بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 20:50
ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزات
كۆردۈم
(مۇۋەششەھ)
خېزىردەك كۈللى ئالەمنىڭ ھايات داناسىنى كۆردۈم،
كۆزىدىن پارلىغان تاڭنىڭ بۈيۈك مەناسىنى كۆردۈم.
ئۇيۇلتاش بولمىغاي تالقان ئېزىققان ئەزىيەتلەردە،
لاۋا-گۈلخاندا تاۋلانغان ئۈمۈت بەرناسىنى كۆردۈم.
شېرىن بىر قۇش بولۇپ كۆكتە قانات قاقماقنى قۇت بىلسە،
يېڭەر پەرھات ئۇنىڭ مۈشكۈل ئازاپ-سەۋداسىنى كۆردۈم.
خەتەرنى ئەيلىگەچ پايخان بولۇپ پەرھاتقا تەڭ-قۇرداش،
چېچەكلەر مەڭزىدىن كۈلگەن قۇياش سەناسىنى كۆردۈم.
ئۇ باشلار گۈل-گۈلىستانغا مەگەر بۇلبۇلغا ئەگەشسەڭ،
ئىزىدىن ئىز بېسىپ گۈلگۈن ئىجات رەناسىنى كۆردۈم.
يولۇمدا گۈل،قولۇمدا گۈل،كېلەرمەن ئوڭ-سولۇمدا گۈل،
شۇ گۈللەردىن تىزىپ دەستە تاقاش قەناسىنى كۆردۈم!
|