بالىلىققا قايتىش
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
قايتىپ كەتتىم قىرىق يېشىمدىن،
بالىلىققا ئوتتۇز يىل يېنىپ.
پۇرىۋالدىم مەرھۇم دادامنىڭ،
بوي بېشىغا مەھكەم چىرمىشىپ.
ئوينىۋالدىم پەرىدەك ئانام،
چاچلىرىغا تازا يۆگىشىپ.
بىر ياستۇقتا قېرىنداشلىرىم،
ياتتۇق قاتار -قاتار ياندىشىپ.
ئۈندىدار يوق جاھاننامىمۇ...
تور دىگەندىن ئەسلا بىخەۋەر،
ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ۋاقىت.
تەنھالىقتىن يوق قىلچە ئەسەر،
ئاھ نىمانچە يىقىملىق مومام،
چۆچەكلەرنىڭ ئەسلى كانى ئۇ،
قوشاق توقۇپ بېيىتلىرىگە،
سېھىرلەپلا قويغان ئىكەنغۇ!
سەرەڭگىنى يورۇتۇپ قىزچاق ،
بولار ئىدى غايىپ كۆزۈمدە،
جادۇگەردىن پاناھلىناي دەپ،
مەختۇمسۇلا قونغان ئۆيۈمدە...
ئەڭ ئاخىرقى شامنىڭ يورىقى،
مۈگدەر ئىدى بىز بىلەن بىللە.
ئارزۇلارغا تولغان چۈشلەرمۇ،
لەۋلىرىمدە قىلاتتى جىلۋە.
تەڭگىلەردەك ئۆتۈپ چەللىدىن،
تاڭنىڭ نۇرى ھىكمەتتىن ئۈلگە.
ۋاز كەچمىدىم ۋاللەيلىرىمدىن،
قونچاق بېقىپ ئەلەيلىرىمدىن.
ئۇتىشىمىز پاخ-پاخ ياسىشىپ،
ئاغرىنىش يوق تەلەيلىرىمدىن.
گاھى سوغۇق گاھى ئىسسىقتىن،
ئويناپ ئاغرىپ ئاشلانغىنىم راست.
مەپتۇن بولۇپ ئۇنتۇپ ئۆزۈمنى ،
بالىلىققا تاشلانغىنىم راست.
قورو- قورو ئاداشلىرىمنىڭ،
قوغلاشقىنى مۆكۈمۈكۈلەڭ.
بالىلىقتا شۇنچە بىغۇبار،
شاتلىقلىرىم تۆكۈتۆكۈلەڭ.
قوشنا ئانا يانچۇقلىرىدا،
ساقلار ئىدى ماڭا نىسىۋە،
قوشنا ئانا مېھرىبان سەندەك،
بارغىن ئانا ئىشقا كېتىۋە.
قۇچىقىغا ئالاتتى مېنى ،
مەن تونۇغان تونىمىغانمۇ،
ئەركىلىتىپ كېتەتتى بىر پەس،
مەن ئۇنىغان ئۇنىمىغانمۇ.
ئولتۇرغۇزۇپ شەيتان ھارۋىدا،
مەدرىسىگە توشۇغان دادام،
مەسلىكى كېپ جېنىم ئاناممۇ،
دەيتتى يارام بولىدۇ بالام.
مەرى ئىسسىق توپىلىق يولنىڭ،
كاتاڭلىرى يىقىتسىمۇ گەر،
ئاسماننى شۇ تىرىۋالغاندەك ،
تۇيۇلاتتى تىرەكلەر ھەر-ھەر.
بىلگۈم كىلەر ئىدى بىر تالاي،
كېچىدىكى يۇلتۇز سىرىنى،
ئاي نىمىشقا ئالتۇن تاۋاقتەك،
لېكىن قوياش ئاپئاق ناۋاتتەك.
نىمىشقا يوق كۈننىڭ ئاپىسى،
ئايغا ھەمرا يوقمۇ دادىسى.
يۇلتۇزلارمۇ كۆرۈنمەس دائىم،
كۆپمىدۇ يا ئۇنىڭ خاپىسى.
چۈشلىرىمدە ئۇچالايمەنكەن،
تۇلپار مىنىپ چاپالايمەنكەن.
كىم قاچىلاپ قويغان مىڭەمگە،
ھەممە سازنى چالالايمەنكەن.
كىيىملەرنى يىغىپ كەتكەن كىم؟
ئۆستەڭ بويى سۇغا چۆمۈلسەك،
بەزگەك بولماي قايتىپ كېتەتتۇق،
قۇملۇقلاردا ،نۇردا كۆمۈلسەك.
بۇرۇت ياساپ شاتۇت رېڭىدە،
يۇيغان ئىدۇق غورا سۈيىدە،
ۋاي بىر نەپەس تىنچىماس ئىدىم،
بالىلىقنىڭ قىم- قىم
كۈيىدە.
****
قايتىپ كەتتىم قىرىق يېشىمدىن،
بالىلىققا ئوتتۇز يىل يېنىپ.
پۇرىۋالدىم مەرھۇم دادامنىڭ،
بوي بېشىغا مەھكەم چىرمىشىپ.
ئوينىۋالدىم پەرىدەك ئانام،
چاچلىرىغا تازا يۆگىشىپ،
بىر ياستۇقتا قېرىنداشلىرىم،
ياتتۇق قاتار -قاتار ياندىشىپ.
ئۇنتۇلمىغان بالىلىقىمنىڭ ،
تۇيغۇسىغا مەھكەم ئىلنىشىپ...
2014-يىلى 1- ئىيۇن(ئاتۇش)