گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 2

سال نەزەر،بەرگىن جاۋاپ(غەزەللەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 11:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 128- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


ئۈچ غەزەل

ئابدۇغېنى سېيىت

بەر جاۋاپ

مەن يۈرۈمەن يار مەھەللەڭنى كېزىپ ،
ئەگىشىپ تۇيغۇمغا، گاھ يولدىن ئېزىپ .
دىلىمدا ھەم تىلىمدا تەۋسىپىڭ ،
تەۋسىپىڭ كەلمەكتە سۆز نەزمە تىزىپ .
بەزىدە ئازماي گېپىمدىن دەپ تېخى ،
كىمەن گاھ نەچچە ۋاراققا يېزىپ .
ئويلۇنۇپ قالدىم قەلەم تۇتقانچە گاھ ،
سېنى دەپ سۆز كانىدىن دۇرلەر قېزىپ .
كېپىنەكنىڭ دەردىنى بىلگەيمۇ گۈل ،
بېيىتىمنى چېيڭدا ئىچسەڭ ئېزىپ .
جاننى ئۇپراتماي تولا كۆرسەت ۋىسال ،
بەر جاۋابىڭدىن ماڭا ئۈنچە تېزىپ .

سال نەزەر

سېنى ئۇچراتتىم زىمىندا ئاي قەمەر ،
دېدى تۇيغۇم ئۇ ماڭا سالسا نەزەر .
ئىشقا بارمايدۇ قولۇم شۇندىن بىرى ،
« بەنە بىر كۆرسەم » دىبان كۆيدى جىگەر .
مەنكى ئاھ ، شۇندىن بىرى ئاۋارە مەن ،
مەشغۇلۇم سەن ياققىلا قىلماق سەپەر .
ئېسى – يادىم بەنت مېنىڭ سەن يار ئۈچۈن،
كەلسە گۈلدەك ئېچىلىپ دەپ ھەر سەھەر .
قىينىما جاننى جانان، كۆرسەت ۋىسال ،
ئەي گۈلى نازۇك چىمەنىم – ئۇز چىۋەر .
سېنى دىدىم مەن بېلىمنى باغلىدىم ،
تەپتى ئوت تېشىغا ئاھ، كۆيدى كەمەر

ئەي نادان

ئەي نادان شۇ « قىز » ئىدى ئەگەشكىنىڭ ،
چاغلىماي ئۆزەڭنى ھېچ يۆگەشكىنىڭ .
بولدى دەسمايە ئاڭا بىر چاقچىقىڭ ،
« سۈيۈمەن » دىبان گەپ تەشكىنىڭ .
دوستلىرىڭ توستى تالاي مەڭسىتمىدىڭ ،
بارمۇ يادىڭدا سېنىڭ تەگەشكىنىڭ .
ئالدىغان ئۇ چالىقۇشى نەچچىنى ،
خۇيىنى بىلمەپمىدىڭ ئۇ ئەسكىنىڭ .
بەلكى كىرگۈزەي بۇ ئىش بۇرنىڭغا سۇ ،
بىر ساۋاق سالماي ئۆتۈك سۇ كەچكىنىڭ .
بولسىدى كۆڭۈلگە ياخشى ئالتە كۈن ،
سۇ لەززىتىن سۇرۇپ ئەپلەشكىنىڭ .
خوش! دىدى، قالدىڭغۇ كوچا ئاغزىدا ،
بوپ زايە ھەشقىپىچەك يۆگەشكىنىڭ .
بولدىلا، خۇرسىنما، بولدى بولغۇلۇق،
كەلمەي ئۇ ئەيۋەشكە، سەن بەل يەشكىنىڭ .
2012 – يىل 24 – ئىيۇل . خوتەن   

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

78

تېما

22

دوست

4262

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 19:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈرگىنىمدە تور ئارىلاپ،باغلار كېزىپ،
ئاغدى نەزەر «ئۈچ غەزەل»گە قىزىقىپ.
ياخشى بوپتۇ دېدىم بىراق ،دىلدا تەشۋىش
كەتمىسىكەن شائىرىمىز ئەمدى ئېزىپ...

24

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 10:10:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HOJAKABIZ يوللىغان ۋاقتى  2013-7-25 19:02
يۈرگىنىمدە تور ئارىلاپ،باغلار كېزىپ،
ئاغدى نەزەر «ئۈ ...

ئۈچنى يازدىم خوتەندىن،
ئەمدى گۆھەر قازمايمەن.
يول ئىچىدىن يول سوراپ،
بۇندىن كېيىن ئازمايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:57 , Processed in 0.340072 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش