چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 4

مىرزىگۈل ناسىروف زادى كىم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مىرزىگۈل ناسىروف زادى كىم؟


Rizwangul.jpg

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 - ، 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

بولۇپمۇ قۇددۇس غوجامياروفنىڭ ئىجادىدىكى «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئۇنى مۇزىكا ساھەسىدە يوقىرى نام - ئابرويغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مىللىي قەھرىمان رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازىنى تىكلەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇنداقتا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا تونۇلغان كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروف ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مۇزىكا ئەسىرى - «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسىنىڭ ھېكايىسىنى نەدىن ئالغان؟

مەلۇم بولۇشىچە، 1945 - يىلى 13 - يانىۋاردا غۇلجىدىكى ھەرەمباغنى ئېلىش ئۇرۇشىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان 18 ياشلىق «شەپقەت ھەمشىرەسى» رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسى مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرلىرىدىن مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۇنجى قېتىم قۇددۇس غوجامياروفقا ئاڭلىتىلغان. ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتەك بۇ قەھرىمانلىق روھى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش قۇددۇس غوجامياروفقا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىزۋانگۈل ھەققىدە مۇزىكىلىق ئەسەر ئىشلەپ ئۇنىڭ ئۆلمەس ئوبرازىنى تىكلەشكە بەل باغلىغان.

ئۇنداقتا، قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسىنى كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفقا يەتكۈزگەن مىرزىگۈل ناسىروف زادى كىم؟

مىرزىگۈل ناسىروف ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر رايۇنى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى» غا قاتناشقان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1942 - يىلى بۇيرۇق بويىچە ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىن ئورتا ئاسىياغا قايتۇرۇلغان. ئاندىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن 24 كىشىلىك ئالاھىدە ئەترەت تەركىپىدە تاشكەنتكە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوف ۋە ك گ ب خادىملىرىدىن تۇرسۇن رەھىموف قاتارلىقلاردىن مىللىي ئىنقىلاب ۋە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دەرس ئاڭلىغان. كېيىن ئەنجان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر قىشلاققا ئەۋەتىلىپ ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلغان ھەمدە گېنېرال پولىنوفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلى تەۋەسىگە كىرىشكە تەييارلانغان. 1944 - يىلى سېنتەبىردە مىرزىگۈل ناسىروف بۇ ئالاھىدە ئەترەتنىڭ تەركىپىدە چېگرىدىن ئۆتۈپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھەربىي خادىمى كۇزمىن قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان. شۇندىن باشلاپ مىرزىگۈل ناسىروف مىللىي ئارمىيە سېپىدا نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقا ھەمدە كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەلقەم ئەختەم بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئارمىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي كوماندا بۇيرۇقلىرىنى رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1945 - يىلى يازدا سوپاخۇن پولكى بىلەن بىرلىكتە مۇزداۋاندىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. شۇ يىلى كۈزدە بۇيرۇق بويىچە جەنۇبقا چۈشكەن مىللىي ئارمىيە قىسمى بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتا ئەتراپىدىكى مېدېئو دېگەن جايغا 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا بارغان. ياش ئوفېتسېر مىرزىگۈل ناسىروف بۇ يەردە مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قادىر ھەسەن ۋە قۇددۇس غوجامياروفلار بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ سېستىرا سۈپىتىدە غۇلجىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى، يارىدار ئەسكەرلەرنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ئوق تېگىپ قۇربان بولغانلىقى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگەن. قۇددۇس غوجامياروف مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان رىزۋانگۈل ھەققىدىكى ھېكايىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن. كېيىنچە ئۇ بۇ ھېكايىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆزىنىڭ مەشھۇر سىمفونىيىسى «رىزۋانگۈل» نى يورۇقلۇققا چىقارغان.

مىللىي ئارمىيە ئوفېتسېرى مىرزىگۈل ناسسىروف كېيىنچە بۇيرۇق بويىچە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن. 1991 - يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ياشىنىپ قالغان مىرزىگۈل ناسىروف ئۆزىنىڭ 1940 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى شايىم شابايوفقا سۆزلەپ بەرگەن. شايىم شابايوف مۇشۇ ئاساستا «ھۆججەتلىك قىسسە - مىرزىگۈل» ناملىق ئەسلىمە ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ، 2000 - يىلى ئالماتادا نەشر قىلدۇرغان.

مەنبە:http://anana05.blogbus.com/logs/226441884.html

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-20 12:08:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈل
(سىنفونىيە)
شېئىرى: قادىرھەسەنوف
سىمفونىيىسى:قۇددۇس غۇجامياروف

خەۋەركەلدىگويابىر،
سۇلدى دېگەنقىزىلگۈل،
ۋەتەن ئۈچۈنجان پىدا،
ئەمەسمىدى رىزۋانگۈل.
ئەل داڭقىنى ياد ئىتىپ،
دۈشمەنلەرنىئېتىپ كۈل،
بەلباغلىغان جەڭلەردە،
ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل.
ئۇنتۇلسۇنمۇھېچقاچان،
ئۇنتۇلمايدۇ رىزۋانگۈل،
ئۇبىرتۇزماي ئېچىلىپ،
تۇرغان ئەسلى قىلزىلگۈل.

ياشاش كېرەكسىز كەبى
(رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)

مۇھەممەتجان راشىدىن

يۇرتىڭزنىڭ گۈلزارلىقى راسىت،
ئىسىمىڭىزداگۈل بارلىقى راسىت،
دىدارىڭىزبىزگە رىزۋانگۈل،
قىيامەتلىك دىدارلىقى راسىت!
لېكىن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس قىز سىز،
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەزىزدىن ئەزىز،
ياشىغانلار سىزدەك رىزۋانگۈل،
كەتمەيدىكەن دۇنيادىن ئىزسىز.
پات-پات بۇلۇپ تۇرار گېپىڭىز،
يۈرەكلەردىن ئۆچمەس ئېتىڭىز،
ئۇنتۇلمدىئاتمىش يىل ئاۋۋال،
قارغايازغان قانلىق خېتىڭىز.
ئۇنتۇمىدۇق سىز تۆككەن قاننى،
ئۇنتۇمىدۇق سىز بەرگەن جاننى.
تاغدەك ياشاش ئارزۇ ھەۋەستۇر،
تاغدەك بولماق ھەركىمگە تەس تۇر،
تاشلارقانچە ئېگىز بولسسىمۇ،
لېكىنسىزدەك يۈكسەك ئەمەستۇر.
ۋاراقلىساق تارىخىمىزنى،
ياد ئىتىمىزئەڭ ئاۋۋال سىزنى،
ئىزىڭىزغاشۇڭا رىزۋانگۈل،
سېلىپ قويدۇق ئەۋلادىمىزنى.
قەبرىڭىزنى تاپالماي يۇردۇق،
شۇڭا گۈمبەز ياسالماي يۇردۇق،
يامۇناسىپ داستان يازالماي،
ياكى دەپتەر تاپالماي يۇردۇق.
ھايات سىزنى ئىمتاھان قىلدى،
تارىخ سىزنى قەھرىمان قىلدى،
نامىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇماس،
ئەلنى سىزگەمېھرىبان قىلدى.
كىتاپيازدۇق سىزگەمۇبارەك،
نامىڭىزنى قىلماققا كۆرەك،
كۈڭۈللەرگەبەردۇق تەسەللى،
رۇھىڭىزغا ئۇقۇپ تابارەك.

ئەلنىڭ قىزى رىزۋانگۈل
(ناخشا)
سۈزى ۋە مۇزىكىسى:تەلئەتناسىرى

گۈللەردەكچىراي ئاچقان،
تاڭلارغاكۈلۈپ باققان،
ئەلگەيۈرىكى ياققان،
ئىلى قىزىرىزۋانگۈل.
جەڭگاھتابۇلۇپ قالقان،
ياشلىقى قەدىر تاپقان،
ئىسىسىققېنى يول ئاچقان،
ئەلنىڭ قىزىرىزۋانگۈل.
يوللاردائىزى قالغان،
تىللارداسۈزى قالغان،
دىللارغائۈزى قالغان،
ئۇيغۇر قىزىرىزۋانگۈل.
  
رىزۋانگۈل ھايات
(«رىزۋانگۈل ھايات» نامىلىق داستاننىڭ كىرىش قىسىمى)

رەخىم قاسىم
رىزۋانگۈل سىزنى ئەسكە ئالسام شۇئان،
كۆزيېشىم دەرياسىدا ئاقتى قىيان،
سورىدىم كۆكتە ئۈزگەن ئاي يۇلتۇزدىن:
«ئېيتقىنا،شۇباتۇرقىز كەتتى قايان؟»
ئاي يۇلتۇزھازىدار مۇڭغا پاتتى،
بىرھازاقالدى جىمجىت سۈرمەي زۇۋان.
ۋە ئاخىرئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ،
دەرت تولغانئىچ باغرىنى قىلدى بايان:
«رىزۋانگۈل بەك ياش كەتتى،بەك ياش كەتتى،
ئەمدىلائون توققۇزغا كىرگەن ئاران.
ئېچىلماي ئونگۈلىنىڭ بىرى تېخى،
پانىيدىن باقىيغا ئۇ بولدى راۋان،
رىزۋانگۈل نەدە دەمسەن،ئۇ بار ھايات،
جەننەتنى ئۈزى ئۈچۈن قىلدى ماكان.
چۈنكى ئۇۋەتەننى، خەلىقنى دەپ،
دەھشەتلىك قانلىق جەڭدە بولدى قۇربان،
جەننەتنىڭ ئىىشىكلىرى رىزۋانگۈلدەك،
جان پىدائۇغۇل قىزغا ئۇچۇق ھامان!»
ئاي يۇلتۇزجاۋابىدىن بولدۇم مەمنۇن،
يالقۇنلىق ھىسياتلىرىم ئاتتى ۋولقان.
رىزۋانگۈل كەتتى بىراق شانلىق نامى،
دىللاردا قالدى بۇلۇپ مەڭگۈ داستان.
ۋاقتى: 2013-2-20 16:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-20 16:51  

كۆز چانىقىمغا ياش تولغان ھالدا قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ،شۇنداقلا شۇ قاتاردا  رىزۋانگۇل ھەققىدىكى شېئىرى ھېكايەتلەرنى يەنە قايتا ئوقۇپ چىقتىم.قەھرىمانلىرىمزنىڭ جايى جەننەتتە بولغاي!
ۋاقتى: 2013-2-22 17:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقىتىم تارىخىمىز نىڭ مۇشۇنداق ئىچىنىشلىق قانلىق قىسمەتلىرىنى ئوقۇغۇنۇمدا ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى توختىتال ماي قالىمەن . ئىمكان بولسا ئەشۇ سىمفونىيە بىلەن ناخشىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىلا بوپتىكەن ئاڭلار ئىدىق
ۋاقتى: 2013-2-24 00:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلىيەتتە ئۈچ ۋىلايەت ئنىقىلابى، بىز ئۇيغۇرلار سىتالىننڭ شاھمات تاختىسىدىكى پىچىكىسگە ئايلانغان ۋاقتىمىز خالاس، بەلكىم مىرزىگۈل ناسىروفمۇ سىتالىننىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىنىڭ بىرى بولىشى مۇمكىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 22:36 , Processed in 0.469208 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش