چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 965|ئىنكاس: 2

ئۈمىدجان قادىرى: ھايات ھېكمىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ھايات ھېكمىتى

ئۈمىدجان قادىرى

چىن ئۈمىد ھەمرا كىشىگە بىر گۈزەل دىلبەر ھايات،
تەقدىمى روھقا زىلال ھەم خۇشپۇراق ئەنبەر ھايات.

تاپقۇسى نۇسرەت سىناقتا يەشمىگەن بەلنى ھامان،
ھەر دوقال-مۈشكۈلدە ئارتقا قايتمىغان قەيسەر،ھايات.

يولمۇ كۆپ،مەنزىل ئۇزاقتا،گاھىدا دەريا تورار،
ئۈزگىلى چۈشسەڭ ئۇنىڭغا غالىبى پەيكەر ھايات.

گاھ يولۇققايسەن جۇدۇنغا،(ئاھ ئۇرۇپ،زارلاش نېمە؟!)،
ئۆچمىسە قەلبىڭدە ئاتەش،چاقنىتار ئەختەر ھايات.

بىرلىرى ھاجەت ئوتۇنغا،بەر ئاڭا تەرمەچ تېرىپ،
ئۇ سېنى بىلگەي كۆڭۈلدە تائەبەد ئەزھەر ھايات.

ئاھ يەنە دوقمۇشتا ساقلاپ ئازدۇرار شەيتانمۇ بار،
«يەتتە رەت ئۆلچەپ،كېسىلسە،كاملىماس ئەستەر»،ھايات.

ساقلىنىپ ئۆتكىن ئۈمىدجان نائەقىل،نەس پەيلىدىن
قىلغىنىڭ يانغاي ئۆزۈڭگە چالما،يا مەرمەر ھايات.

2015-يىل 6-ئاپرىل پىيالما


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-7 16:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەلنى ئوقۇپ ئۆتكەن ھاياتلىرىمنى ئىسىمدىن يەنە بىر ئۆتكۈزگەندەك بولدۇم.شۇغىنىسى يەنە ئۈچ-تۆت بىيىت قوشۇلغان بولسا زە...
ۋاقتى: 2015-4-7 17:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
ھايات ھەققىدىكى ھىكمەتلىرىڭىز  قۇتلۇق بولغاي !

ھاياتلىقتىكى ئىزنالىرىڭىز  مەر-مەر  بولۇپ يانغاي !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 21:11 , Processed in 0.247772 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش