چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4854|ئىنكاس: 14

«ھېجران ناخشىسى» دىن چىققان چاقچاقلار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
"ھېجران ناخشىسى" دىن چىققان چاقچاقلار

ھىجران ناخشىسى

ئابدۇخېلىل مېرخېلىل:

مەن ئەمدى كېتىمەن كۆزۈڭدىن يۇتۇپ ،
قۇچاقلاپ سەن بەرگەن پاتمان ئازاپنى .
يەتكەنسەن ئاقىۋەت تىلەكلىرىڭگە ،
مەن ئۈچۈن كۆز ياشتىن راسلاپ شاراپنى .

ئۆلۈمگە يۈز تۇتۇپ بارىمەن ئۇدۇل ،
جان نېمە ؟ جاناننىڭ ئەھدۇ - ۋاپاسى ،
سەن ئۈچۈن قېنىمدىن رەڭلەرنى بەرگەن ،
ئەقىدە گۈلۈمنىڭ قالدى جاپاسى .

خوش ئەمدى ئۇنتىغىن ، ئەسلىمە مېنى ،
يۇتقۇنۇم قىلقىنىپ ھىجراننىڭ نېنى .
بىر ئۆمۈر شاد ياشاپ ئۆتەرمەن گۈلۈم ،
ساداقەت باغرىغا ئالسىلا سېنى ...

ئابدۇقادىر سادىر

كەتمىگىن يارىغا باتنىغان يىگىت،
ئازاپنى  پاتمانلاپ باقمىغان يىگىت.
جان كۈندە ئاتمايدۇ چېچەك، دەپ قوياي،
ئەسلى سەن بوش يەردە ياتمىغان يىگىت.

«ھېجراننىڭ نېنى» بەك قىرتاق بولارمىش،
پىراقى بوينۇڭغا سىرتماق بولارمىش.
كۆڭۈلنى ئالدىراپ بەرسە«ھە- ھە» دە،
سېنىڭدەك بىتەلەي بويتاق بولارمىش.

ئا. مېرخېلىل

تەنبىھتە تەربىيىلەپ كىچىكلىرىنى ،
ئەتكەيلە ئېچىلغان كىتىكلىرىنى .
گەپ ئارا بوپ قالدى سىرلىرى ئايان ،
سۆزلەپلا ئۆزلىرىنىڭ كېچىكلىرىنى .

تېتىغان بىلىدۇ تەمىنى دەيدۇ،
ھىجراننىڭ نېنى راست قىرتاق بولامدۇ ؟
دىسىلە ، ئارىدا تاشلاپ كەتكۈدەك ،
سۆيگۈمۇ مۇشۇنداق مىرتاق بولامدۇ ؟

كېتەلمەس سېلىنى يارلىرى تاشلاپ ،
كەتسىلا ئەكەپلا يەنە ھاپاشلاپ.
سىلىنى ئەگىمەي قاچاي دېگەنىڭ ،
قۇيۇپلا ئالدىغا تاپانچا تاشلاپ .

دەپتىلا جان كۈندەچېچەكلىمەيدۇ،
راست يەنە پىلەكلەپ خەمەكلىمەيدۇ .
قىچىغى بولمىسا سىلىدەك بوۋاي ،
چاچ تاراپ بۇ يولدا چەمەكلىمەيدۇ .

ئا. سادىر

ئەقىيدە گۈلۈڭنىڭ قاپتۇ جاپاسى،
كەم بولغاچ جاناننىڭ ئەھدۇ- ۋاپاسى.
كۆڭلۈمدىن بىر گۇمان ئۆتتى لىپپىدە،
"ھەي، نېچۈك بولغىتتى يىگىت ساپاسى."

بولمايدۇ ئالغىلى شەنى لاپ بىلەن،
قىزىيدۇ ئۇسسۇلمۇ نەغمە- داپ بىلەن،
نىگارنىڭ مەيلىنى ئۇتىسا، باپ بىلەن،
چىقىدۇ ئەۋجىگە "مەشرەپ" ساداسى.

يىگىتنىڭ پىلىكتەك بولسا بېلى بوش،
بىر كەلگەن ئامەتمۇ كېتەر دېمەي "خۇش"،
كۆز ياشقا لىق تولغان قەدەھلەر قوش- قوش،
قالىدۇ چۆلدەرەپ قەلبىڭ بىناسى.

ئىشەنگەچ ئا. خېلىل ئالىجانابقا،
دوستانە سۆز قاتتىم ئالغان جاۋاپقا،
پاتمىغاي بىھۈدە كۆڭلۈڭ ئازاپقا،
بولسا گەر پېقىرنىڭ سەھۋەن- خاتاسى.

ئا. خېلىل:

يەنە شۇ چاقچاققا چاقچاق

كەتكەنلەر قارىسا سۈلكەت - ساپاغا ،
قالامتىم مەن مۇنداق جەۋرى- جاپاغا .
گۇمانغا گۇماشتا بولۇپ ئاقىۋەت ،
يول قويۇپ يۈرۈپلا يەنە خاتاغا .

شەھەرنى شەمشەردە ئالمىقىمىز بار ،
كەلمەيدۇ شەھەرمۇ لاپ ۋە تاماغا .
بەلنى بىر ھەقىقى تەكشۈرمەي تۇرۇپ ،
چۈشمەيلى ئالدىراپ ئۇسۇل- ساماغا .

ئاتىلار ئۇدۇمى بولغاچ نىشانىم ،
ئەزەلدىن سادىقمەن ئەھدۇ- ۋاپاغا .
ئارتۇقى سۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە ھېساپ ،
نىگارمۇ تۇرمايدۇ قۇرۇق ھابباغا ...

نىگارنىڭ كۆڭلىنى لاپ بىلەن ئۇتقان ،
يىگىتلەر كىرمەيدۇ ھەرگىز قاتاغا .
كىمىكى سۆيگۈگە قىلسا ساختىلىق ،
ساداقەت مۈشىنى يەيدۇ  ماخاغا .

بايقىسام داپلىرى قىزىپ تۇراركەن ،
قىزىسا يەكمۇ- يەك چىقسۇن تالاغا .
مېنىغۇ نىگارنىڭ تاشلىغىنى يوق ،
تاشلىسا باراملا سۈلھى- سالاغا .

چۆل ئەمەس گۈلۈستان قەلبىم دالاسى ،
سەيلىگاھ بولغۇسى قاشى قاراغا .
نىگارنىڭ پىقىرنى تاشلاپ كەتكىنى ،
ھار كەپتۇ سېلىدەك باغرى ياراغا .

ئا. سادىر:

شەھەرنى پەم بىلەن ئالغانلىرى راست،
ئېپ تۇرۇپ تالادا قالغانلىرى راست،
ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ، ئىڭەكلىرىگە-
ئۆزلىرى بىر تەستەك سالغانلىرى راست.

قىزىتماي چالغان داپ بەرمەيدۇ سادا،
يەكمۇ- يەك چىقساقمۇ تالا- شۇ تالا.
كەتكەنگە نېمە غەم تۇتۇشقان بىلەن؟
مۇھتاجدۇر ئەسلى ئۇ جىڭ رەھنىماغا.

ئۆلسەممۇ بارمايمەن سۈلھى- سالاغا،
قالغۇم يوق بىھۈدە تۆھمەت- يالاغا.
نە بولسا ئۆزلەگە بولسۇن بىر يولى،
ھاللىرى ئامانەت تەقدىر خۇداغا.

"سەيلىگاھ دىللىرى قاشى قاراغا"،
يار بولغاي ئەبەتلىك سالقىن ھاۋاغا.
بىرلا گەپ، شاماللار چەكسە ئىشىكنى،
"ھارماڭ!" دەپ چىقمىسلا باشتاق تالاغا.

يار دېگەن كەلمەيدۇ شامال سۈرەتتە،
كۆتۈرۈپ مېھرىنى بامبۇك سۆۋەتتە.
ئۆزلەغۇ بەك موللا ئۈشبۇ جەھەتتە،
كەتمىگەي ئىش ئەمدى ھەرگىز خاتاغا

(داۋامى چىقىپ قالسا، ئۇلاپ يوللىنىدۇ)



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-10 21:46:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ چاقچاقلار باشلانغىلى خېلى بولغان. گۇما دىيارىدىكى مۇھتەرەملەرمۇ ھۇزۇر ئالسۇن دەپ رەتلەپ قويدۇم. داۋامى چىقىپ قالسا، ئۇلاپ يوللاپ قويىمەن.


ۋاقتى: 2012-8-10 22:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،ۋاھ تازا قىزىغان چاقچاقلار بوپتۇ. تازا ھوزۇرلاندۇق-تە.بولسا يەنە داۋاملاشقاي!


ۋاقتى: 2012-8-11 01:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدغان چاخچاقلاركەن، ئىككى تۇلپار بەيگىگە چۈشكەندەك.


ۋاقتى: 2012-8-11 13:11:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان چاقچاقلاركەن، ئىككى شائىرلا ئىي تىشماي ياندىشالايدىغانلار بوسا  جۆر بولغان بولسا تىخىمۇ قىززىپ كىتەركەن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-11 13:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا. خېلىل:
جاۋاپقا  جاۋاپ


ئاچچىقلاش كېتەمدۇ تاشلاپ كەتكەنگە ،
مەنمۇ كۆز تاشلايمەن قولۇم يەتكەنگە .
ئات بىلەن تىپىشىپ چىدىغان تۇرۇپ ،
مەن نىچۈك چىدىماي توخۇ تەپكەنگە .

بارمايمەن دەپتىلا سۈلھى سالاغا ،
ئۆلەملا بىر نۆۋەت بويۇن ئەگكەنگە.
ئۆلسە گەر بىر ئادەم تۆت ئادەم كۆمەر ،
ئالدىرىماي تۇرسىلا قۇيرۇق چەگكەنگە .

مېھىرنى سالغىنى بولسا سېۋەتكە ،
توشۇمدۇ بۇ سۆيگۈ ئېتەكلىگەنگە .
سىلىنىڭ يارلىرى ھەرگىز ياشلىماي ،
چۆپ كۆرسە ماڭامدۇ يېتەكلىگەنگە .

‹‹ كەتكەنگە نېمە غەم تۇتۇشقان ›› دەپلا ،
نېمە دەي ئەمدى بۇ كېكەچلىگەگە .
بۇ شېئىرنى نىمىشقا كۆرسەتكەندىمەن ،
سىلىدەك ھەسرىتى چېچەكلىگەنگە .

ئاخىرىقى سۆزلىرى ئوخشاپراق قاپتۇ ،
ساقچىلار ئېغىزنى پېچەتلىگەنگە .
ئۈگۈنۈپ قاللىمۇ پىنسۇنيىر ساقچى ،
ئۆلمىگەن ئادەمنى كېپەنلىگەنگە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 13:48  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-11 13:49:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە جاۋاپ

ئا. سادىر:
ئاچچىقلاپ يۈرمىدىم چۆچەكلىرىگە،
تاشلىدىم گۈل ئەسلى ئېتەكلىرىگە.
ھېسابنى مېنىڭدىن ئالىمەن دەملا،
كاج قىسمەت مىق قاقسا پېتەكلىرىگە؟

سىلىغۇ چىدايلا "توخۇ تەپكەنگە".
چىدىغان تۇرۇقلۇق يارى كەتكەنگە.
"ئۆلۈمگە بارىمەن" دېگەن گەپلىرى،
ئوخشاپتۇ ئۆزىنى تالاق ئەتكەنگە.

"بوينۇڭنى ئەگ" دەپلا، ئەگسەم ناۋادا،
بىر ئەمەس، مىڭ قېتىم ئۆلگەنلىكىم شۇ.
غۇرۇرنى كېپەنلەپ سۈلھى- سالادا،
تۇپراققا نېشانسىز كۆمگەنلىكىم شۇ.

چۆپ سالسا قارىماي كەتكەچ يارلىرى،
جۇت تەگكەن ئوخشايدۇ چېچەكلىرىگە.
"ھېجرانلىق ناخشا" نى كۆرگەن كۆزۈمنى،
تاشلىغۇم كېپ كەتتى چىلەكلىرىگە.

"ئات بىلەن تېپىشكەن" باتۇر ئۇنامتى،
"ساقچىلار ئېغىزنى پېچەتلىگەنگە"؟
ئەسلىدە بىر نوقتا لازىم ئىكەندۇق،
سىلىدەك ھە دېمەي تېپىچەكلىگەنگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-11 13:50  



ۋاقتى: 2012-8-11 14:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھۇي شائىرلار توختاپ قالماڭلار !مەرھەمەت! بىرمەيدان ئويۇن كۆرگەندەك  خوش بولىۋاتىمەن


ۋاقتى: 2012-8-11 23:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاق-چاقلار قىزىپ كىتىپتۇ نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق كۆرمىگەندىمە.ۋاي ئىسىت.....


ۋاقتى: 2012-8-12 09:24:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلار داۋاملاشقاي.
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،  نەچچە ئوقۇسىىمۇ زىرىكمىگىدەك كىشى.


ۋاقتى: 2012-8-12 19:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاخىرى...؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-13 12:51:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئاخىرى!

ئا. خېلىل:
يەنە بىر جاۋاپ

تاشلىغان گۈللىرى ئېتەكلىرىمدە ،
سىلى مىق كۆرۈپلا پىتەكلىرمدە .
يىراقتىن كەلمىسە پەشۋالار ئۇچۇپ ،
تەپكىدەك توخۇ يوق كېتەكلىرىمدە .

ئۆلۈمگە ئۇدۇللا بارغانلار قاچان ،
ئوخشىغان ئۆزىنى تالاق ئەتكەنگە .
بۇ سۆزنى ئوخشاتتىم  ساپ- ساق تۇغۇمنى ،
قولتۇققا قىستۇرۇپ پالاق ئەتكەنگە .

‹‹ ئېگىلگەن بويۇننى قىلىچ كەسمەس ›› دەپ ،
ئاتىلار دېگەنكەن بىلىپ قويسىلا .
سىلىدىن سۆزدە بىر كۇپرىلىق ئۆتتى ،
كىندىكتىن چىقىرىپ تىنىپ قويسىلا .

سىلىچە بىراۋنىڭ ئالدىغا بېرىش ،
غۇرۇرنى كېپەنلەپ كۆمۈش بولامدۇ .
ھەق ئۈچۈن بويۇننى بىرەر رەت ئىگىش ،
بىر ئەمەس مىڭ قېتىم ئۆلۈش بولامدۇ ؟

سىلىچە يار كەتسە تاشلاپ يىرىققا ،
ئېچىلغان چېچەكلەر جۇتتا قالامدۇ .
چېلەككە تاشلىماق بولغان كۆزلىرى ،
ھىجرانلىق پېقىرغا مۇتقا قالامدۇ ؟

ئاڭلىسام ئىلگىرى ئوغرى - يالغاننى ،
ئەدەپلەپ يۈرۈپلا قولنى كويزىلاپ .
ئۈگەنگەن خۇيلىرى ئۆلگۈچە قالماي ،
يۈرسىلە بولامدۇ بىزنى نوختىلاپ .

تۈگسىلە نوختىنى ئۆلچەپرەك باشقا ،
قېنى بىر سالماملا پېقىردەك شاشقا .
ئۆزگىنى نوختىغا سالىمەن دېگەن ،
ھەرقاچان دۇم چۈشەر پۇتلىشىپ تاشقا ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 12:52  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-13 12:54:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا. سادىر:
خاتىمە

چاقچاقنى قانغىچە قىلىشىپ ئۆتتۇق،
گاھ راۋان، گاھىدا پېلىشىپ ئۆتتۇق.
مېنىڭچە، جەنۇپ ۋە شىمال قەلبىنى،
چىن دوستلۇق كۆلىگە چىلىشىپ ئۆتتۇق.

خۇش بولدى يارانلار دوستلۇق كۈيىدىن،
دەي- دەيگە سېلىشمۇ قالمىدى چالا.
نە بولسا ئىككىمىز بولۇپ قالمىدۇق،
"ھە!" دېسە ئىشتانغا چىقارغان بالا.

بولمىغاچ مۇددىئا "شۆھرەت" تىن ئەسلى،
"قېنى كىم ئەڭ..." گىمۇ تاشلاشمىدۇق پال.
دوستلۇقتىن ئەۋجىگەن قايناق ئېقىندا،
يانمۇ- يان ئۈزۈشتۇق يىگىت بىلەن چال.

مەن دەيمەن، ئا. خېلىل قاتقان ھەزىلدە
ھۆرمەتنىڭ جامىدا ئۇزاتقان چاي بار.
شۇ بائىس پېقىرنىڭ كۆڭۈل قېتىدا،
ئىززەتتىن راسلىغان ئالتۇن ساراي بار.

دوستلۇق دەپ سەھۋەنگە كەتكەن بولسا تىل،
ئۈزىرلىك قوللىرىم كۆكسۈمدە خېجىل.
چاي قويۇپ بىر كۈنى كۆڭۈل ئالارمەن،
كېچىرگەي كۆڭلى كەڭ، ئېنىم ئا. خېلىل.

يۈرمەيلى ئىز قوغلاپ كەينىدىن ئەمدى
يېراقلاپ كەتتى بەك "ھېجران ناخشىسى"،
بوپ قالسا ئىرادەت يېڭى سەپەرگە،
بىللە ئات سالارمىز شۇ چاغ ياخشىسى.

2012-يىل 13- ئاۋغۇست، گۇما.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 12:55  



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-13 12:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى يوق، ماقىما؟


ۋاقتى: 2012-8-14 20:22:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلمى، دوستانە، بۇلاق سۈيىدەك تېتىملىق مۇشائىرە-چاقچاقلارنى كۆرسەم ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن.ئىككى ساھىپ قەلەم دوستىمىزنىڭ يۇقارقى چاقچاقلىرى بىر قېتىم تېلىقىپ كۈلۈشۇمگە سەۋەپ بولدى.تەۋەررۈك ئەنئەنەلىرىمىز خۇشچاقچاق ئەھلى قەلەم سەركىلىرىمىزنىڭ رىغبەت-ئىلھامىدا چىچەكلەپ مىۋە بەرگۇسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:35 , Processed in 0.604504 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش