گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 1

تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 4-كۈنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 10:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 90- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 4-كۈنى)

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگولۇقلار تۇنجى قېتىم تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بۇغدا چوققىسىغا چىققان. بۇغدا چوققىسى 5445 مېتىر كېلىدۇ. بۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئىشتىن سىرتقى بىر تاغقا يامىشىش ئەترىتى تاماملىغان. بۇ ئەترەت 12 كىشىدىن تەركىب تاپقان. بۇغدا چوققىسى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان چوققا بولۇپ، كەسپىي بولمىغان ئەترەتنىڭ چوققىغا چىقىشى تېخى جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم.

    1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ئالىملىرى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى توغرىسىدىكى يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارا ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى يىغىنىدا ئېلىمىز ئالىملىرى خىمىيە، ماتىماتىكا ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىلمى ئارقىلىق ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن فوسفورنىڭ بىرىكمىسى-فوسفورىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇندىن بۇرۇن ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قاراش بار ئىدى:بەزىلەر ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ئاقسىل دېسە، يەنە بەزىلەر يادرو كىسلاتاسى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، ئاۋۋال يادرو كىسلاتاسى بارلىققا كەلگەن ئاندىن ئاقسىل بارلىققا كەلگەن دېيىشەتتى.

    1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلغان. 1996-يىلى 19-ئىيۇل 26-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنداقلا بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بارلىققا كەلگەنلىكىگە 100 يىل بولغاندا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا مەرىكە ئىدى. جەمئىي 23 تۈردە دۇنيا رىكورتى بۇزۇپ تاشلاندى. مۇسابىقە 20 كۈن داۋاملاشقان، 197 دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بۇ قېتىملىق كاتتا مەرىكىگە قاتناشقان. ئامېرىكا 44 ئالتۇن مېدال بىلەن 1-ئورۇندا، روسىيە 26 ئالتۇن مېدال بىلەن 2-ئورۇندا، گېرمانىيە 20 ئالتۇن مېدال بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان.

    1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. تۈركىيەنىڭ تولۇق نامى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، مەنىسى قەيسەر كىشىلەرنىڭ دۆلىتى. تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ھەر ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بولۇپ، ئاسىيادىكى قىسمى %97 نى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى تۈرك تىلى. 20-ئەسىردە ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 1919-يىلى دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامال ئىنقىلاب قوزغاپ غەلىبە قىلغان. 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

    1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئارافات ئېرۇسالمىدا دۇنياغا كەلگەن. 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئارافات پەلەستىن قوراللىق كۈچىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1950-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1959-يىلى ئارافات «پەلەستىن مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ پەلەستىننىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1994-يىلى 7-ئايدا، ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم، رەھمەت سىزگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.160642 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش