ئىككى غەزەل
ئادىلجان ئابدۇرېھىم
مەجنۇن چۆلى
دىلبەرا، ئىشقى ئوتۇڭدا مەن كەبى پەرۋانە يوق، ئۆركىشى تۈننى ئېقىتقان مەن كەبى گۈلخانە يوق.
ھۇۋلىبان چۆللەر مېنى كەزدى لېۋىمگە ئىز يېقىپ، ئول مۇھەببەت دەشتلىرىدە مەن كەبى سەرسانە يوق.
كۆزلىرىڭدە ئولتۇرۇپ ئاسمانغا باقسام ئاي يىراق، سەن تامان تۇرغان يېلىنجاپ مەن كەبى جەۋلانە يوق.
لالىلەرنىڭ شاخىغا كۆمدۈم باياۋان ياشىنى، خاكىسار بولغان تېنىمدە مەن كەبى ھەيرانە يوق.
يۈزلىرىڭدىن بالقىغان خۇرشىدتا قاتتىم مۇز بولۇپ، قەستىدىن ئاتەش پىراقنىڭ مەن كەبى ۋەيرانە يوق.
قاقلىنىپ ھىجرانلىرىڭغا سايغا تامدىم تاش سىياق، يۇتقىلى دەردىڭنى جانان مەن كەبى مەردانە يوق.
ئاھلىرىمنىڭ تەپتىدىن چىقتىم جېنىمدىن باش ئېلىپ، كۇللى مەجنۇنلار ئىچىدە مەن كەبى قۇربانە يوق...
مەن كېتەي
مەن كېتەي، يار، قاتمۇ-قات كۈلپەتلىرىڭدىن مەن كېتەي، دىلنى دەرھەم ئەيلىگەن ھەسرەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
چۈشلىرىڭنىڭ بەرگىدە قالسۇن پىغانۇ-زارلىرىم، جاننى گۈر-گۈر ئۆرتىگەن قىسمەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
كۈندىكى جىلۋەڭدە بالقىپ ئوقچىسۇن نۇر سۈلكىتى، چاچلىرىڭدەك قاپقارا زۇلمەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
كىرپىكىڭنىڭ تارىدا ئۈنسۈن ئەجەمنىڭ مۇڭلىرى، تاڭدا بۇلبۇل ئۈنلىمەس سۆھبەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
قەترە ۋەھدەت جامىغا ئاقماقتا چۆللەر زارىقىپ، كەل! ئوچۇق باغرىم ساڭا، فۇرقەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
چەشمىلەردە دەۋرىسۇن مەھۋەشلىرىڭنىڭ شولىسى، ئاي بۇلۇقلاپ قاينىماس خىلۋەتلىرىڭدىن مەن كېتەي.
لەۋلىرىڭدە قاغجىراپ كۆيمەكتە چۇل-چۇل تەنلىرىم، نۇش ئېتەي، كەلگىن ماڭا ! ۋەھشەتلىرىڭدىن مەن كېتەي...
2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1 -كۈنى . گۇما - سانجۇ
|