چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 591|ئىنكاس: 0

تۇز: ماختاشنىڭ ئاقىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ماختاشنىڭ ئاقىۋىتى


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكا ، مۇساجان ئەزىزى ئاكا ، قادىر ئەكبەر ئاكىلار بىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بولغان چېغىمىزدا ئۆتكۈر ئاكا مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئاكىنىڭ بىر كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆتكۈر ئاكا ئەھمەد زىيائى ئاكىدىن سوراپتىكەن :
____ ئەپەندىم ، سىلى ئۆمۈرلىرىدە بىر كىمنى ماختاپ باققانمۇ ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ، بۇ پوقنى يېمىگەن بولغىيتتىلە .
ئەھمەد زىيائى ئاكا كۈلۈپ كېتىپ :
____ بىزدە ئۇنداقلارنى تاپماق دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئوخشايدۇ . ئون ئالتە يېشىمدا بىر رەسۋا بولمىغان بولسام ، كېيىن ماختانچاق ھەم يالغانچى بولۇپ قالاركەنمەن .
شۇ چاغلاردا ئاكام مۇھەممەد فەيزى قەشقەرى رەھمىتى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ھوزۇرىدا كاتىپ ئىكەنتۇق . ئاكامنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەنمۇ كاتىپ كاتىپ بولۇپ كىردىم . تۇرۇپ كۆڭلۈمگە شەيتان كىرىپ ، مەن ئاكامدىن يۇقۇرى ئورۇنغا ئېرشىۋالمايمۇ ، دېگەن تەمە بىلەن ، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ مېنى كاتىپلىققا ئالغىنىغا رەھمەد ئېيتىشنى باھانا قىلىپ ئۇ ئادەمنى مەدھىيلەپ ماختاپ 30 نەچچە كۈبلېت قەسىدە يازدىم . ئۇنى سۈت بىلەن پەتلىگەن ئالاھىدە قەغەزگە راسا چىرايلىق خۈشخەتچىلەپ كۆچۈرۈپ ، چىرايلىق قاتلاپ تۇتۇپ تۇرسام ، مەھمۇد مۇھىتى تورۇسقا تېگەي ، دەپ قالغان ئېگىز بويىنى سەل ئىگىپ گۆرسۈلدەپ دەسسەپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرسە تۇرپان پەدىسىدە :
__ ھوي باللا ، ئىشلەۋاتامسىلە ؟ ____ دەپلا ئىچكىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىدىغان . بۇ قېتىم مېنىڭ ئىشىك ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ :
____ ھە ، ئەھمەد بالام ، گېپىڭ بارما ؟ _____ دېدى بوم ئاۋازى بىلەن .
_____ خوش تەقسىر ، ______ دېدىم بېشىمنى ئېگىپ .
__ خوش تەقسىرىڭنى قويۇپ ، گىپىڭ بولسا ئۇدۇللا دەۋەر ، ئوغۇل بالا دېگەن مەزلۇم سۈپەت بولۋالسا قاملاشمايدۇ .
تىترەپ ، تەرلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاتلاقلىق قەسىدەمنى بەردىم . ئۇ گۇرسۇلدەپ دەسسەپ كىرىپ كەتتى . پەم بىلەن جايىمغا كەلدىم-دە ، باش كۆتۈرمەي مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقان ئاكامغا يەر تېگىدىن قاراپ ، ئىچىمدە : « بىچچارە ، مېنى مەھمۇد سىجاڭغا سەن تونۇشتۇرغانتىڭ . ئەمدى سىجاڭ مېنى سەندىن ياخشى كۆرۈپ ، ئەتىۋارلاپ ئۆستۈردىغان بولدى . مەن زادى سەندىن ئۈستۈن تۇرمىسام بولمايدۇ » دەپ خۇشاللىقىمدىن ئىچىمگە سىغماي ئولتۇردۇم . بىر كەمدە ئىچكىرىكى ئىشخاندىن جوزىغا «گۇم » قىلىپ ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ ، ئاندىن سىجاڭنىڭ قاتتىق ھۆركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . كاتىپلار ، مۇھاپىزەتچىلەر تىك تۇرۇپ كېتىشتۇق . مۇھاپىزەتچىلەر ئىچكىرگە ئوقتەك كىرىپ كەتتى . مەھمۇد سىجاڭ :
____ قىنى ھېلىقى يېڭى كەلگەن ھارامزادە مىرزا ، _ دەپ قاتتىق ۋاقىردى .
قوققنىمدىن ھۇشۇمنى يوقاتقىلى تاس قالدىم . مۇھاپىزەتچى يىگىتمۇ تاتىرىپ ، مېنى ئىچكىرگە كىرىشكە ئىشارەت قىلىپ ، ئۆزىنى دالدىغا ئالدى . پۇت قولۇمدا جان يوق ، تەستە ئىچكىرى ئىشخانىغا كىردىم . سىجاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئارىسىدىكى قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدۇ . بۇنى كۆرۈپ بېشىم قېيىپ ، تىزىم پۈكلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم .
___ بۇنى سەن يازدىڭمۇ ؟
__ خوش ..... تەقسىر .
_______ ھۇ ، تەقسىرىڭنىڭ يەتمىش پۇشتىنى ...... مۇشتەك تۇرۇپ ھارامزادىلىكنى نەدىن  ئۈگەندىڭ ؟
بىر تال تۈكۈمدىن مىڭ تامچە تەر قۇيۇلۇپ ، قورققىنىمدىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سىجاڭ سەل يۇمشاپ ، يىلپىز تېرىسى سىلىنغان ياڭاق ياغاچى ئۈستىلىدە ئولتۇردى .
_____ دەپ باقە ، نېمە مەقسەتتە مېنى مۇنچە ماختاپ قەسىدە يېزىپ ئۇچۇرۋەتتىڭ ؟ سەن دىندا ئوقۇپسەن ، ھازىرغىچە ياراتقان رەببىمىز ئاللاھنى مەھدىلەپ شۇنچىلىك قەسىدە يېزىپ باقتىڭمۇ ؟
زۇۋانىم تۇتۇلۇپ قالغانلىقتىن ئۈندىمەي تۇردۇ .
____ ئىلمى بار ، دەپ سېنى ئاكاڭ تونۇشتۇردى . بالا بولساڭمۇ ئىشلىسۇن ، دېدىم . يەنى مەندىن نېمىنى تەمە قىلىپ مېنى بەك ماختاپ مەھدىيلىدىڭ ؟ نېمە تەمە قىلغان بولساڭ ئوچۇق دە ، مۇرادىڭغا يەتكۈزەي .
ئىت ياڭقىدەك ئاچچىق تىكەنلىك نەرسە بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ گەپ قىلالمىدىم . گۆشۈيۈپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ سىجاڭ قاتتىق ھۆركۈردى :
____ پۇل تەمە قىلدىڭمۇ ؟ ئالتۇنمۇ ، تىللامۇ ؟ ياكى ئەسكەر باشلىقى بولغۇڭ بارمۇ ؟ مېنىڭ مەنسىپىمنى تەمە قىلغان بولساڭمۇ مانا ھازىرلا بېرەي ......
___ ياق .... تەقسىر .... _______دېگىنىمچە يىقىلىپ چۈشتۈم . مۇھاپىزەتچى يۆلىۋالدى . ھۆڭرەپ ، ئېسەدەپ يىغلاپ ، زادىلا ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم . سىجاڭ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن :
____ پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ، سېنى يۈزۈڭدىن يۈزۈڭگە ماختىغان ئادەمنى قانداق قىل دېگەن ؟! ___ دەپ سورىدى .
____ يۈ .... يۈزىگەتوپا چاچ ، ئۇنداق كىشىلەردىن قاتتىق ھېزى بول ، نېرى قاچ ، دېگەن .
____ بالام ، سەن تېخى گۈدەك ئىكەنسەن ، يۈزۈڭگە توپا چاچسام بولماس . ئەمما بالا تۇرۇپ مۇنداق مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرۋالساڭ ، سەن ئادەم بولماي ،تاپان يالايدىغان لالما ئىت قاتارىدىن قوپىسەن . بىر ئادەمنى يۈز تۇرانە ماختىغان ئادەمدە چوقۇم ئىنتايىن رەزىل قار نىيەت ، پەس غەرەز بولىدۇ . ئۆزىنى ماختىغان ئىنسانمۇ يۈزىگە پەرداز قىلىپ سەتەڭ سۈرتىگە كىرۋالغان پەسەندى خوتۇنلاردەك داپشاق داپ يۈز كىلىدۇ . ئۇياتلىق ئەدەپلىك ، بىلىملىك ، ئىلىملىك ، ئىنسان تەبئەتلىك ئادەم ماختىمايدۇ ، ماختانمايدۇ . ماختىساڭ ، ماختاشقا تېگىشلىك ئەڭ كاتتا ئۇلۇغ زات رەببىمىز ئاللاھنى ماختا . بۇ گەپنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت ، ئىشتىن بوشتىۋىتەي ، دېگەن ، بالا بولغىنىڭ ئۈچۈن ئاتىدارچىلىق قىلاي ، ماڭ چىقىپ ئىشىڭنى قىل ! .....
شۇ چىققانچە ئۈچ كۈن دۈم يىتىپ يىغلىدىم . ئىشخانىغىمۇ ھەرگىز يولىمىدىم . شۇ ئىزا - ئاھانەتلىك ، نۇمۇسلۇق كۆرنىش يۈرۈكىمگە ئورناپ كېتىپ ، شۇندىن ئىتىبارەن  ماختىنىش ۋە ماختاشتىن خالى بولۇپ ياشاپ ئۆتتۈم .
ئۆتكۈر ئاكىنىڭ بۇ ئىبرەتلىك ھېكايىسى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ . خوش ، بۇگۇنكى كۈندىچۇ ؟
خوشامەتچىلىك ئازىييىشنىڭ ئورنىغا شاخلاپ ، زورىيىپ شۇ دەرجىگە يەتتىكى ، مەلۇم مەنپەتنى كۆزلەپ ، مەنسەپ _ ئىمتىياز ئىگىلىرىنى ماختاش ، ئۇلارغا ئولتۇرسا- قوپسا خوشامەت قىلىش ،جەمئىيەت خاراكتېرلىك رەزىل ئىللەتكە ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەلنىڭ ھكرمەت تەختىدىكى مۆتىرەملىرمىزدىن تارتىپ ئاۋام پۇجراغىچە ئۆزىنى ماختاش خاراكتېرىنى ئېلىپ يامراشقا باشلىدى . ماختاش _ ماختىنىشلارنىڭ تېتىقسىزلىقدىن ئادەمنىڭ قۇسقىسى كىلىدۇ . بەزەن كىشىلىرمىز بارغانچە نۇمۇس سەزگۈسىدىن مەھرۇم بولۇپ ، ماختانغانسىرى ئۆلىگىدىن سېسىپ ، بىر پۇلغا قىممەتلىشىپ ، ، باشقىلار كۆزگە ئىلمۇغانچە چۈشكىنلىشىپ ، تىرىككەك ، سەپرا ، چىدىماس ، جىلىخور ، جېدەلخور ، تەمەخور ، دادخور ، ھەسەتخور بولۇپ ئادىمىلىكتىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ .
قېنى ، پىشانىمىزنى سىلىۋىتىپ ئوبدانراق ئويلاپ باقايلى . قايسىمىز قايسى تاغنى يۆتكەپ بەرگەنگە ، قايسىمىز ۋەتەن خەلىق ئۈچۈن قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلۋەتكەنگە شۇنچە ماختىنىمىز ؟ ئەگەر بىز «نۇمۇس » دېگەن ئالى ئىنسان ئىڭىنى ئۇنتۇپ كەتمىەەن بولساق ، ئۆزىمىزنى تولا ماختىمايلى . ئاگاھ ۋە دانا بولايلىكى ، ماختاش ماختىنىش كېسىلى دۇنيانى ۋەھىمىگە سىلىپ ، ئىنسانىيەتتكى ئىنسانلارنى يەپ كەتمەكچى بولغان ئەيدىزدەك ، مىللىتىمىزگە تەرقىلىۋاتىدۇ . «خوشامەتچى - ماختانچاق كۆپەيسە تۈگەشكەننىڭ بەلگىسى ھەم سىگنالى » دېگەندەك ، بۇ رەزىل ئىللەت ئەمىلىيەتتە بىزنى تۇيدۇرماي غەپلەتكە ۋە زاۋاللىققا باشلاۋاتىدۇ .
خۇلاسە كالام ، ھېچقايسىمىز تېخى ئۆزىمىزنى داڭلۇغۇدەك ماختانغۇدەك ئىش قىلمۇدۇق ، شۇڭلاشقا ماختىنىشتىن سەل خىجىل بولايلى . شۇنى يەنى ئۇنۇتمايلىكى ، ئىلىم ئىگىسى ، پەزىلەت ئىگىسى ماختىمايدۇ ، ماختانمايدۇ . لېكىن ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى ئۈنسىز ياخشى خۇي پەيلى ھەركىتى  بىلەن قايىل قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، دۇئاسىغا ، ھەقىقى چىن يۈركىدىن ياخشى كۆرشىگە ئېرشىدۇ . « ئوڭ قولنىڭ ياخشى ئىشىنى سول قول كۆرۈپ قالمىسۇن » دىگەن روھ بىلەن ياشايدۇ .
مەنبە : ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى
ئەزىز بۇرادەر قېرىدىشىم ، ھەرگىزمۇ- ھەرگىز  ئالا كىملەرنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ ھاقارەت قىلىپ بىسىپ، بىر كىملەرنىڭ تاپىننى يالاپ كۆتۈرۈپ  خوشامەت قىلىپ ماختايدىغان نامەرتلەردىن بولماڭ .
مەنبە: مىسرانىم. تورغا يوللىغۇچى: تۇز

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-7 16:19 , Processed in 0.190584 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش