگمىگەي بۇرادەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 05:28 , Processed in 0.181740 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش