گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2449

تېما

51

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

369854

Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22Rank: 22

تىرىشچان ئەزا گۇما دىيارى ئەزاسى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە ئەزا مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 21:09:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 186- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.




ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش

ئىلىيا بەختىيا

يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،
تۆكۈۋىتىدۇ مىھمان كەلدى ئۆيگە دەپ .
دىسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .

ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن، كۆڭلى گۈل،
باغ-باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى چۆل .
دوستقا دېگەن مىھرى ئوچۇق، كۆڭلى ئاق،
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .

ئەتە-ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،
قۇلۇپ سالماس، قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ .
چۈشەنمەستىن دىسەڭ ئەگەر: بۇ قانداق؟
بىلىپ قويغىن، ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق .

كۆچەت تىكىپ، سايە بولسۇن دەيدۇ ئۇ،
ئۇ سايىدا ئۆزى ئولتۇرسا مەيلىغۇ .
دوست بۇرادەر كۆڭلى تويسا شۇ باغقا،
مەن قاتارغا قوشۇلدۇم دەر شۇ ۋاقتا .

قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،
بىرسى كۈلسە، ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ .
قېرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ خوشنىنى،
ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار دوستىنى .

جاپارىڭمۇ؟ ئۇ جاپادىن قورقمايدۇ،
ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ .
دەردىڭ بولسا ئالىدۇ تەڭ بۆلۈشۈپ،
شاتلىق كۈنى ئولتۇرىدۇ كۈلۈشۈپ .

ناخشا سازسىز، مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،
سەن كۈلمىسەڭ، ئۇ ئېچىلىپ كۈلمەيدۇ .
سەن ئېگىلسەڭ، ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،
ھە، سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن .

ئۇيغۇر دېگەن ياخشىلىققا يارالغان،
بىلىم ئىلمى جاھانغىمۇ تارالغان،
ئوق ئورنىدا ھەمىشەم گۈل ئۈنسۇن دەپ .
ئەمگەك قىلار ئىنسان ئامان بولسۇن! دەپ .
(1975 يىلى )

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:33:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىغۇ شۇنداق ياخشى، لىكىن ھازىر جاھان ئۆزگىرىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:57 , Processed in 0.242226 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش