ياشلىقىمغا مەرسىيە
شەپەقتەك چاقنىدىڭ گويا ئۇپۇق سۆيگەن نىگاھىمدا،
تەبەسسۇم جىلۋىسى گۈلخان بۇ ئەلۋەك سۈبھىگاھىمدا.
تارالدىم نۇر بولۇپ تال-تال سىڭىپ ئەسلىمگە بوشلۇقتا،
سەبىيلەر پاكلىقى بالقىپ ئىلاھىي روھ، سىماھىمدا.
ئورالدىم بار گۈزەللىككە، بۈيۈك ئىستەكتە جەزبىم بار،
ھامان ئالتۇنچە ۋەزنىڭدۇر مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدا.
يېنىپ ئۆچتۈڭ گۇگۇم تاشلاپ، لېكىن تەپتىڭدە ئۆرتەندىم،
سېنى كۈيلەيدۇ تەنھا كۈيلىرىم تۈنلەردە ئاھىمدا.
خىياللارئەۋجىدە بىھۇش ساما يولىغا تاشلاندىم،
قويۇق سۈرتۈس تۇمان ئۆرلەپ ئۆڭۈپتۇ جىلۋە ماھىمدا.
سوزۇلغاندۇر گۇگۇمدىن سۈبھىگە جىمجىت بۇ تۈن چەكسىز،
ئەزىم نۇرچاقنىماس قايدا ئۆزۈڭ، يوق سەن پاناھىمدا.
كېلەر پەرسىلكىتىپ بىر پارچە ئاسمان سۈرىتىڭ بويلاپ،
توقۇرئەپسانە قەلبىم بۇندا خىلۋەت بارىگاھىمدا.
1993-يىلى،4-ئاينىڭ 20-كۈنى، يېڭىسار.
ئۇستاز مەقبەرىسى ئالدىدا
مەقبەرەڭدىن سۆيگۈنىڭ دۇنياسىنى سورايمەن،
سۈكۈتىڭدىن قەلبىڭنىڭ ساداسىنى سورايمەن.
چەكسىزلىككە سىنچىلاپ سىماھىڭنى ئاختۇرۇپ،
گۈزەللىكنىڭ جىلۋىسى-جۇلاسىنى سورايمەن.
قارچۇقۇڭدا چوغلانغان ئۇپۇقلارنىڭ بۇرجى بار،
پارلىشىمغا قەلبىڭنىڭ ساماسىنى سورايمەن.
ئاتەش كەبىي يۈرىكىڭ قاڭقىپ كەتتى قۇياشقا،
ئۆڭگەن چېغىم روھىڭنىڭ زىياسىنى سورايمەن.
بارخانلارغا كۆمۈلۈپ يۈتتى قەلبىم پارچىسى،
چاڭقاقلىقتا مېھرىڭنىڭ دەرياسىنى سورايمەن.
ياماشتۇردۇڭ ئەتىگە، پەرۋازىمدا يۈكسىلىش،
چوققىلاردىن قۇتۇمنىڭ ئىزناسىنى سورايمەن.
يوقۇتۇشۇڭ بالقىتتى مېنى تىمتاس كۆزگۈمدىن،
پاك روھىڭدىن ھاياتنىڭ مەناسىنى سورايمەن.
روھىڭ پارلاپ تاڭ چېغى قول كۆتۈردۈم دۇئاغا،
يىغلاپ تۇرۇپ دۇنيانىڭ دۇئاسىنى سورايمەن!
1994-يىلى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، يېڭىسار.
ئانامغا مەرسىيە
ئانا، تەقدىر قىسمىتى-چاقچاقلارغا يىغلايمۇ؟
سېنى مەندىن ئايرىغان تۇپراقلارغا يىغلايمۇ؟
يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم پەريادىڭغا چىدالماي،
ماڭا يېگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ؟
جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ،
«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟
چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،
باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ؟
قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،
كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟
ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،
ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام-چىراقلارغا يىغلايمۇ؟
سەن سۇ بەرگەن قوللار بار، سۆيۈپ-سۆيۈپقانمايمەن،
تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۈك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟
قىزلىرىمدا مېھرىڭ بار، يۈرىكىڭ بار كۆكسىدە،
ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ؟
قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز
تورغايغا دان چاچتىم،
روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ؟
ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،
چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ؟
ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۈدۈپ-ھاپاشلاپ،
ماڭا بەرگەن ھېكمىتىڭ-ساۋاقلارغا يىغلايمۇ؟
كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە،
يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ؟
1998-يىلى، 12-ئاينىڭ21-كۈنى، يېڭىسار.
....غا
ساما گۈلخانغا ئايلانسۇن، بۇ تۈن بەرقىگە سۈلكەت بەر،
ئۇنىڭ پەردى-پايانىدىن ۋىسال پەيزىمگە خىلۋەت بەر.
يىراق تۈلەردە رەنجىم، ئۇندا قەلبىمنىڭ ياراسى بار،
نىگاھىم چاقمىقى دەھشەتتە چاققان دەمگە سۈرەت بەر.
تالاي تۈنلەردە تەنھالىق، تولۇن ئاي ئايدىڭى ئۆچكەن،
ياۋان تۈنلەر سېغىنچىم تاۋلىغان سۆيگۈمگە شۆھرەت بەر.
قىران پەسلىمدە ھېجران دېمى كۈيلەر ئىستىكى چۇقان،
شۇ كۈيلەر ئىپتىداسى-بەر قارار خەندىمگە رىغبەت بەر.
گۈزەل چۈشلەرگە قىن بەرسۇن سەبىي سۈكۈتتىكى دۇنيا،
بىدار ئىشقىمغا نۇسرەت، بىغۇبار قەلبىمگە لەززەت بەر.
سۆيۈپ بىھۇش ئېسىمدە زوقلىنار دىلبەر خىيالى شاد،
جۇنۇن يادنامەسى بولغايكى، ھېجرانىمغا ھېكمەت بەر.
شەپەق كۆركىگە رەڭداش ۋەسلى سەتھىمدە ئاقارسۇن تاڭ،
ئۇپۇقلار كاسەسىدە چاڭقىغان ئارمانغا شەربەت بەر!
خىيال سەپىرى
ئۆلۈملەرنىڭ پايانىدا ئېزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى،
غېرىب قەبرەمنى قەلبىڭگە قېزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى.
تۆكۈلسە بەرگىدىن روھىم چېچەكلەر بەرقى ئۆڭمەستە،
يەنە قەبرەمگە گۈلدەستە تىزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى.
يېتىپ تۈنلەر قۇچاقىدا شېھىدلىك شۆھرىتى ئىزلەپ،
سوراقلارنى پىشانەمگە سىزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى.
يۈرەككە ئاقسا تۇپراقتىن مېنىڭ كىندىك قېنىم دەۋرەپ،
خىيال سەپىرى ئارا تەنھا كېزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى.
ھايات ئۇ، قەترە ياش، ياشتىن ئانا تۇپراقتا جان كۆكلەر،
بىھۇدە ماتىمىمچۈن كۈي يېزىپ يۈرگەندىمەن بەلكى.
تەكلىماكان
روھ باياۋانىممۇسەن، قۇشلار ناۋاسى-سازى يوق،
پەرلىرى تۇزغۇيدۇ، بۈركۈت-سۇمرۇغۇڭ پەرۋازى يوق.
قۇرۇغان دەريا قىنىدا ئاقتى مۇزلاپ كۆز يېشىم،
ئەجدىھالار ئۆركىشى، دولقۇنلىرىڭ ئاۋازى يوق.
ياۋا يۇلغۇن چېچىكى بەرگىمدە تىترەر يالتىراپ،
ئۇچىدۇ بارخانلىرىڭ، قاخشال پەسىللەر يازى يوق.
قوڭغۇراقلار ئۈنى بار تاش سۈكىتىدە ئۈگدىگەن،
قاپقارا كۆلەڭگۈلەر كارۋانىنىڭ سەرۋازى يوق.
ياتىدۇ تەنھا كىروران گۈزىلى مۇڭ ئەۋجىدە،
قەترە قاندا بەرق ئۇرۇپ تۇرغان جەزب-تەننازى يوق.
تۆكۈلەر بورانلىرىڭدا ھەر ھۈجەيرەم تەندىكى،
خەيرىيەت، ئۇزلۇقتا روھىمنىڭ بۆلەك ئەندازى يوق!
ھېجران ئازابى
قارچۇقۇمدىن تۆكۈلۈپ تۇپراققا ئاقتىڭمۇ، قىزىم؟
ئاھلىرىم چاقمىقىنى بوشلۇقتا چاقتىڭمۇ، قىزىم؟
ئەستىلىك بەرقىدە چاقناپ كۆيدى قەلبىم پارچىسى،
بىپايان چوڭقۇرلۇقۇمغا ماگما ياقتىڭمۇ، قىزىم؟
چاڭقىغان دەملەر گويا بىھۇش ئېسىمگە تۆكتى داغ،
ماڭا چەكسىز يوقسۇنۇش كۆزگۈدە باقتىڭمۇ، قىزىم؟
توزۇغان قۇش قانىتى ئاۋۇندى دۇنيا كۆزىدە،
چۈشلىرىم بوشلۇقىدا قانىتىڭنى قاقتىڭمۇ، قىزىم؟
بىغۇبار سەتھىمدە لەيلەپ تىندى ئالۋۇنلۇق ئازاب،
كۈيلىرىمنىڭ مۇڭىغا روھىڭنى قاتتىڭمۇ، قىزىم؟
قىن-قنىمغا سىغدىلىپ قۇترار ئەسەبىي پاجىئە،
قەبرىگاھىڭغا سىنەم بەرگىنى تاقتىڭمۇ، قىزىم؟!
1993-يىلى، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېڭىسار.
مـــۇنـــاجـــات
سۈكۈناتلار باغرىدىن چۇقان مېنىڭ قەلبىمگە كەل،
چوققىلاردا لەرزىتىپ تۇغيان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
زىلزىلە بولسۇن ۋوجۇدۇم چۆكمىسىدە داغى بىر،
نەرىلىك چاقماق بىلەن ئاسمان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
قالدى تاغلار ھەيۋىتى ئاققان ئېقىنلار سەتھىدە،
تاغ سۈيىدەك تاش تېشىپ ئارمان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
گۈل ئەمەس قارچۇقلىرىمدا چاقنىغان چوغدەك يېنىپ،
قانلىرىم بەرگىڭدىدۇر رەيھان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
ئۆڭمىگەي مۇڭلۇق سادالار جەۋھىرى جان بەرقىدە،
تار ئۈزۈپ ئۆركەشلىگەن ئەپغان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
ئاققىنى باغرىمدىكى ئاتەش ئەسەبلەر چەشمىسى،
دەۋرىسۇن ئىزگۈ قىيان، توپان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
كۆزلىرىمدە سۇ ئىچىپ تۇلپارلىرىم كىشنەر ھامان،
يەتمىگەي پەرۋاز ساڭا، پەيكان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
رىشتىلەر ئەيلەر بايان تاش ئۇستىخانلار كەچمىشىن،
پارلىغان چۆللەر ئارا گۈلخان مېنىڭ قەلبىمگە كەل.
سالسا ئالتۇن كەش بىلەن ئەپسانىلەر بۇندا ساما،
كۈيلىرىمنىڭ خەمسىسى ــ داستان مېنىڭ قەلبىمگە كەل!
ھېمىتنىڭ سايلىرى
ئۆزلۈكۈم چاقنار غۇۋا قەھرى زېمىستانلار ئارا،
تاشقا ئۈنگەن بىر گىياھمەن بۇندا ھېجرانلار ئارا.
يالتىرار سوغۇق شاماللاردا قىلىچلار شولىسى،
چايقىلار كۆك بۆرىلەرنىڭ ھىدى بارخانلار ئارا.
ئارغىماقلار ئۆركىشىگە مىنگىشىپ تاغلار ياتار،
تاشقا ئايلانغان ساداق سېھرى باياۋانلار ئارا.
قۇرۇغان دەريا ئۈزۈك تاردەك سىنەمگە يۆگىشەر،
قوڭغۇراق تەلقىنلىرى كەلمەيدۇ كارۋانلار ئارا.
يۇلقۇنارمەن ئۆز-ئۆزۈمدىن بىر بۈيۈك روھ قەسرىگە،
چېقىلار تاش سۈكىتى باغرىمدا ۋولقانلار ئارا.
بىر قەدەھ سۇندۇم (نىشانەمدۇر ھېمىتنىڭ سايلىرى)،
كەل قېنى مەشرەپ، ئىچەيلى مۇندا گۈلخانلار ئارا!