نوبېل مۇكاپاتى - ئۆزىمىزگە نەزەر
بۇ تىما ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى قوزغاش، دۇنياۋى بىلىملەرگە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھاسل قىلىش ۋە ئىلىم پەن ساھەسىدە دۇنياۋى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى ئېلھاملاندۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە يىزىلغان. بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلار شىۋىتسىيە خان جەمەتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان نوبىل مۇكاپاتى تورى (http://www.nobelprize.org) دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا بۇ مەزمۇنلار مۇتلەق توغرىلىققا ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە. ئەگەر يىتەرسىزلىكلەر بولسا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر، تۈزۈتۈش بىرىشلىرىنى سورايمەن.
بۇ ماقالە تۆۋەندىكى بەش بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار
3. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قانداق بەلگىلىنىدۇ ؟ (ئۈلگە: فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى)
4. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە
5. ئاخىرقى سۆز
1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرانسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان) نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.
نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.
2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار
نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:
1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ: تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)
2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)
3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)
4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)
5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)
6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)
7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)
8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)
9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)
10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)
3. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قانداق بەلگىلىنىدۇ ؟ (ئۈلگە: فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى)
نوبېل ۋەسىيتىدە ئىيتقىنىدەك، بايلىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشلىتىپ «فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەنلىكى ئۈچۈن 1901-يىلىدىن باشلاپ «نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ كەلگەن. بۇ مۇكاپات ھەر يىلى 10-ئايدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئەتىگىنى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل مۇكاپاتى كېڭەش ئەزالىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار چىقارغاندىن كىين دەرھال بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. 1901-يىلىدىن باشلاپ 2012-يىلغىچە جەمئىي 103 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 نوبېل مۇكاپاتى يالغۇز بىر كىشىگە، 32 نوبېل ئىككى كىشىگە (يەنى ئىككى كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ)، 33 نوبېل 3 كىشىگە (يەنى ئۈچ كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ) تارقتىپ بىرىلگەن. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە 201 كىشى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 57 ياش بولۇپ، ئەڭ ياش نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسا Frederick G. Banting فىرەدرىك بانتىڭ بولۇپ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا ئەمدىلا 32 ياشتا (1923) ئىدى. بۇ 201 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە پەقەت ئون كىشىلا ئايال بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە 6 يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1974-يىلىدىن بۇيان نوبېل مۇكاپاتى پەقەت ھايات كىشىلەرگە ياكى ئۆلۈمى تېخى ئاشكارىلانمىغان كىشىلەرگە بىرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا روكىفېللفېر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئىممۇنولوگىيە ئالىمى Ralph Steinman راف سىتەيىنمەننىڭ 3 كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان، لىكىن نوبېل كومىتېتدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلگەن.
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ttp://www.nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/prize_awarder
بۇ كېڭەشنىڭ 50 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار 5 ئەزا ۋە بىر سېكىرىتاردىن تەشكىل تاپقان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كاندىداتلار ئىچىدىن ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بىر كىشىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن قەتئىي سۈلھى قىلىنمايدۇ. نوبېل كومتىتىدىكىلەرمۇ كاندىداتلارنى ئۆزى ياكى سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ چىقىپ ئاندىن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان ئورۇن كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى ئەزالىرى؛
2. شىۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ياكى چەتئەللىك ئەزالىرى؛
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن كىشىلەر؛
4. بىرىنچى تارماقتا دىيلگەن توپقا تەۋە بولمىغان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى ئەزالىرى؛
5. شىۋىتسيە ئۇنىۋىرستىتلىرى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق پىرافېسورلىرى ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى دانىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پىرافېسورلار؛
6. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئوخشاش سالاھيەتتكى، مۇكاپاتنىڭ دۆلەت ۋە ئۆز تەتقىقات ساھەلىرىدە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىشىنى كۆزلىگەن، نوبېل كومتىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولغان 6 دىن ئارتۇق پىرافىسورلارنىڭ بىرلەشمىسى؛ ۋە
7. باشقا تەبئىي پەن كەسىپلىرىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەتقىقاتچىلار.
يۇقىرىدىكى 6 ۋە 7-تارماقلاردىكى كىشىلەرنى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئېنىق بىكىتىپ بولىدۇ.
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:
9-ئاي: نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدىۋىلى تارقىتىلىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر 3000 غا يىقىن جەدۋەلنى ئۆزلىرى تاللىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋىرستىت پىرافېسورلىرى ۋە ئىلگىرىكى نوبېل مۇكاپات ئىگىلىرىگە ئەۋەتىدۇ.
2-ئاي: جەدۋەلنى تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى. كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق توشقۇزۇلغان جەدۋەللەر نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم. نوبېك كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئىچىدىن دەسلەپكى نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ.
3-ئايدىن 5-ئايغىچە: مۇتەخەسېسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىش. نوبېل كومىتېتى دەسلەپكى نامزاتلار تىزىملىكىنى ماس ھالدا ئالدىن تاللانغان ھەر قايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ.
6-ئايدىن 8-ئايغىچە: دوكلاتلار يىزىلىدۇ.
9-ئاي: نوبېل كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىغان نامزاتلارنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر ئىككى قېتىملىق مەجلىستا بۇ نامزاتلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.
10-ئاي: نوبېلغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدۇ. ئوغۇز (ئۆكتەبىر) ئېيىنىڭ بېشىدا كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرشكۈچى(لەر) نى تاللاپ، ھىچقانداق مۇرەسسەسىز دەرھال جامائەتكە تاللانغۇچى (لار) نىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.
(ئادەتتە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نوبېلغا ئېرىشكۈچىگە كېچىسى تېلىفۇن قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر ناھايتى ھەيرانلىقتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ ئوغۇزدا قارار قېلىنىشىدىكى سەۋەب نوبېل ئوغۇزدا تۇغۇلغان)
12-ئاي: نوبېل ئىگىلىرى مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى كۆنەك (دىكابىر) نىڭ 10-كۈنى (نوبېل ۋاپات بولغان كۈن) شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتى (نوبېل مېدالى، نوبېل دىپلومى ۋە مۇكاپات سوممىسى يىزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ) نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.
5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە
2009-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىليەلىك بىر ئايال بىئولوگىيە ئالىمى ئادا يوناس (Ada Yonath) بىزگە ئۆزىنىڭ ناھايتى تەسىرلىك ھېكايسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. قېنى قۇلاق سالايكى، ئۇ نىمە دەيدىكىن:
مەن 1939-يىلى ئېرۇسالىمدا ناھايتى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر تۆت ئېغىزلىق بىنا ئۆيدە باشقا ئىككى ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە ئىجارە ئىلىپ تۇراتتۇق. مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم دادامنىڭ كېسىلى ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان ئىشتىياققا مەركەزلىشىدۇ. ناچار شارائىت مېنىڭ غايەت زور قىزىقىشلىرىمنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان ئىدى. بەش يېشىمدىلا، مەن دۇنيانى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر قېتىملىق سىناقتا مەن بىزنىڭ كىچىككىنە بالكونىمىزنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆي ئىچىدىكى جاھازلار ئارقىلىق ئۆلىچىمەكچى بولدۇم. مەن بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئۈستەلنى قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۆلەنچۈكلۈك ۋە يۆلەنچۈكسىز ئورۇندۇقنى قويدۇم، شۇنداقتىمىۇ يەنىلا ئۆگزىگە تاقاشمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستىگە يامىشىپ چىقتىم ۋە يەر ئاستى قەۋەت بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارقا ھولىغا يىقىلپ چۈشۈپ بېلىكىمنى سۇندۇرۋالدىم...قېرىشقاندەك، ھازىر بۇ ئۆيدە تۇرۋاتقانلار ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى قايتىدىن ياسىغان بولغاچقا، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى تا ھازىرغىچە نامەلۇم پېتى قالدى.
مېىنىڭ ئاتا-ئانام دىننىي ئائىلىلەردە ئۆسكەن ئىدى، دادام ئاساسلىقى جۇدىزىمدا، ئانام بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا تەربىيەلەنگەن. مەھەللىمىزنىڭ يىقىن ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاتا-ئانام تەربىيەلەنگەندىكىگە ئوخشاش پىرىنسپنى ئاساس قىلاتتى. بىراق، ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ رەسمىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگىنىگە قارىماي، ئۇلار مېنى ناھايتى داڭلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇنقى مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدۇق.
دادام دائىملا ئاغرىپ قالاتتى ۋە كۆپ قېىتم ئوپراتسىيە قىلىنغان ئىدى. ئاخىرى مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تۈگەپ كەتتى. ئانام ئارانلا قالغاچقا مەن شۇ يېشىمدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق. مەن ئۆي تازىلاش، بالا بېقىش دەمىسز ياكى مەندىن كىچىك بالىلارغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش دەمسىز، ئشىقىلىپ ھەممىنى قىلىپ باققان. ئىككىمىز شۇنچە ئىشلەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئائىلىمىزنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالمىغاچقا بىر يىلدىن كىين بىزئانامنىڭ ئاچا-سڭىللىرىغا يىقىنراق تۇرۇش ئۈچۈن تىل ئاۋىۋ شەھرىگە كۆچۈپ كەتتۇق. ئۇ يەردە ئانامنىڭ ئېغىر كۈنلەردە قىلىشى بىلەن كارى بولماي مېنى قوللىشى بىلەن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تاماملىدىم.
مەن مەجبۇرى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنى بىر ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ «ئەڭ مەخپىي ئىشخانا» سىدا ئۆتكۈزدۈم، تەليىمگە يارىشا، ئۇ يەردە مەن ھەرخىل كىلىنىكىلىق ۋە مىدىتسىنا مەسلىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا كىيىنچە مەن ئېرۇسالىم ئىبراي ئۇنىۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىندىم. مەن شۇ مەكتەپتە خېمىيە، بىئوخېمىيە ۋە بىئوفىزىكا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشلىرىنى تاماملىدىم. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىدا پۈتتۈردۈم. مەن كوللاگېننىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا تېرىشتىم. مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىمنىڭ بىرىنچى يىلىدا پېنسىلۋانىيە شىتاتى (ئامرىكا) پىتىسبۇرگ شەھرىدىكى مېللون ئىنىستىتۇتىدا مۇسكۇلدىكى تالالىق ئاقسىللار ئۈستىدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۇنىڭىدىن كىين ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتىغا كۆچۈپ بىرىپ شارچىسىمان ئاقسىل ستافىلوكوكوس يادرو ئېنزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردىم. مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1970-يىلى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىغا قايتتىم. شۇ جايدا مەن ئىسرائىليەدىكى تۇنجى بىئولوگىيلىك كراستاللوگرافىيە تەجىرىبىخانىسىنى قۇردۇم ۋە تەجىرىبخانام ئۇدا ئون يىلغىچە بىردىبىر شۇ تۈردىكى تەجرىبىخانا بولۇپ قالدى.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، مەن ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى ھايات ھۆجەيرىلەر ئۈستىدىكى بىر مۇھىم مەسلىنى يىشىپ چىقىمەن دىگەن غايىدىكى بىر ياش تەتقىقاتچى ئىدىم، بۇ سۇئال بولسا: ھۆجەيرىلەردە ئاقسىلنىڭ قانداق بىئو-سېنتىزلىنىشى ئىدى. بۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن رىبوسوم - يەنى ھۆجەيرىنىڭ گېنتىكىلىق سېفىرلارغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئاقسىل ياسايدىغان زاۋۇت، نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنداق قىلسام بۇ جەريانغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مېخانىزىمنى تىپىپ چىقالايتتىم. بۇ بىر 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق يىللىق كۆرەشنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى. مەن بۇ جەرياندا خەلىقئارا ئېلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكى، ھەتتا مېنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدەك قيىنچىلىقلارغىمۇ يۈزلەندىم. مەن بۇ مۇساپىنى چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئۇچىغا چىققاندا، يەنە بىر چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ قەد كۆتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگەنگە ئوخشىتىمەن.
مەن بۇ تەتقىقاتلىرىمنى بېرلىندىكى مولىكۇلا گېنتىكىسى ماكىس پلانك ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسور ۋىتمان بىلەن بىللە باشلىغان. ئۇ بۇ تەتقىقاتلارنى ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن قوللىغان ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەنمۇ ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى تەجىرىبخانامنى ساقلاپ قالدىم. دەسلەپتە تەتقىقات مەبلىغىم ناھايتى ئاز ئىدى، شۇ مەزگىللەردە ئامرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (US National Institute of Health, NIH) تىن بىر تەتقىقات تۈرى مەبلىغىغە ئېرىشتىم. بەش يىللىق تېرىشىش ئارقىلىق، ھېلىن كىممېل خانىم ۋېىيزمان ئىنىستىتۇتىدا بىر ماكرومولېكۇلا قوراشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ چىقتى، شۇنىڭدىن باشلاپ مەن يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنى بۇ ساھەدە يىتەكلەيدىغان كىشىگە ئايلىنىپ قالدىم. گەرچە مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم بىر ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەركىبىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بىرىلىدىغان ئانتىبىيوتىكلارنىڭ (باكتېرىيەنى ئۆلتۈرگۈچى دورىلار) قانداق مىخانىزىمدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بەردى. مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم پەقەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنى ياساشقا ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 21-ئەسىردە مىدىتسىنادىكى ئەڭ جىددى مەسلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئانتىبىئوتىكلارغا قارشىلىق قىلالايدىغان باكتېرىيەلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى يېڭى قورالنى ئالىملارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
رىبوسوم ھاياتلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغاچقا، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملار رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيەسىنى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لىكىن رىبوسومنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ مەسلىگە قارىتا چوڭ جەھەتتىن بىر ئېنىق خۇلاسە چىقىرىشتا ئۈمىد يوق دىيەرلىك ئىدى. مولېكۇلا سەۋىيىسىدە بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشنى ئېچىپ بىرىش ئۈچۈن، ئادەتتە كرىستاللاشقا توغرا كىلىدۇ، لىكىن رىبوسومغا كەلگەندە ئىشلار تېخىمۇ بىر بالداق مۇرەككەپلىشىدۇ. چۈنكى رىبوسوم بولسا ئاقسىل ۋە RNA زەنجىرلىرىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشكە ئىگە. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ رىبوسومنىڭ ھەددېدىن تاشقىرى ئېلاستىكىلىقى، تۇراقسىزلىقى ۋە ئىچكى تۈزۈلۈشىدە سېممىتىرىكلىكىنىڭ كەمچىللىكى ئۇنى كىرىستاللاشنى ئىنتايىن قېيىن بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا، بىز ئىسرائىليەدىكى ۋېيىزمان ئىنىىستىتۇتى ۋە گېرمانىيەدىكى ماكىس پلاك ئىنىستىتۇتىدا ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. مەن نەق مۇشۇ ئىش ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇللار ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى پرافىسورلار ئادا زامىر، رۇس مىسكىن ۋە دەيۋىد ئېللىسونلار بارلىققا كەلتۈرگەن رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ تەييارلىق ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماڭا ئېلھام بولغىنى ئۈچەككە (قىشلىق ئۇيقۇ) كىرگەن ئېيىقلارنىڭ ئۈچەككە كىرىشتىن بۇرۇن رىبوسوملىرىنى ناھايتى رەتلىك بىر شەكىلدە تىزىشى ۋە بۇ رىبوسوملارنىڭ مۇشۇ تۇرقىنى ئۆزگەرتمەي ئايلارچە تۇرۇشى ۋە يەنىلا فۇنكىسىيەسىنى داۋاملاشتۇرلۇشى ئىدى. بۇنى مەن رىبوسومنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشتىكى بىر تەبىئىي سىتراتىگىيە دەپ چۈشىنىپ، ئىنتايىن قاتتىق (رادىكال) شارائىتتا ياشايدىغان جانلىقلارنى ئىزدىدىم. بۇلارنىڭ تۇنجىسى دوكتۇر ئېردمان تەقدىم قىلغان يېرىم قىزىققا چىدامچان باكتىرىيە ئىدى. كىينچە مەن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ زىيادە ناچار مۇھىتلىرىدا، قىززىق بۇلاقلاردا ۋە ئاتوملۇق دۆۋىلەردە ياشايدىغان چىداشچان باكتېرىيەلەرنىڭ رىبوسومىنى ئاساس قىلىپ بىر يېڭىچە تەجىرىبە سىستىمىسىنى بەرپا قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىر قەدەر قىسقا مۇددەتتە رىبوسومنىڭ تۇنجى مىكرو كرىستالىنى ياساپ چىقالىدۇق. بىراق، بىز دەسلەپكى دىففراكسىيەلىك بېشارەتلەرگە ئېرىشكەندىن كىينمۇ، مەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشىنى بەلگىلەش پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ماڭا ئىشەنمەسلىك ۋە تەنە بىلەن قارىدى. شۇنداق قىلىپ مەن «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خام خىيالچى»، «سەھرالىق ئەخمەق»، «ئاتالمىش ئالىم» ۋە «چۈشلىرى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان كىشى» دىگەندەك "شەرەپلىك" ناملارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.
1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىز رىبوسومنىڭ بىر چوڭ بۆلىكىگە سوزۇلغان بىر تونېلنى كۆردۇق. بۇنىڭىغا قاراپ ۋە بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن (Malkin & Rich, 1967, Blobel & Sabatini, 1970) ئامىنو كېسلاتالىرىدىن ياسىلىۋاتقان بېخ ئاقسىل دەل مۇشۇ ئۆتەڭ ئارقىلىق ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەپ ئاخىرى پىشىپ يىتىلگەن ئاقسىلغا ئايلىنىدۇ ۋە رىبوسومدىن ئايرىلىدۇ، دەپ پەرەز قىلدۇق. مېنىڭ تەتقىقات ھاياتىمدا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى تۈزۈلۈش بىئولوگىيە تەجىرىبخانىلىرىدا دائىم ئىشلىتىلۋاتقان بىر قانچە تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلدىم. بۇلارنىڭ بىرى سوغۇق-بىئو-كرىستاللوگىرافىيە (cryo-bio-crystallography) بولۇپ، بۇ بىر خىل كرىستالنى ھەددېدىن زىيادە سوغۇق تىمپراتۇردا، يەنى -185 سىلسىيە گرادۇستا سوۋۇتۇش ئارقىلىق، X-نۇردا بومباردىمان قىلغاندا كرىستالنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۆزگىرىپ كىتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان تېخنىكا ئىدى. شۇنداق بولغاچقا بىز ئىشلىگەن تەجىرىبىلەر ئۆزگىچە ۋە ئالاھىدە ئىدى. بۇ بىر «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دەپ سەكرەپ كىتىدىغان ئىشلاردىن ئىدى. ئەمەليەتتە، بۇ ئەمەليەتتە مەن ئۈچۈن 12 يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم رىبوسومنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىكى ھاياجانىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىنى ھاياجانغا سالدىغان مىنۇتلاردىن ئىدى. گەرچە بىز مۇرەككەپ، جەڭ ئېلان قىلىدىغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشتىن خۇشاللىق تىپىپ تۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بۇنداق «مانا تاپتىم! ئاخىرى تاپتىم!!» دىگۈزىدىغان مىنۇتلار كەمدىن-كەم نېسىپ بولاتتى...
90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، رىبوسومنى كرىستاللاشنىڭ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىنىمىزدا، بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋىرستىت ياكى تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىدىكى ئالىملارمۇ ئوخشاش تەتقىقاتنى باشلىۋەتتى. ئۇلارمۇ بىز كۆرسەتكەن نەتىجىلەرنى قايتىلاپ ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەچكە، مەن ئەمدى بۇ ساھەدە يالغۇز ئەمەس ئىدىم. 90-يىللارنىڭ ئاخرىدا، كراستاللاشتىكى ئىلگىرلەشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، بىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش تەجىرىبە سىستىمىسىنى ئىشلەتكەن بىر قانچە گۇرۇپپا X-نۇر دىففراكسىيسى ۋە دىففراكسىيەنى چۈشەندۈرۈشتىكى يۇقىرى ئېنىقلىق توسىقىنى مۇۋاپىققىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىدۇق. رىبوسومنىڭ كىچىك بۆلەكلىرىنىڭ ئېلىكتىرون زىچلىق خەرىتىسى ھەقىقەتەنمۇ بىر بۆسۈش بولدى، بولۇپمۇ بۇ بۆسۈش مېنى ئاجايىپ تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانلارغا سالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن، 2000 ۋە 2001-يىللىرى بىز باكتېرىيە رىبوسومىنىڭ چوڭ ۋە كىچىك ئىككىلى بۆلىكىنىڭ تولۇق بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېلان قىلدۇق. http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/11007480
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/12762007
بۇ بايقاشلار ئېنىقكى 20 يىللىق تەتقىقاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى، لىكىن مېنىڭ رىبوسومنى چۈشىنىشتىكى ئىزدىنىشلىرىم تاماملىنىشتىن تېخى يېراق. رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدىكى يىڭى بىلىشلەر بىلەن قوراللانغاندىن كىيىنلا، مەن بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ رىبوسومنىڭ فۇنكىسيەسى توغرىسىدا يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارنى بىزگە ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە باكتېرىيەگە قارشى دورىلارنىڭ قانداق قىلىپ رىبوسومنىڭ بۇ فۇنكىسىيەلىرىنى توسالايدىغانلىقىنى قېدىرىپ چىقىشقا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيتتىم. رىبوسوملار ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم بولغاچقا نۇرغۇن ئانتىبىئوتىكلار ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىمىزدىن كەلگەن رىبوسومنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيەسى ئۈستىدىكى بۇ ئىلگىرلەشلەر يەنە بىزنىڭ بار بولغان ئانتىبىئوتىكلارنى ياخشىلىشىمىز ۋە يېڭىلىرىنى ياسىشىمىزغىمۇ بىر يول ئاچتى. شۇڭلاشقا بىز بار بولغان 24 تىن كۆپرەك ئانتىبىئوتىكلار بىلەن بىرلەشكەن باكتېرىيە رىبوسومىنى كېسەللىك مودېلى سۈپىتىدە كرىستاللاپ چىقتۇق. بىز بۇنىڭدىن دورىلارنىڭ بىر ئېنىق بولغان فۇنكىيسەلىك مەركىزى ياكى شۇنىڭغا يىقىن جايدىكى «يانچۇق» قىلا باغلىنىدىغانلىقىنى بايقىدۇق ھەم دەل شۇنداق بولغاچقىلا بىز رىبوسومنىڭ باكتېرىيە ئاقسىللىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنمىز. 2001-يىلى بىز تەبىئەت Nature ژورنىلىدا بۇ بايقاشلىرىمىزنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، رىبوسومنى نېشان قىلغان ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۈدەك تەسىر قىلىش مىخانىزىمنى تەپسىلىي ئېنىقلاپ چىقتۇق ۋە بۇ تەتقىقاتلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.
بارلىق ئالىملار ئۈچۈن بىر ھەقىقىي ئىلمىي بايقاش بولسا ئەڭ يۈكسەك نېشاندۇر. ئۆزەمنى مېسال ئالسام بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق دىگەنلىرىم ھېلىھەم يادىمدا: «نېمە ئۈچۈن رىبوسوم ئۈستىدە تەتقىقات قىلىمەن، ئۇلار بەرىبر ئۆلۈكقۇ؟!..بىر ئۇلار توغۇرلۇق بىلىشكە تىگىشلىكنىڭ ھەممىنى بىلىمىزغۇ؟...» ۋە ياكى «بۇ بىر بارسا كەلمەس يول ئىكەن»، ياكى «سەن بۇ يولنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۆلۈپ بولىسەن بەرىبىر...». شۇنداق، مېنى رازى قىلغىنى بۇ گۇمانلىرىم ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى، رىبوسوملار ھايات ۋە (خۇددى مەندەكلا) ياشناپ تۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشى نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولدى!
كەلگۈسىدىچۇ؟ بىز يىراق ئۆتمۈشتىكى ھاياتلىق ئۈستىدە ئىزدىنىشنى پىلانلاۋاتىمىز. رىبوسوملار بارلىق ھايات ھۆجەيرىلەردە، ئىشقىلىپ باكتېرىيەدىن تارتىپ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغىچە ھەممىسە رىبوسوم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ ئورۇنلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق ساقلىنىپ قالغان. بىز ھازىرقى زامان جانلىقلىرىدىكى رىبوسوملاردىن پىپتىدا باغلىرىنى ھاسېل قىلىدىغان شۇنداقلا ھاياتلىقنى پەيدا قىلىدىغان ئىپتىدائىي ئاپپاراتلارنىڭ ئىزناسى بولغان بىر رايوننى تىپىپ چىقتۇق. تۇنجى رىبوسوملار قانداق قىلىپ ھاياتلىققا ئېرىشكەن؟ ئۇلار قانداق قىلىپ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاشۇ ئىپتىدائىي ھالەتتىن ھايات ھۆجەيرىلەردىكى بۈگۈن بىز كۆرۋاتقان ناھايتى پىشىقان ئاقسىل زاۋۇتىغا ئايلانغان؟ بىز مۇشۇ سۇئاللار ۋە باشقا ئالاقىدا سۇئاللارغا كەلگۈسى تەتقىقاتلىرىمىزدا جاۋاپ تاپىمىز.
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ بۇ ساھەگە بېرىلىشى رىبوسومنى دۇنيا جامائىتىگە يۈزلەندۈردى ھەم ھەقىقىي ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ ياشلاردا بىر تەسەۋۋۇرنى ئويغاتتى. مېنىڭ چېچىم بۈدرە بولغاچقا، ھازىر ئىسرائىلىيەدە مۇنداق بىر يېڭى گەپ مەيدانغا چىقتى: بۈدرە چاچ دىمەك پۈتۈن باشتنى قورشىۋالغان رىبوسوملار توپىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭ تەتقىقاتلىرىمغا ئېلھام ئاتا قىلغان، نۆۋەتتە يەر شارى كلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يوقىلىش گېردابىغا بىرىپ قالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى يۈزلىنىۋاتقان مەسلىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيا خەلقىگە تاشلىدى.
بۇ تەتقىقاتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى نەتىجىلەر مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. مىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتە ۋېىيزمان ئېنىستىتۇتىغا، بولۇپمۇ ئېنىستىتۇت مەسئۇللىرىدىن 20 يىلدىن ئارتۇق مەن بىلەن بىر سەپتە ئىشلىگەن ۋە مېنىڭ ئىشلىشىمگە رۇخسەت قىلغان رەئىس مايكول سېلا ۋە ھايىم ھارارىغا؛ ماكىس پلاك جەمئىيتىگە، بولۇپمۇ بۇ تەتقىقاتلارنى مەن بىلەن بىللە باشلىغان مەرھۇم پرافىسور ۋىتمان ۋە كىمېلمەن مەركىزىنى قۇرغان ۋە ساقلاپ قالغان شۇ ئارقىلىق تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشىغا كۈچ چىقارغان ھېلېن كىممېل خانىمغا؛ ۋە ياخشى-يامان كۈنلەردە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان ھامبۇرگ ۋە ئىسرائىليەدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن فرانك شىلۇزېن، ھېيكى بارتلېس، جورگ ھارمس، ئانتې توچىل، ئانات باشان، ئىلىنا ئاگمون، تامار ئاۋېربەچ، زىۋا بېركوۋېچ-يېللىن، رھز زارىۋاچ ۋە شۇلامېت ۋېينستەيىنلەرگە؛ شۇنداقلا بېرلىندىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ھەممىدىن مۇھىمى، مېنىڭ دائىم يوقاپ كېتىشلىرىم ۋە كاللامنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەسلىكىنى بىلىپمۇ قاقشىماي ۋە سۇئال قويماي مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئائىلەمگە ئەڭ زور تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئىلىم-پەندىن ناھايتى يىراقتا چوڭ بولغان ئاتا-ئانام، بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقتىلىرىمدا دادام ۋاپات بولغاندىن كىيىن ھەممە قېينچىلىقلارنى يېڭىپ مېنى قاتارغا قوشقان ۋە تەربىيلىنىشمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن ئانام، سېڭلىم نۇرىت، يىنىدا بار ۋاقتىلىرىمدا ۋە يېنىدا بولالمىغان كۈنلەردە ماڭا چىداپ كەلگەن قىزىم ھاگىز ۋە مېنى بەش يېشىدا باغچىسىغا باشلاپ بىرىپ كىچىك دوستىلىرىغا رىبوسوم توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان نەۋرە قىزىم نوئالاردۇر.
6. ئاخىرقى سۆز
قەدىرلىك ئوقۇرمەن:
نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا بۇنداق ھەجىمى چوڭ، نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بىر يازمىنى تەييارلاپ ھوزۇرىڭىزغا سۇنۇشۇم بىر تەرەپتىن بۇ دۇنياغا مەشھۇر مۇكاپات توغرىسىدا سىزگە ئازراق چۈشەنچە بىرىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇنى ئاساس قىلىپ ئۆزىمىز ئۈستىدە بىر ئويلىنىش بولسىكەن، دىگەن ئۈمىدتە ئىدىم.
نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىگە قاراپ بەلكىم بۇ مۇكاپاتنى كۆپىنچىسى پەقەت ئامرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئالىملارنىڭ ئالغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىڭىز ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر ئالىمنىڭ ھېكايىسىدىن بىر ئالىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق بولغۇدەك تۆھپە قوشالىشى ئۈچۈن قانچىلىك زور قىزىقىش، تىرىشچانلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىلمىي ئەمگەكنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى بەلكىم ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بىرەرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى بۇ تىزىملىكتە يوق؟ بۇنىڭدىن كىين بۇ تىزىملىكتە بىرەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىنى كۆرەمدۇق؟ بىز ئىلىم پەندە دۇنيانىڭ قەيىرىدە كىتىپ بارىمىز؟
بۇ سۇئاللار مەن ئۈچۈن جاۋاب بىرىش ئىنتايىن قېيىن بولغان سۇئاللاردۇر. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارلا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملار دەپ ئېيتالمىساقمۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. بۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاقلىقى ئۇلار ناھايتى ياخشى مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلغان، ئۇلار ئۆزى تەتقىق قىلغان مەسلىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ ۋە بۇ قىزىقىشى ئۈچۈن ئۆزى خالاپ نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بىرىشكە تەييار، شۇنداقلا ئۇلار يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلگىرلەشنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ياشاۋاتقان جايلاردا مائارىپ ئاللىقاچان تەرەققىي قىلغان، بىر ئىلمىي ئىستىل ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا بۇمۇ ئۇلارنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئەلۋەتتە. بىز ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك كىشى پەقەت ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر خىزمەتنى قىلسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈم يارىتالايدۇ ھەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىش، ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن چەككەن جاپالار بىلىنمەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالسا، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر كۆپ چىققان دۆلەت خەلقىلىرىدە يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىلىم-پەن قىزغنىلىقى، ئىلىم-پەن روھى مەۋجۇت.
مەن بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا باھا بەرگۈدەك سالاھيەتتە بولمىساممۇ شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇيغۇرلاردا ئىلىم-پەننى قەدىرلەش، ئىلىم-پەنگە قىزىقىش روھى بىر قەدەر كەمچىل. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىلىم-پەندە يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار بار ھەم يىڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقانلار سانى كۈنسېرى ئېشىىپ بىرىۋاتقان بولسىمۇ، لىكىن ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرساق ئىلىم-پەن خادىملىرى سانى باشقا نۇرغۇن ساھەدىكىلەردىن كۆپ ئاز. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ ئاز بولغان ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ بالىلارنى، ياشلارنى يىتەكلىشى ناھايتى كەمچىل بولغاچقا، بىز مەيلى بىلىم ئىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى بالىلاردا، ياشلاردا بىلىمگە قىزىقىش يەنىلا يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ بىر قەدەر قالاق، سىياسىلىقى كۈچلۈك، مەكتەپلەرنىڭ ئىلىمىي كەيپىياتى سۇس، ئومۇمىي ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات سەۋىيسى تۆۋەنلىكىدە بولسىمۇ، يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب جەمىئيەتنىڭ ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا، ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىلمىي ۋە ئۇنىۋىرسال ساپاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىدە، ئۇلارنىڭ باللار ۋە ياشلارنى بىلىم ئىلىشقا يىتەرلىك قىزىقتۇرالمىغانلىقىدا، دەپ ئويلايمەن. يۇقىرىدا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق بىئوخېمىيە ئالىمى دوكتۇر ئادا يوناس خانىمنىڭ نەۋرىسىنىڭ يەسلىسىگە بىرىپ يەسلى بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، قېنى بىزنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرىمىز ئىچىدە ھېلىغۇ يەسلى بالىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تەتقىقاتىنى سۆزلەپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ باققانلاردىن قانچىسى بار؟ ئادا يوناس خانىملا ئەمەس مەن ھاياتىمدا مۇشۇ ۋاقىتقىچە يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن ۋە سۆھبەتتە بولغان ئۈچ نەپەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ئىچىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە لىكسىيە سۆزلىمىگىنى يوق. ئۇلارلا ئەمەس، مېنىڭ ئامرىكىدىكى پرافىسورلىرىم ئىچىدىمۇ نۇرغۇنلىرى ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىغا، شەھەر ئاممىسىغا ۋە ئالىي مەكتەپتىكى باشقا كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ناھايتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى كۆپ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بالىلارنى ياشلارنى تەربىيلەشمۇ خۇددى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئوخشاشلا مۇھىم. بۇ مەنچە بىزنىڭ تەتقىقات خادىملىرىمىز، ئالىي مەكتەپلەردىكى پرافىسورلىرىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ.
مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش بىز ئاددى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى ئىلىم-پەن روھىنى قەدىرلەش، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ بىلىم ئىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئېلھاملاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، قاقشاشنىڭ پايدىسى كۆپ ئەمەس. مەن مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشنىڭ تۆۋەندىكى سۇئاللار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بىقىشىنى سورايمەن:
بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلار چىقمايدۇ؟ بىزدىن مۇشۇنداق كشىلەر كەلگۈسىدە چىقامدۇ؟ قانداق قىلغاندا دۇنياۋى تەتقىقاتلاردا ئالدىنقى ئوۇندا تۇرالايدىغان ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ؟ بىزدىكى كەمچىل نەرسە نېمە؟ بىزدىكى ئىلىم-پەن روھى زادى قانچىلىك؟ بىز قانداق قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايمىز؟ ئىلىم-پەن روھىنى ئۇرغۇتۇپ قەددىمىزنى كۆتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىز ھازىرقى ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
بۇ سۇئاللارغا مەن جاۋابىمنى بىرىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە قالدۇراي.
بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا كاللا يۈگۈرتكەن، پىكىرلىرىنى بايان قىلغان ھەر بىرىڭىلارغا ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن.
سالام بىلەن:
بىلگەجان (2013-يىلى چېللە ئېينىڭ 12-كۈنى)
مەنبە: ئەلكۈيى تورى |