گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 0

جۇڭگو تارىخىدا3-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ۋەقەلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 72- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


جۇڭگو تارىخىدا 3-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر

1890-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو ھازىرىقى زامان داڭلىق پىسخىلوگىيە ئالىمى ئەيۋى تۇغۇلغان.
1906-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگونىڭ چىڭ سولالىسى دەۋىرىدىكى داڭلىق يازغۇچىسى ئەمەلدارلار سورونى ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپورى  لى باۋجىيا ۋاپات بولغان.
1907-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئازادلىق ئارمىيە گېنىرالى بوچىيۇتاۋ تۇغۇلغان.
1915-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تەيۋەنلىك ئىقتىساد ئالىمى، مەركىزى تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاكادىمىكى شىڭ مۇخۇەن تۇغۇلغان.
1923-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى لۇشۈننىڭ «چۇقان» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئەسلى ئىسمى جۇۋ شۇرېن. 1881-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، لۇ شۈن شاڭخەيدە قازا قىلغان. ماۋ زېدۇڭ لۇ شۈننىڭ ئۆچمەك تۆھپىسى ۋە كۈرەش روھىغا تولۇق باھا بېرىپ: لۇشۈن جۇڭگودىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى، ئۇ ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئۇلۇغ ئىنقىلاپچى. لۇشۈننىڭ يۆلىنىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ يۆلىنىشى، دېگەن. لۇشۈن جېجياڭ شاۋشىڭدىن. 1902-يىلى ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن، ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى داۋالاشنىڭ جىسمانىي كېسىلىنى داۋالاشتىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، كەسپىنى يازغۇچىلىققا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «دورا»، «ئاQ نىڭ تەرجىمىھالى»، «سەۋدايىلار خاتىرىسى»، «چۇقان» قاتارلىقلار بار. 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باھالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»-جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋىست مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دوكلات مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار. 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى يەنئەندە قۇرۇلغان، ماۋ زېدۇڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مىللىي ئازادلىقنىڭ چوڭ دەۋرىدە سەنئەت پائالىيىتىنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسېپى فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپىنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بۇرچى ۋە رولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك». لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەدەنىيەت-سەنئەت كادىرلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە قۇرغان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى بولۇپ، نامى 1940-يىلى «لۇشۈن ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلگەن.
1933-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى فىڭ يۈشىياڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
1959-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ماۋزىدۇڭ خىروشوف ئوتتۇرغا قويغان بىرلەشمە فىرونت قۇرۇش تەكلىۋىنى رەت قىلغان.
1965-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلىمىز تۇنجى قېتىم كالا ئېنسۇلىن جەۋھىرىنى سۈنئىي بىرلەشتۈرگەن.
1968-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلىمىزنىڭ نەسىر يازغۇچىسى ياڭ شۇ ۋاپات بولغان.
1972-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى دىڭ شىياۋپىڭ ماۋزىدۇڭغا خەت يازغان.
1978-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ھەربىي ئالىم لورۇيلىياۋ ۋاپات بولغان.
1986-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۈنجى كارخانا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى يۈننەن ساقچىلىرى قارا جەمئىيەتكە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تەشكىللىگەن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.157889 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش