تۇز بەرسەم
ساتىرا
ئابدۇللا ياقۇپ
ياڭاق چېقىپ بېشىمدا ، يايرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
قۇزغۇن بولۇپ بېغىمدا سايرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
ياتار ئىدىڭ ئېغىلدا ئورۇقلۇقتىن قوپالماي ،
ئەمدى سەمرىپ تۇلۇمدەك ھاڭرىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
ئېلىپ تەلىم تۈلكىدىن ، قاپقان قۇرۇپ كۈلكىدىن ،
ئورا كولاپ يولۇمغا بابلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
چەيلەپ نوتا - شېخىمنى ، كېسىپ غولۇم - تېنىمنى ،
ياغىچىمدا پالتاڭنى ساپلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
پىتنە - غەيۋەت تارىتىپ ، ئاداۋەتنى يامرىتىپ ،
توقۇپ يالغان تۆھمەتنى چاپلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
سېزەلمىگەچ ئەپتىڭنى ، نەدىن بېلەي قەستىڭنى ،
سېلىپ ئوتقا گوشۇمنى قاقلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
قىلسام ساڭا ۋاپانى ، سالدىڭ جەبرى- جاپانى ،
قىلمىشىڭدىن كۆزۈمنى ياشلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟
يۇتتۇم ئەلەم نىھايەت ، يوقكەن مەندەك ھاماقەت ،
مېنى پۇشمان ئوتىغا تاشلىدىڭمۇ تۇز بەرسەم ؟