ئوت ئۆركىشى
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
قوقاستىكى يېزىق
مەستلىكىم مەستتۇر نېگار مەستانە قىلغاندىن بېرى،
خەنجىرىي ئىشقى-پىراق باغرىمنى تىلغاندىن بېرى.
سۆيگۈنىڭ ئاستانىسىغا ئۇچۇرۇپ كەلدى سابا،
قايتىدىن دەس تۇرمىدىم ئاھ! دەپ يىقىلغاندىن بېرى.
ئەيلىدىم پەرياد قوقاسلىق تەرلىدى گەردۇن-ساما،
قانىتىم ئۈكلەندى تىلسىم ئوت يېقىلغاندىن بېرى.
قەترە ئەشكىم ئۇسسۇلۇق بولدى يېشىل ياپرىقىغا،
بۇ كۆڭۈل تۇپرىقىدا چوغلۇق ئېچىلغاندىن بېرى.
ئەمدى ئىدراك نۇر ئۇغۇز ۋەسلى ئۇپۇقنىڭ بەرگىدىن،
رىشتە تاقەتنىڭ ئۇچى مەھكەم چېتىلغاندىن بېرى.
ئىستەك بەرقى
چال ساتارىڭنى مۇغەننىي،«چۆل يىراق»قا مەن كېتەي،
ئۆچمىسۇن قەلبىم چوغى ئىشقىي-پىراققا مەن كېتەي.
تاغمۇ-تاغلار ئۈستىدىن ئەگىپ ئۆتەي قۇرغۇي بولۇپ،
ئەڭ ئېگىز چوققىسىدا كۆيگەن چىراققا مەن كېتەي.
ئاي بولۇشتىن ساقلىناي تەنھا مۇڭىدىن تىترىگەن،
رىشتىلىك دىللاردا يانغان ئىشتىياققا مەن كېتەي.
ئېرىگەن كولدۇرما ئاۋازى روھىمنى بويلىسۇن،
ئەگىشىپ كاراۋانلىرىم ماڭسا قاياققا...مەن كېتەي.
تاشلىدىم قاسراق سۇۋاداندەك مۇھەببەت پەسلىدە،
قايتىدىن تاپقان تۇغۇم قوۋناق ھاياتقا مەن كېتەي.
ئۈزدى جان بىھۇش كۆڭۈل
ئۇ سېنىڭ زۇلفىڭ ئەمەس،قامچا يىلاندۇر،بى قىياس،
ھالقا-ھالقا بۇ ۋۇجۇدنى چىرمىغاندۇر بى قىياس.
ئۈزدى جان بىھۇش كۆڭۈل ئاھ! بىر شېرىن نەشتەر بىلەن،
بەرگىنىڭ قايتا ماڭا بەخشەندە جاندۇر،بى قىياس.
يايدى كەڭ روھىم ئۇپۇق،قۇندۇڭ ئاڭا كەپتەر بولۇپ،
سۆيگۈ سەن تۇنجى قېتىم سۈرگەن زۇۋاندۇر،بى قىياس.
تەرلىدىم تەپتى ئىشقتىن بېخ سۈرۈپ قەلبىمدە چوغ،
رەڭ ئەمەس،قىزغۇچ جۇلالىق بەلكى قاندۇر،بى قىياس.
شام يېقىپ
مەشرەپ ئۆيىگە ئەيلىدىم تۈننى غەرق،
مەندىكى سەرگەشتە ھال تىلسىم باياندۇر،بى قىياس.
ياز يېشىل پەرياد بىلەن
ئايلىنار دەرياغا گۈلخان مەن كۆيۈپ ئۆچكەن كۈنى،
ئۇلغىيار سۇنىڭ خىيالى مەن بېرىپ كەچكەن كۈنى.
بولغۇسى ئىللىق خارابە بۇ كۆڭۈل ئاھ! بۇ كۆڭۈل،
مەشۇغۇم ئۆزگە راباتنى جاي قىلىپ كۆچكەن كۈنى.
ياز يېشىل پەرياد بىلەن كۇللى جاھاننى ئايلىنار،
قۇرىغان بىر تۈپ سۇۋادان ئېسىدىن كەچكەن كۈنى...
يالىڭاچلانغاي ۋۇجۇدۇم سۈرگىلى تەلۋە ھۇزۇر،
يار ئۇزۇن ساچىنى قىل قامچا قىلىپ ئەشكەن كۈنى.
بىپايان چەكسىزلىكىنى سىغدۇرالماس بۇ كۆڭۈل،
ئاھ! دىدار يىڭنىسىدە دەردىم كۆزىن تەشكەن كۈنى.
كۆزلىرىڭ ئاھۇسىدىن
چالغىتىپ تۇرساڭ خىيالنى ئويلىماي مۇمكىنمىدى،
سەن يىراق يۇلتۇز،نۇرىڭنى بويلىماي مۇمكىنمىدى.
پۇرقىغان ئوتلۇق نەپەس بادى ساباغا ئايلىنىپ،
بىپايان غەم ۋادىسىدا سويلىماي مۇمكىنمىدى.
تۇرسا باغرىڭدا چىمەنسىتان مەيىن دولقۇنلىنىپ،
ئايرىلىپ پەيتى ھۇشىمدىن ئوينىماي مۇمكىنمىدى.
يالقۇنى قۇتراپ رەشىكنىڭ ئەيلىسە دىلنى تۈتۈن،
ئاھ! سېنىڭ يالغۇزلىقىڭنى تويلىماي مۇمكىنمىدى...
كۆزلىرىڭ ئاھۇسىدىن تۇرسا خەۋپلىك بۇ جېنىم،
ئۇنتۇلۇپ ئۇنتۇشلىرىمنى ئويلىماي مۇمكىنمىدى.
ئاھ ئۇرۇپ دەردىم ئىچىمدە
كۈلگە ئايلاندىم ئۆزۈم،باغرىڭغا ئوت ياققىم تۇرۇپ،
مۇزلىدىم،قەلبىڭ تامان ئەگىز بولۇپ ئاققىم تۇرۇپ.
بۇ ۋۇجۇد بولدى قەپەز،ھىجران ئۈنىدىن كەتتى دەز،
بەندۇ-بەنت بولدۇم ئاڭا،قۇشتەك قانات قاققىم تۇرۇپ.
كىرپىكىم تال-تال تۆكۈلدى بەرگى ياپراقتەك سولۇپ،
باقمىدىم نېچۈن ساڭا بىر قايرىلىپ باققىم تۇرۇپ.
ئاھ ئۇرۇپ دەردىم ئىچىمدە بۆك-باراخسان شاخلىدى،
كەتتى ياز پىنھان ئۆتۈپ،دوپپاڭغا گۈل تاققىم تۇرۇپ.
لال قىلىپ شۇنچە ھېيىقتۇرغان ئىكەنسەن ئەسلىسدە،
ئۆز قولۇم بىرلە قەپەزنى چاقمىدىم،چاققىم تۇرۇپ...
بىر نەپەس
مەنكى قۇش مەن ئىزدىگەن زەڭگەر سامانى بىر نەپەس،
ۋاھ! ئىچىمنى چۆرگىلەپ،كەزدىم تالانى بىر نەپەس.
راھىتى مەجھۇل ھاياتنىڭ بەرمىدى روھىمغا تەپ،
مەن ئۆزۈم كۆردۈم راۋا ئىشقى بالانى بىر نەپەس.
ياپرىقىم شۇنچە پەرىشاندۇر زېمىستان ئىشكىدە،
گاھ خىيال كۆكلىمىدە ئاستىم جالانى بىر نەپەس.
مېنى مەن قىلغان بايانلاردىن ئۆزۈمنى تىڭشىدىم،
ئەيلىدىم تەركى بۇ دەم سۇلھى-سالانى بىر نەپەس.
جان ۋاپا مەرغۇلىغا بەخشەندە بولغان ھەرنە پەيت،
دىلبىرىمنىڭ ۋەسلىدىن تاپتىم داۋانى بىر نەپەس.