گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 0

تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 3-كۈنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 10:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 65- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


تارىختىكى بۈگۈن(8-ئاينىڭ 3-كۈنى)


2011-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مىسىر زۇڭتۇڭى مۇبارەك سوتلانغان. 1928-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇبارەك نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇشۇنداق بىر ئاددىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان مۇبارەك مىسىرنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مۇبارەكنىڭ كىشىلەرگە تونۇلۇشى قىسىمدىن باشلانغان. 1973-يىلى ئەرەب دۇنياسى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا «ئۆكتەبىر ئۇرۇشى» پارتلىغان. 45 ياشلىق مۇبارەك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى دېگەن نام بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە بۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان. مىسىر ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ غالىب كېلىش تەس بولغان سېھىرگەرلىك ئۇرۇشىغا كۆپ قېتىم زەربە بېرىپ، مىسىرلىقلارنىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرغان. بىر يىلدىن كېيىن مۇبارەك مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلىنىپ، شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ ساداتنىڭ ۋارىسى بولغان. بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادات بىر قېتىملىق ھەربىي پاراتتا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان، شۇ ۋاقىتتا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مۇبارەك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاقىتلىق ئۆتىگەن. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مۇبارەك %98 ئاۋاز بىلەن سايلامدا غەلىبە قازىنىپ، رەسمىي ھالدا مىسىرنىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. مۇبارەكنىڭ سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىشى ئوخشاشلا ئارمىيەدىن باشلاندى. تەختتە ئولتۇرۇپ 30 يىلدىن كېيىنكى 2011-يىلى 2-ئايدا خەلقنىڭ قارشىلىقى ئاستىدا، مۇبارەك تەختتىن چۈشتى شۇنداقلا ھوقۇقىنى ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى تەنتاۋىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. تەنتاۋى ئارقىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مۇبارەكنى نەزەربەند قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى قولغا ئالدى.

    مۇبارەك تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىشنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشتىن باشلاپ، ئىسلاھات ئارقىلىق مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالىمى دوكتۇر جۇ جاۋيى مۇنداق دەيدۇ: راستىنى ئېيتقاندا مۇبارەك مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلگەن. 2008-يىلى دۇنيادا ئاشلىقنىڭ باھاسى ئۆرلىگەندە، مۇبارەك پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسىنى %30 ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلققە ئاشلىق تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى قوللانغان. شۇ سەۋەبتىن مىسىردىكى بىر قىسىم ئاجىز خەلق ئاممىسى مۇبارەكنى ھازىرغا قەدەر قوللاپ كەلمەكتە. مۇبارەك يەنە ئاسىيا، ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، جۇڭگو بىلەنمۇ ئىنتايىن دوستانە ئۆتكەن، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا جۇڭگوغا 9 قېتىم زىيارەتكە كەلگەن. 2008-يىلى ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مۇبارەك ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قاھىرەدىن تۆت c-130 تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن ۋېنچۈەنگە چېدىر ، يوتقان-كۆرپە، دورا ۋە يىمەكلىك ئەۋەتكەن. پارس قولتۇقىدىكى داڭلىق مەنزىلگاھ شام شەيخدا نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسى يۈر بەرگەن، مۇبارەك قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تېررورچىلارنى باستۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مۇبارەكنى ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتتى دەپ تەنقىدلىگەن.
   مۇبارەك نۇرغۇن قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، زۇڭتۇڭ داۋاملىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىۋەرسە بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇبارەك ئۇدا بەش قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، مىسىردا 30 يىل ھوقۇق تۇتتى. ئۇزاق مەزگىل ھوقۇق تۇتۇش مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر پەيدا قىلدى، ئۇ ھوقۇق تۇتقان ئاخىرقى مەزگىلدە، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، مۇبارەككە ئائىت بىر قىسىم گەپ-سۆزلەر تارقىلىشقا باشلىدى. مۇبارەك 2011-يىلى تەختىن چۈشۈپ، ھوقۇقىنى ئوغلى جامالغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن دېگەندەك گەپلەرمۇ بولدى. ئەمما بۇ يىل 2-ئايدا، جامال مۇبارەككە ئوخشاش، تۈرمىگە سولاندى. يەنە مۇبارەكنىڭ چوڭ ئوغلى، سودىگەر ئەھيامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە قولغا ئېلىندى. ئۇلار نامايىش قىلغان خەلقگە ئوق چىقىرىش ،خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەندى. خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىكى ئېستېتىكىسىغا قارىغاندا، مىسىرنىڭ 2010-يىلىدىكى ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 217 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتمەيدىكەن. لېكىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، مۇبارەك جەمەتىنىڭ ئومۇمىي بايلىقى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: مۇبارەك ھوقۇق تۇتقان ئاخىرقى مەزگىلدە، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. مىسىر خەلقى ئىقتىسادنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قىلىشى ۋە سىياسىي چىرىكلىكتىن نارازى بولۇشقا باشلىدى، پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرىدە، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

    ئەمدى مۇبارەكنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە قاراپ باقايلى:

    1928-يىلى 4-ماي، مۇبارەك مىنۇف ئۆلكىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

    1949-1950-يىللىرى مۇبارەك مىسىر ھەربىي ئىنستىتۇتى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان.

    1967-يىلى مۇبارەك 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ھاۋا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان.

    1973-يىلى 1-ئايدا مۇبارەك مىسىر، سۇرىيە ۋە ئىيوردانىيە ئۇرۇش سېپىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئۆكتەبىر ئۇرۇشىدا ھاۋا ئارمىيەسىگە قوماندانلىق قىلغان.

    1981-يىلى 10-ئايدا، سادات قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كىيىن، مۇبارەك مىسىرنىڭ 4-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 6 يىل ئىدى.

    1987-يىلى 10-ئايدا، مۇبارەك داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولغان.
  1993-يىلى 10-ئايدا مۇبارەك 3-قېتىم، 1999-يىلى 10-ئايدا 4-قېتىم زۇڭتۇڭقا داۋاملىق سايلانغان.

    2005-يىلى 9-ئايدا مىسىردا تۇنجى قېتىم بىر قانچە زۇڭتۇڭ نامزاتى قاتناشقان زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇبارەك ھەرقېتىم مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قازانغان.

    2011-يىلى 25-يانۋار، مىسىردا مۇبارەكنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە چوڭ كۆلەملىك نامايىش بولغان.

    2011-يىلى 11-فېۋرال، مۇبارەك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ھوقۇقىنى ئارمىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

    2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېنگلاندتا ئارمىيە كېسىلى بايقالغان. ئېنگلاندنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئارمىيەدە چوڭ قانات ئۆپكە ياللۇغى ئەۋج ئالغان، بىر ئادەم قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 39 كىشى يۇقۇملانغان. بۇ ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ تىپتىكى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى 47 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان كىشىلەر يۇقۇملانغان بولۇپ، بالىلار يۇقۇملانمىغان.

    1965-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز تۇنجى قېتىم كالا ئىنسۇلىنىنىڭ كىرىستالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېنتىزلاپ چىققان. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئەينى ۋاقىتتا تەتقىقات ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.

    1923-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لۇشۈننىڭ «چۇقان» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئەسلى ئىسمى جۇۋ شۇرېن. 1881-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1936-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، لۇ شۈن شاڭخەيدە قازا قىلغان. ماۋ زېدۇڭ لۇ شۈننىڭ ئۆچمەك تۆھپىسى ۋە كۈرەش روھىغا تولۇق باھا بېرىپ: لۇشۈن جۇڭگودىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى، ئۇ ئۇلۇغ يازغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئۇلۇغ ئىنقىلاپچى. لۇشۈننىڭ يۆلىنىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ يۆلىنىشى، دېگەن. لۇشۈن جېجياڭ شاۋشىڭدىن. 1902-يىلى ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىپ، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن، ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى داۋالاشنىڭ جىسمانىي كېسىلىنى داۋالاشتىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ، كەسپىنى يازغۇچىلىققا ئۆزگەرتكەن. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن «دورا»، «ئاQ نىڭ تەرجىمىھالى»، «سەۋدايىلار خاتىرىسى»، «چۇقان» قاتارلىقلار بار. 1998-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باھالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. «لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»-جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پوۋىست مۇكاپاتى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دوكلات مۇكاپاتى قاتارلىقلار بار. 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى يەنئەندە قۇرۇلغان، ماۋ زېدۇڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە سۆز قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مىللىي ئازادلىقنىڭ چوڭ دەۋرىدە سەنئەت پائالىيىتىنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسېپى فاڭجېنىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپىنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بۇرچى ۋە رولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك». لۇشۈن سەنئەت مەكتىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە مەدەنىيەت-سەنئەت كادىرلىرى ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە قۇرغان ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت-سەنئەت مەكتىپى بولۇپ، نامى 1940-يىلى «لۇشۈن ئەدەبىيات-سەنئەت مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلگەن.

    1492-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كولۇمبۇ تۇنجى قېتىم يىراققا سەپەر قىلغان. 1492-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كولۇمبۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىغان. بىراق، قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كولۇمبۇ مەن ئامېرىكا قىتئەسىنى ئەمەس بەلكى ئاسىيا قىتئەسىنى بايقىدىم دەپ قارىغان. چۈنكى ئۇ چاغدا كىشىلەر ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسى ئارىسىدا ئامېرىكا قىتئەسى بارلىقىنى بىلمەيتتى. كولۇمبۇ 1451-يىلى 8-ئايدا ياكى 10-ئايدا ئىتالىيىنىڭ گېنويە شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1506-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىسپانىيەدە قازا قىلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا شەرققە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:54 , Processed in 0.175773 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش