گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر چورۇقچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

0

دوست

3390

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 23:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 145- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئۇيغۇر چورۇقچىلىقى

qoruk.jpg

   چورۇق ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ، ئىپتىدائىي چورۇق ، يەنە بىرى « شىرە چورۇق » دەپ ئاتالغان سەنئەتلىك چورۇق .
   ئىپتىدائىي چورۇقنىڭ تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، ئەجداتلىرىمىز ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىپتىدائىي دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن . ئەجداتلار كالا - قوتازلارنىڭ گوشىنى يەپ ، تىرىسىنى پارچىلاپ ، چورىسىنى تىشىپ ، تىرە تاسما بىلەن بىكىتىپ پۇتىغا تارتىۋالغان . بۇ « شىرە تارتىش » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ خىل چورۇق خام تىرىدىن قىلىنغانلىقى ئۇچۇن ئۇنىڭ قۇرۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش زۇرۇر . بولمىسا قورۇلۇپ پۇتقا پاتمايدۇ . شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتلارغا « كورگەن كۇنۇڭنى ئۇنۇتما ، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما » دىگەن ھىكمەتنى قالدۇرغان .
   ئەجداتلىرىمىز شەھەرلىشىپ ، شەھەر - قەلئە مەدىنىيىتى ياراتقان . قول - ھۇنەر مەدىنىيىتى بەرپا قىلىپ ، ئىچكى بازارنى گۇللەندۇرۇپ ، تاشقى بازارغا يۇزلەنگەندىن كىيىن ، يىپەك يولىنىڭ تۇگۇنىگە جايلاشقان جۇغراپىيىلىك شارائىتتىن پايدىلىنىپ ، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشىغا قاتناشقان ھەم ئات - توگىلىرىدىن پايدىلىنىپ ، غەرىپتىن شەرىققە سوزۇلغان 7000 كىلىومىتىردىن ئارتۇق يولنى بىخەتەر يۇرۇش ئۇچۇن كالا - قوتاز تىرىلىرىدىن ئىشلەنگەن كون - چەملەردىن ئەپچىل ، يۇمشاق ، يەڭگىل ، چىداملىق  چورۇق ئىشلىگەن . بۇ خىل چورۇق قەدىمىي نام بىلەن « شىرە چورۇق » دەپ ئاتالغان . چورۇقنىڭ كالا - قوتاز تىرىسىدىن ئىشلەنگەنلىرىنى نۇسخىسىغا قاراپ ، ئۇزۇن سەخ ، ئارا سەخ ، كالتە سەخ دەپ ئۇچ تۇرگە بولگەن . ياشانغانلار كىيىدىغەن چورۇقنى  « پوستەك » يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلار كىيىدىغان چورۇقنى « پۇپەش » دەپ ئاتىغان .
   چورۇق يەرلىك ئۇسۇلدا  كون ۋە چەمدىن تىكىلىدۇ . رەڭگى قىزىل ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ . ئۇزۇن سەخ چورۇق تىزغىچە ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ . چورۇق يەنە نەپىسلىك دەرىجىسىگە قاراپ سىدام چورۇق ۋە زىغزىقلىق چورۇق دەپ ئايرىلىدۇ . سىدام چورۇقنىڭ تىكىلىشى ئانچە قول تۇتمايدۇ . زىغزىقلىق چورۇقنىڭ مەشغۇلاتى ئىنچىكە ، ئۇ ، ئۇستىلىق ، يەنى ھۇنەر تەلەپ قىلىدىغان  سەنئەتلىك ئاياغ - كىيىم بولۇپ ، چورۇقنىڭ يۇقۇرسىدىن پۇت ئۇچۇغىچە ، كەينى تەرىپىگىمۇ شۇنداق زىغزىق قويۇلىدۇ . زىغزىقلىرى ئاساسەن قىزىل ، يىشىل ، سىرىق يىپلاردىن گۇل چىقىرىپ قويۇلۇپ ، چورۇققا بەكمۇ يارىشىدۇ .
   چورۇقنىڭ ئارقىسىغا پۇتنىڭ ھوشۇقىنىڭ سەل يۇقۇرسىغا توغۇرلاپ چىقىرىلغان بىر تال ئىزمىسى بولۇپ ، ئۇنىڭغا رەڭمۇ - رەڭ يىپلاردىن توقۇلغان بوققۇچ ( قۇ ) ئوتكۇزۇلىدۇ . ( قۇ ،كوپ ھاللاردا قوي ژۇڭىدىن توقۇلىدۇ ) چورۇقنى كىيگەندىن كىيىن ، سىرتىدىن بوققۇچ يوگىلىپ ، بوققۇچنىڭ چۇچىسى چىقىرىپ قويۇلىدۇ .  بوققۇچ چورۇقنى بوغۇپ تۇرۇش  رولىنى ئالىدۇ ۋە ئاياغ - كىيىمگە زىننەت ، كەيگۇچىگە قامەت بىغىشلايدۇ .
چورۇق پاشنىسىز ، غەيرى ماتىرياللاردىن خالى بولغاچقا ناھايىتى يىنىك بولىدۇ . كىگىز پايپاق بىلەن كىيىلىدىغان بولغاچقا ئىسسىق بولىدۇ . رىماتىزىم كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . چورۇق ئەر - ئاياللار ئۇچۇن ئورتاق ئاياغ كىيىمى بولسىمۇ ، چوڭ ياشلىقلار ۋە ئاياللارغا ئاتاپ تىكىلگىنى چەمى ياخشى ، رەختى ئوچكە تىرىسىدىن ئشلەنگەنلىرىدىن سىپتا ۋە نەپىس تىكىلىدۇ . بالىلارغا تىكىلگەن پوپەش ( قاغىلىق شىۋىسىدە باچكۇنە چورۇق ، ياكى بالا چورۇق دەپ ئاتىلىدۇ ) تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ ، بۇلارغىمۇ ئالدى - كەينىگە رەڭلىك يىپتىن زىغزىق قويۇلۇپ ، چورۇق رەختىدىن پوپۇك قويۇلىدۇ .
   ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر چورۇقلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىدە تىكىلگەن .  لىكىن باشقا يۇرىتلارغا نىسبەتەن قاغىلىق تارىختىن بۇيان مەشھۇر قۇرۇقلۇق يولى بولغانلىقى ، چەتئەلدىن شىنجاڭغا كىلىدىغان ياكى شىنجاڭ ئارقىلىق باشقا جايغا بارىدىغان كارۋان ۋە يولۇچىلار قاغىلىقتىن ئوتۇدىغانلىقى ئۇچۇن ، چورۇق تىكىش قاغىلىقتا بەكراق راۋاجلانغان .
   ئەگەر شۇ كۇنلەردە چورۇقچىلىق بازارلاشقان بولسا چەتئەلنىڭ ساياھەت ئاياغلىرى ئۇيغۇر چورۇقىغا ئورۇن بوشۇتۇشى شەرىتسىز ئىدى .

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:53 , Processed in 0.176049 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش