چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 2

ياپونلار ئۇيغۇرنى تونۇۋاتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 11:38:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ياپونلار ئۇيغۇرنى تونۇۋاتىدۇ

yipak.jpg

ــــ ئادىلە ئىسمائىلنىڭ «يىپەك يولى ساياھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى» ناملىق قوللانما كىتابى ياپونىيەدە نەشىر قىلىنىپ داغدۇغىلىق بازارغا سېلىندى

     1991-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجىدە پۈتكۈزۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن ياپونىيەگە چىقىپ، تىل ئۆگىنىۋاتقان  ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى، تەتقىقاتچى ئادىلە ئىسمائىلنىڭ 2015- يىل 12-ئايدا  ياپون يېزىقىدا نەشر قىلىنغان «يىپەك يولى ساياھىتىدىكى ئۇيغۇر تىلى» ناملىق قوللانما كىتابى  كەڭ ياپون كىتابخانىلىرىدا داغدۇغىلىق بازارغا سېلىنىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇنىۋېرسال چۈشەنچە بەرگەن تۇنجى نەشر ئەپكارى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى.
  ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر رايونىغا بولغان تونۇشى ۋە قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتلىرىغا يول ئېچىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بۇ قوللانمىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، تىل-يېزىق ئالاھىدىلىكى، گۈزەل سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەت، ۋە، تۇرمۇش شارائىتى، ئاسارە-ئەتىقە ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى ئۇنىۋېرسال مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بولۇپ، پاكىت-ئىستاتىستىكىلار  سۈرەت ۋە ماتېرىياللار  ئارقىلىق تەپسىلىي ۋە ئىشەنچلىك تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، كىتابنىڭ باش نازارەتچىسى ۋە سۈرەتچىلىككە مەسئۇل ئىككى خادىمنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر يەتتە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى كەڭ يېزا-شەھەرلەرگە ماتېرىيال ئېلىش ۋە تۇرمۇش ئۆگىنىشكە بېرىپ ئىگىلىگەن، ھېس قىلغان ئەمەلىي  تەجرىبىلىرىمۇ ياپونلارنىڭ نەزىرى ۋە تەپەككۇرى نۇقتىسىدىن چىقىپ كىتابتىكى مەزمۇنلارغا سىڭدۈرۈلگەن. ئوخشىمىغان جۇغراپىيەۋى رايونلارنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى ۋە ھازىرقى ئىجتىمائىي شارائىتى؛ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ-چىقىش مەنبەسى؛ خەلق مۇقاملىرى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى؛ ئىسلامىيەت تۈسىدىكى مىمارچىلىق ۋە باشقا نازۇك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ جەلپكارلىقى؛ شەھەر بىلەن يېزا، جەنۇب بىلەن شىمالدىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق چەتئەللىك زىيارەتچى ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان تېمىلارغا ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىلىپ، چىنلىق، ئىنچىكىلىك، قوللىنىلىشچانلىقنى يۇقىرى ئۆلچەم قىلىدىغان ياپون مىللىتىنىڭ تەلىپىگە، ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن.  بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن ياپونلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئەخلاق كۆزقارىشى ۋە تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىكى ئورتاقلىقى تەكىتلىنىپ، ياپونلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى يېتەرلىك غىدىقلىغان. كىتابنىڭ بىر ئۈلۈش قىسمىنى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەر ئىگىلىگەن بولۇپ، گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر، تاۋۇش ئالاھىدىلىكلىرى، سۆزلۈكلەر توپلىمى، ۋە ئوخشىمىغان ئالاقە سورۇنلىرىدىكى زۆرۈر دىيالوگلار، ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئارقىلىق مەيلى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىدىغانلار ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ساياھەت ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن بولسۇن يېتەرلىك ماتېرىيال زاپىسى تەمىنلىگەن.
     ئۇيغۇرلار دۇنيانى چۈشىنىشكە قانچىلىك موھتاج بولسا، دۇنيانىڭمۇ ئۆزلىرىنى چۈشىنىشى ھەم ئېتىراپ قىلىشىغا شۇنچىلىك موھتاج. ياپونلارنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە بولغان پەۋقۇلئاددە مۇھەببىتى ئۇلارنى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارغا قىزىقتۇرالايدۇ. مىڭ ئۆيلەردىكى بىباھا بۇددىست يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر ساياھىتىگە كۆۋرۈك ياسىيالايدۇ. تىل سىستېمىسىدىكى ئورتاقلىق، ئۆرپ-ئادەتتىكى يېقىنچىلىق ئېلېمېنتلىرى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىغا سەۋەب بولالايدۇ، قاينام-تاشقىنغا، مېھرى-مۇھەببەتكە، زىددىيەت ۋە كۈرەشكە تولغان ساددا، ئىپتىدائىي ھاياتلىق توپى سالقىن ھېسلىرىغا ھارارەت، ئۇنتۇلغان ئۆتمۈشىگە ئەسلىمە بېرەلەيدۇ.     دۇنيا ئۇيغۇرنى تونۇسۇن، خەرىتىنىڭ چەت ياقىسىدا، سىر ۋە سېھىرلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان قەدىمىي ھەم، يېڭى بىر مەۋجۇتلۇقىنى  نامايەن قىلدى.
خەۋەرنى تۆمۈر قادىرى تەييارلىغان

مەنبە:
  http://www.maaripqilar.com/bbs/f ... ge=1&extra=#pid8240
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-12-24 13:01:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدە دېيىلگەندەك دۇنيا ئۇيغۇرنى تونۇسۇن، ئۇيغۇرمۇ دۇنيانى تونۇسۇن!
ۋاقتى: 2016-1-23 23:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبەرەك بۇلسۇن !!!ئۈيغۇرلارنىڭ پەخرى!!!قىز -ئاياللارنىڭ پەخرى سىز،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 12:17 , Processed in 0.545304 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش