گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 0

غەزەللەر(كۈيزار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

436

تېما

3

دوست

5689

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 21:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 89- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


غەزەللەر

ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
1
ئەدەب شەمئىيلىرى بىرلە ۋاپادارسەن،
ۋىسال شەربەتلىرى بىرلە ۋاپادارسەن.
سېنى سۆيمەك بۈيۈك ئارمان تىلەك بىلسەڭ،
مېھىر سۆھبەتلىرى بىرلە ۋاپادارسەن.
لىۋىڭگە لەۋ ئۇزاتقاندا يېگانە قۇش،
بەخىت تاقەتلىرى بىرلە ۋاپادارسەن.
يۈرەكتە ئاقسىمۇ دولقۇن ھاياجانلار،
نىكاھ ھۆرمەتلىرى بىرلە ۋاپادارسەن.
ھاياتلىق بەرمىسە كۈيزار تېنىچ كۆلبە،
شۈكۈر ئۈلپەتلىرى بىرلە ۋاپادارسەن.
2
چەرخنىڭ زۇلمىدىن رەنجىش راۋا بولماس،
جۇنۇنلۇق دەشتىدىن رەنجىش راۋا بولماس.
ھىجىر خەنجەرلىرى جانغا بېسىم ئەتسە،
ئەتىرگۈل بەرگىدىن رەنجىش راۋا بولماس.
شۈكۈرلەر باغرىدا دەستە سۇنۇق نۇر بوپ،
سەھەرنىڭ ۋەسلىدىن رەنجىش راۋا بولماس.
پەرىشانلىق ئېقىپ ئالەم پايانىدا،
ئۆمۈرنىڭ پەرقىدىن زەنقىش راۋا بولماس.
ئازابنىڭ شېخىدا كۆيسە چېچەكلەر ئاھ!
ۋىسالنىڭ كەيپىدىن رەنجىش راۋا بولماس.
مۇھەببەت دارىغا كۈيزار ئېسىلغاندا،
نېسىۋە باغىدىن رەنجىش راۋا بولماس.
3
كۆك تىلەكتىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار،
كۆك يۈرەكتىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار.
يېشىللىققا چۆمگەن بارچە جاھاندا،
كۆك چېچەكتىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار.
كوچا- كويدا نەغمە- ناۋا جاراڭلاپ،
كۆك مېھرىدىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار.
تۇتاش بولۇپ يۈرەكلەرگە يۈرەكلەر،
كۆك ھىدىدىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار.
نەزمە پۈتۈپ، ناخشا توۋلاپ كۈيزاربەگ،
كۆك ئىشقىدىن كۈلدى كۆكلەم نەۋباھار.
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلىرى

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:48 , Processed in 0.226318 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش