تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 5-كۈنى)
1962-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى مارىليىن مونرو MARILYN MONROE قازا قىلغان. مونرو ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق تەنناز ئوبرازى. 1926-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مونرو لوس ئانژېلىستا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىنلا جاپالىق تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، يەتتە ياش ۋاقتىدا ئاپىسى ئۇنى ئەنگلىيەلىك ئەر ئايالغا بېرىۋەتكەن، كېيىن دارلىتاندا تۇرغان. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا توي قىلغان، ئاجراشقان، يەنە توي قىلغان، دېمەك ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدى بىلەنمۇ ئارىلاشقان. ئۇ 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۇ ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە:«مەن بارلىق نەرسىلەردىن زېرىكتىم، كىشىلەرنىڭ مېنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈشىدىن زېرىكتىم» دېگەن، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانمۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنمۇ بۇ تېخى سىر بولۇپ كەلدى.
1948-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى» ئاق تاشلىق كىتابىنى ئىمزالىغان. بۇنىڭدا 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جياڭ جيېشىنى قوللاپ جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە سۆھبەتنىڭ مەغلۇب بولۇش جەريانى بايان قىلىنغان.
1895-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېنگلىس كېكىرتەك راكى بىلەن لوندوندىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان. 1820-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئېنگلىس گېرمانىيەدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنىدى، بىراق دادىسى ئوغلىنىڭ ئۆز ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى مەكتەپتىن چېكىنىشىگە مەجبۇر قىلغان. ئېنگلىس تىرىشچان بولغاچقا، بوش ۋاقىت تاپسىلا تىرىشىپ ئۆگىنەتتى. ئېنگلىس 1841-يىلى ھەربىيلىككە قاتناشقان. ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغلىرىدا، ئۇ دائىم بېرلىن ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ دەرس ئاڭلايتتى. ئۇ 1842-يىلى لوندونغا بارغان چېغىدا، ماركىس بىلەن تونۇشقان، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى. شۇندىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالاقىسى قويۇشلىشىشقا باشلىغان، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان. ئېنگلىس ماركىسنىڭ «كاپىتال» ئەسىرىنى تاماملىشى ئۈچۈن ماركىس ئۈچۈن جىق قۇربانلىقلارنى بەرگەن. ماركىسنىڭ تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا، ئېنگلىس ئۆزى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن. 1883-يىلى ماركىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېنگلىس «كاپىتال» نىڭ 2-3-تومىنى يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ «كاپىتال» نىڭ تەتقىقاتىدىن باشقا، يەنە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.
1850-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فرانسىيەنىڭ يازغۇچىسى مۇپاسسان فرانسىيەنىڭ نورماندى رايونىدا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى پايچەك ھەۋەسكارى، ئاپىسى سەنئەتخۇمار ئىدى. 1870-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. 1871-يىلىدىكى فرانسىيە-پرۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبى بىلەن ئالىي مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالماي، دەسلەپ دېڭىز ئارمىيە تارماقلىرىدا كېيىن مائارىپ مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلغان. شۇ دەۋردىكى داڭلىق يازغۇچى فلوبېرنى ئۇستاز تۇتۇپ يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 1880-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن تەڭ قوزغالغان ئېرسىي خاراكتىرلىك نېرۋا كېسەللىكى تۈپەيلىدىن 1893-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. مۇپاسساننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1880-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما 1890-يىلى كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكىچە بولغان 10 يىل ئارىلىقتا «ھايات»، «چىرايلىق دوست»، «ئارشاڭ»، «ئۆلۈمگە ئوخشاش قەيسەر»، «بىزنىڭ يۈرىكىمىز» دىن ئىبارەت ئالتە پارچە رومان، 300پارچىدىن كۆپرەك پوۋېست، 16 پارچە ھېكايىلەر توپلىمى، ئۈچ پارچە ساياھەت خاتىرىسى، بىر شېئىرلار توپلىمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتكە دائىر مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يازغان مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى. مۇپاسساننىڭ ھېكايىلىرى سان جەھەتتىلا ئەمەس سۈپەت جەھەتتىمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
|