- تېما
- 316
- ھەمبەھر
- 0
- ھوقۇقى
- 90
- يازما
- 355
- نادىر
- 0
- ئالبوم
- 0
- خاتىرە
- 21
- دوست
- 0
- بلوگ
- 0
- UID
- 2275
- تىزىملاتقان
- 2011-12-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-3
- توردا
- 55 سائەت
- جۇغلانما
- 3390
- قىزغىنلىق
- 866
- تىللا
- 420
- تۆھپە
- 883
   
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 79- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.
ئىنچىكە يولۇچى
بىر تاكسى شوپۇرى پويىز ئىستانىسى ئەتراپىدىن بىر يولۇچى تارتىپتۇ. يولۇچىنىڭ ھەم يۇۋاش ھەم باشقا يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى قويۇشنى ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنى پويىز ئىستانىسى ئەتراپىدا چۆگلىتىۋېرىپتۇ.
ئالتىنچى ئايلانمىغا كەلگەندە يولۇچى بىر ھەيكەلنى كۆرسىتىپ: «سىلەرنىڭ بۇ شەھەردە بۇنداق ھەيكەل ھەجەپ كۆپ ئىكەن، يول بويى ئوخشاشتىن جەمئىي ئالتىنى كۆردۈم» دەپتۇ.
شوپۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپ، كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم خېلى ئىنچىكىكەن» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «شۇنداق بىزنىڭ بۇ يەردە يوللارغا ھەيكەل قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ» دەپتۇ.
يولۇچى بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ: «ھە، ئەسلى مۇنداق ئىكەندە، لېكىن بىر تەرەپنى قەتئىي چۈشەنمىدىم» دەپتۇ.
شوپۇر : «نېمىنى» دەپ سوراپتۇ.
يولۇچى: «نېمە ئۈچۈن ئالتە ھەيكەلنىڭ ئاستىدە ئوخشاش بىر بوۋاي ئالما ساتىدۇ؟» دەپتۇ.
نۆۋەت كىمگە كەلدى
ئىككى شاھمات ماھىرى، شاھمات ئالدىدا نەقمۇ نەق بەش سائەت ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن ھەربىر ئۇرۇققا قاراپ تۇراتتى.
تۇيۇقسىز بىر شاھمات ماھىرى گەپ ئېچىپتۇ: «شاھمات ئويناۋاتقان چاغدا گەپ قىلىشنى قەتئىي قوللىمايتتىم، لېكىن ھازىر گەپ قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە كەلدى. ئەمدىكى نۆۋەت زادى كىمگە كەلدى؟ |
|