يارغۇنچاق
كەڭرى جاھانغا يەتكۈدەك پەزلى كارامەتتۇر ئۆزۈڭ،
ھىكمەتلىرىڭ خىسلەتكە باي نەسلى دالالەتتۇر ئۆزۈڭ.
زامان دەشتى پايانىدا چۆرۈپ چەرخىنى ھەرلەھزە،
قۇچاقلاشقان قەدىرداندەك ئەسلى
كامالەتتۇر ئۆزۈڭ.
تۆكۈپ دۇر-دان مېھىر تەرگەن، ئىتىپ يارما پولۇ بەرگەن،
زىنىقى كۈلگەن ئانامنىڭ پەسلى باراۋەتتۇر ئۆزۈڭ.
بوۋام ياتقان ئىگىز تاغدا كۆيۈپ تۇرغان چىراغ ئۆچمەس،
كۆڭۈللەرنى چىكىپ تۇرغان بەرقى پاراسەتتۇر ئۆزۈڭ.
قوقاس-قۇمغا يېقىپ مەيدە قۇياشقا قاقلىنىپ مەڭگۈ،
ھەقىقى ئەھلى پالۋاندەك شەرھى سالاپەتتۇر ئۆزۈڭ.
سۆرەپ ھارۋاڭنى قىرغاققا ئېلىپ چىقماقنى ئويلايمەن،
ۋېسالغا تەڭلىگەن شەربەت سۈلھى سالامەتتۇر ئۆزۈڭ.
كىرپىكىڭگە قونسا توزان سۈرتۈپ قوياي جانىم بىلەن،
دېلى چاڭقاق ئارا قۇمغا روھى دارامەتتۇر ئۆزۈڭ.
ئەركەك
ھاياتلىقنىڭ پايانىدا بېلىنى باغلىغان ئەركەك،
يېتىپ مەنزىلگە شاپاشلاپ ئۆزىنى چاغلىغان ئەركەك.
زامان دەشتىدە يانماققا پۈكۈلمەي ياچىۋەكلەردەك،
كىيىپ تونىنى شاھلاردەك سالاپەت ساقلىغان ئەركەك.
يېنىپ چوغدەك ھەۋەسلەردە كۆيۈپ گۈر-گۈر نەپەسلەردە،
چېپىپ ئاتتەك سەپەرلەردە ئۈمىدنى ئاقلىغان ئەركەك.
كۆڭۈلدە قىززىتىپ مەشرەپ سەنەملەر شوخلىسا باغدا،
يولۇقتۇرما شاياتۇنغا سۈيىنى ياقلىغان ئەركەك.
قۇرۇپ بەزمە قاۋاقلاردا قۇسۇقتىن ئۆمىلەپ چىققان،
قارا دىۋە قاۋانلارنى قاتارغا قاتمىغان ئەركەك.
يېتىپ ئۇخلاتسا ئون بەڭگە خىيالىدا ساناپ تەڭگە،
نوقۇپ چېللايدۇ ئەتەڭگە غورۇرنى چاغلىغان ئەركەك.
يۈرەككە چىڭ تېڭىپ زاغرا چېلىشلاردا يېرىپ ناغرا،
قۇياشنىڭ زەر تالاسىدا روھىنى پاكلىغان ئەركەك.
2013يىلى 13-ماي، ئۈرۈمچى
جىن چىراغ
يانغان پىلىلداپ تەكچىدە دىلدار چىراقى باشقېچە،
سۆيگۈ باياۋان دەشتىدە ئاشقان پىراقى باشقېچە.
ئارمان ئۇپۇقى پارلىسا بارخانغا چۆكتى پاتمۇچۇق،
يۇلغۇن تۈۋىدە سىردىشىپ پۇرغان پۇراقى باشقېچە.
دۇنيا چۆچەكنىڭ ئېچىدە كۆيەر پىلىكنىڭ بەرگىدە،
شاھنى توختاتقان نەپەستە قويغان سوراقى باشقېچە.
غىرىپ كۈلبىدە بىر پەرى سەھەر ئۈنلەتتى دەمدەرنى،
سىلىپ قوينىغا دەپتەرنى قاتقان قاراقى باشقېچە.
ھايات قاينايدۇ ئايۋاندا روھى يورۇقتا تۇرغاندا،
گۆھەرلەر چاقنىسا تامدا يولنىڭ يىراقى باشقېچە.
2013-يىلى 14-ماي، ئۈرۈمچى
ئىزدىمەي
نە قىلارمەن بۇ جاھاندا دەردىمگە دەرمان ئىزدىمەي،
چىن سۆيگۈنىڭ سەيناسىدا ئۇچۇشقا ئاسمان ئىزدىمەي.
چۆل كىزىپ توغراققا سىرداش ئاشىق دىلىمنى سۆككىدەك،
خورجۇنۇمغا پاتمىغان كۆپ ئىشقىمغا ئىمكان ئىزدىمەي.
ھۈركىگەن ھىجران يولىدىن ئۆتەڭدە مۈگدەپ قالغۇسى،
قۇل بولغۇدەك شەيتانغا ئۆز سەپەردە كارۋان ئىزدىمەي.
گۈل كۈلۈپ بەرسۇن قولىنى ئىپپەتنى تىكلەپ تۇغ-ئەلەم،
چوغ يۇتۇپ چوغدانلىرىمدا يانغاندا گۇمران ئىزدىمەي.
كۆك بۆرىدەك توق ھوۋلىسام ناخشامدا كۆڭۈل ئوۋلىسام،
گۆھەر تۇخۇم تۇغسۇن توخۇ چۆچەكتە سەرسان ئىزدىمەي.
تاش چاينىغان بوۋام بۈگۈن قوقاسقا كۆمدى جېنىنى،
ئوت پۈركىگەن ئەندازىدىن ئەۋلاتقا سۇلتان ئىزدىمەي.
كەپتىرىم كەلسە يىراقتىن لىۋىدە چىشلەپ خوشخەۋەر،
مۈرەمگە قونسۇن جان بىرەي ياشاشقا جەريان ئىزدىمەي.
2013-يىلى15-ماي، ئۈرۈمچى
ھاۋانچا
ھاياتلىقتا سوقۇپ زوقماق كۆڭۈللەرگە داۋا قىلساڭ،
چىن ئاشىقى سەردارىدەك ياقا يىرتىپ ناۋا قىلساڭ.
توخمىقىڭ ئۇرغاندا گۆس-گۆس ئېچىپ مەيدەڭنى مەرتلەردەك،
يىڭىلمەس ئەسلى زاتىڭدىن سۈزۈك تاڭدا سادا قىلساڭ.
پەش ئايۋاندا ئۇۋا سالغان قۇشۇڭغا دان بىرىپ دائىم،
مۇھەببەت پەسلىنى باشلاپ ياشاشقا ساپ ھاۋا قىلساڭ.
سەنەملەرمۇ چاھار باغدا چۈشەر شوخلاپ يىگىتلەرنى،
پىچىرلايدۇ قۇلاقلارغا ھەقىقەتنى ئادا قىلساڭ.
سەكسان قىز،ئاھ! تارايدۇ چاچ چۆچەك باشلاپ سارايىڭدا،
يىشىل شاخقا ئېسىپ مارجان قىيامەتلىك ۋاپا قىلساڭ.
2013-يىلى 16-ماي، ئۈرۈمچى
چورۇق
قۇرۇتۇپ شىر-شىر چورۇقنى ئۆزىدىن ئاشقىنى نەدە؟
ھەۋەسكە ياندىشىپ ياندىن كۆڭۈلدىن شاشقىنى نەدە؟
قونجىدا تۇرسا كەھرىۋا ئىشقى جۇلالاپ تاڭ سەھەر،
مەپتۇن بولۇپ مەستانىگە قۇچاقنى ئاچقىنى نەدە؟
تاپاندىن ئۆرلىتىپ لەززەت بۇقا ھۆڭرەر ھاياجاندا،
جانان ۋەسلىنى جان بىلگەن تۇرالماس تاقىتى نەدە؟
بوۋامغا يارىشىپ ئاتتەك سەپەردىن قالمىغان كارۋان،
شىخىدا سايرىتىپ بۇلبۇل قاناتلار قاققىنى نەدە.
ھاياتلىق ئالىمى كەزگەن قەدىردان مويسىپىت ئەرنى،
يىقىلماس روھى تۈۋرۈك دەپ قوشاققا قاتقىنى نەدە؟
يۆلىنىپ توغراققا چەكسىز بارخانغا چۆكسە بىر سىما،
چاقىرىپ ئۈمۈد ئۈنىدە ۋىسالغا چاتقىنى نەدە؟
قىسمىتىم گۈر-گۈر كۆيەر ھىكمەتكە تولغان ئۆزگۈچە،
ياساپ ئۆركەش قىيانلاردا زاماندىن تاشقىنى نەدە؟
2013-يىلى 17-ماي، ئۈرۈمچى
مومام
ھاياتقا ياندىشىپ كۆپ يىل پەرىدەك ئولتۇرار مومام،
چۆچەك سۆزلەپ زامانلاردىن ھەمىشە گۈل ئۇتار مومام.
نۇرىدا جىن چىراغلارنىڭ ياماپ يىرتىق كۆڭۈللەرنى،
چۆكۈپ تۇرمۇش پايانىغا ئۇپۇققا يول ئۈزار مومام.
ئىزىتقۇ قىلسىمۇ جىلۋە ئۇدۇمدىن كەچكۈسى كەلمەي،
تۇتۇپ ئەستە قارارىنى سەھەردە قول سۇنار مومام.
سەپەردە ھارمىغان كارۋان يۈرەكتە قوڭغۇراق چالدى،
ئۆتەڭدە ئۇسسۇغانلارغا زىلالدەك سۇ تۇتار مومام.
بېلىنى باغلىغان غورتەك يۈدۈپ ماڭغاندا خورجۇننى،
قىتىپ زاغرىغا مېھرىنى غۇرۇرنى ئۇرغۇتار مومام.
بولۇپ شەيتانغا رايىش قۇل جاھاننىڭ باغرىنى داغلاپ،
ئۆزىنى ئۇنتۇغانلارنىڭ دېلىنى ئويغىتار مومام.
تۈزۈپ ئاشىق ئۈچۈن مەشرەپ ۋىسالنىڭ جامىنى تەڭلەپ،
ئۈمۈدى شاخلىغانلارغا ئىگەرلەپ ئات توقار مومام.
2012-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى
پوتا
پوتامنى باغلىسام بەلگە ھاياجاندا تىشىپ كەتتىم،
قېسىپ قولتۇققا يارىمنى بىراۋلاردىن ئېشىپ كەتتىم.
تۈڭلىكىدىن تاشلىسام ئاي، چىقتى كۆڭۈلگە يامېشىپ،
مۇھەببەت ساقلىغان جايدا جېنىمغا چىرمىشىپ كەتتىم.
ھىجرانغا قاقلاپ بىر مەھەل چۆللەرگە تاشلىساڭ چەكسىز،
ۋىسالغا بەرمىسەڭ بەرداش! بىرەلمەي تولغىشىپ كەتتىم.
بولۇپ بوۋامغا سەن قاشقا سەپەردە كىشنىگەن تۇرساڭ،
سېنى تاشلاپ يېراقلارغا غىرىپتەك شۈكلىشىپ كەتتىم.
مومام سۈپلەپ تونۇرىدىن قىتىغا تۈككىنى زاغرا،
كۆيۈپ گۈلخان يۈرەكلەردە ھاياتتا شوخلىشىپ كەتتىم.
پۇتۇمغا پۇتلىشىپ يۈرسە دۇنيا، راباتتا، نايناقلار،
يېغېپ قونجىمغا زەر ئالتۇن ئۇلاردىن خوشلىشىپ كەتتىم.
ئىگىز تاغدا لەپىلدەتسەم كۆزىدە چاقنىدى ئاپتاپ،
ساداقەت ساقلىغان توغراق شىخىغا مىنگىشىپ كەتتىم.
2013-يىلى 24-ماي، ئۈرۈمچى
بوۋام
سىلىپ دولىغا خورجۇننى سەپەردىن قالمىغان بوۋام،
كىزىپ دەشتى باياۋاننى خەتەردىن يانمىغان بوۋام.
چۆكۈپ بارخانغا نار تۆگە تىزىدا قوڭغۇراق چالسا،
دىلىدا ئۆرلىتىپ لەززەت ھاياتقا قانمىغان بوۋام.
خاقان توغراققا يۆلەنگەن ئۈمىدتە مۇڭلىنىپ چەكسىز،
كۆزىدە پارلىسا چۆللەر سۈكۈتتە ياتمىغان بوۋام.
قاتار ئۆسكەن تىرەكلەرنىڭ بېشىدا چاقنىسا يۇلتۇز،
ھاياجاندا ساقال سىيپاپ ئۆزىگە پاتمىغان بوۋام.
قامەت تېغىدىن ئەيمىنىپ تىرناقتا ئايلار توختىغان،
سىرىنى قاپقارا كۆزنىڭ ئېچىدە ساقلىغان بوۋام.
كېچىپ كەچمىش داۋان ئاشقان قازاندا قاينىغان تاشقان،
قۇياشقا قاقلىنىپ پىشقان ھاياتقا پاسىبان بوۋام.
روھىنى تاڭ سەھەر توقلاپ غىرىپنىڭ كۆڭلىنى يوقلاپ،
ساداقەت بىلدۈرۈپ ئەلگە غۇرۇرنى ساتمىغان بوۋام.
2013-يىلى 29-ماي، ئۈرۈمچى