چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 3703|ئىنكاس: 11

بىر بايانات،بىر قەسەم(خۇشخۇي)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى غەزەل
قەسەم
كۈندە ئىلھام باغرىدا شات ئاقىمەن،
يۈرىكىمنى ئەل- ۋەتەنگە ياقىمەن.
سايىسى كەلسە رەقىبنىڭ بۇ تامان،
چىشلىرىنىڭ بىرنى قويماي چاقىمەن.
مەن ئاشۇنداق جان پىدا دەرۋازىۋەن،
قىشۇ-ياز چىگرانى ئوبدان باقىمەن.
ئىت نېمە ھەتتا بۆرە قىلسا خىرىس،
ئۇنى يەرگە نەچچە ئون گەز  قاقىمەن.
دىل بېرىپ شۇنداق ساداقەتتە ئاڭا،
كۆكرىكىمگە شان مىدالى تاقىمەن.
بايانات
مەن شېئىر يازىمەن ئوڭ قولۇم بىلەن،
باغرىمدا دەرت-پىراق مىڭ تۇلۇم بىلەن.
يازمىسام قىينايدۇ ۋىجدانىم مېنى،
يازىمەن ئىزىقماي ئۆز يولۇم بىلەن.
پىراقنىڭ ئەلچىسى چەككەندە ئىشىك،
مىسرالار يامرايدۇ ئوڭ- سولۇم بىلەن.
يىقىلسا تاغ ئەگەر دوستلار بېشىغا،
تىرەيمەن شېئىر كۈچ،تەن- غولۇم بىلەن.
مەن شۇنداق شېئىرغا ئاشىق- پەيۋەندە،
يايرايمەن كۈيگە باي بۇلبۇلۇم بىلەن.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-6-29 13:26:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادنىڭ كۆكىدە قۇچۇپ شان-زەپەر،
ئەتىگە يول ئالاي دۇلدۇلۇم بىلەن........دەپ ھە ھى ھى....


ۋاقتى: 2012-6-29 18:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسام نە ئارمان،جان پىدا قىلىپ،
شىئېرغا پەيۋەندە  دوستلۇرۇم بىلەن !


ۋاقتى: 2012-6-29 19:06:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىللىتاي شېئىرغا ئاشىنالەرنىڭ،
دىلىنى يالقۇنلۇق ئوتلۇرۇم بىلەن!


ۋاقتى: 2012-6-30 14:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شا ئېرنىڭ شىئرېغا بولغان قايناق ھىسياتى، مۇھەببەتى بىلەن دەر ۋازىۋەن گە بولغان ھۆرمىتى ئىككى ياقىلىمىلىق تەرەپ تىن ناھايىتى ياخشى يورۇتۇلۇپ ئۆز ئىپادىسىنى تىپىپ تۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 14:26  



ۋاقتى: 2012-6-30 23:34:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېزەللەرنىڭ پىكىرى، تىلى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلار يۇقىرى ماھارەتتە چىقىپتۇ.ئىلگىرلەش زور! ماۋۇ
ئىت نېمە ھەتتا بۆرە قىلسا خىرىس، دېگەن مىسىرادىكى ۋەزىننى ئوڭشاش ئۈچۈن:
ئىت نېمە، ھەتتاكى بۆرە كەلسىمۇ، ياكى ئىت نېمە، ھەتتاكى بۆرە قىلسا قەست، دەپ ئالساق قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەمشادى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-30 23:36  



ۋاقتى: 2012-7-4 14:49:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى غەزەللەرگە ياخشى ياندىشىش باركەن-ھە!


ۋاقتى: 2012-7-4 17:08:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان غەزەللەرگە تەبەسسۇم،ئەھەدى ئەپەندىلەرنىڭ يانداشمىلىرىمۇ ياىشى چىقىپتۇ.ئەزىزلەرنىڭ تېنى سالامەت بولغاي!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-8 19:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ غەزەلىمگە يانداشقىنىغا ۋە قىممەتلىك تەكلىپ بەرگىنىگە رەھمەت.


ۋاقتى: 2012-8-5 00:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ بۇ ئىككى غەزىلىنى ئوقۇپ چاڭقىغان دىلىم ئۇسسۇزلۇقققا قانغاندەك بولدى، رەخمەت سىلىگە ئۇئستاز، مۇشۇنداق ياخشى غەزەللەرنى داۋاملىق يىزىپ تۇرۇشلىرىغا تىلەكداشمەن!


ۋاقتى: 2012-8-17 00:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               قەسەم

كۈندە ئىلھام باغرىدا شات ئاقىمەن،
يۈرىكىمنى ئەل- ۋەتەنگە ياقىمەن.
سايىسى كەلسە رەقىبنىڭ بۇ تامان،
چىشلىرىنىڭ بىرنى قويماي چاقىمەن

پاھ...پاھ...پاھ.................. خۇشخۇي ئەپەندىمنىڭ بۇ شئىرىنىڭ قاملاشقىنىنى، ئىلھام دىگەن  بار يەردە يەنىلا كۆپ  جۇما ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SULTAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 00:38  



ۋاقتى: 2012-8-17 02:34:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتۇڭلاردىكى دىھقانلار كوپ زىيان تارتىپتۇىھە، ئاللاھ بىرە شۇ بەندىلەرگىمۇ؟


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:16 , Processed in 1.155882 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش