گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 4

قەشقەرلىك ئانام(مۇۋەششەھ)-ئادىلجان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

436

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 00:56:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 247- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


قەشقەرلىك ئانام
ئادىلجان ئابدۇرېھىم
(مېھرىبان ئانام،شائىرە مېھرىگۈل ھۈسەيىنگە مۇۋەششەھ)

مېھرىدىن ئۆركەش ياساپ ئوكياندا قەشقەرلىك ئانام،
ئاققۇزۇپ كەلدى مېنى ھەرئاندا قەشقەرلىك ئانام.

ئېرىدى قەلبىم قۇياشنىڭ باغرىدا ئەللەيلىنىپ،
بەردىلەر تۈندە زىيا،گۈلخاندا قەشقەرلىك ئانام.

ھەر سەھەر قوندۇق كۆڭۈلنىڭ شاخىغا سۆھبەت قۇرۇپ،
زوق بېرىپ بۇلبۇل كەبى خەنداندا قەشقەرلىك ئانام.

رېشتىمىز بولدى باراقسان پاك يۈرەك گۈلزارىدا،
ئەيلىگەچ پەرۋىش ئۇزاق جەرياندا قەشقەرلىك ئانام.

ئىختىيار ئەتتى جېنىمنى يوپيۇرۇق پەرۋازغا ھەم،
كۆكتىكى يۇلتۇز سىياق جەۋلاندا قەشقەرلىك ئانام.

گۈل-چېچەك ئاچتى غورۇرنىڭ كىرپىكى دىلغا تاراپ،
ھىدلىسام باغلار ئارا رەيھاندا قەشقەرلىك ئانام.

ئۈنگىنى تاڭنىڭ لېۋىگە سۈپسۈزۈك سۆيگۈ ئېرۇر،
بالقىدى چولپان ئاڭا،ئاسماندا قەشقەرلىك ئانام.

لالە خۇش ھىدلار چېچىپ ھەم ئۆرلىگەي كۆككە قەمەر،
كۈيلىشىم بەرھەق تۈمەن داستاندا،قەشقەرلىك ئانام.

2013-يىلى 24-ئىيۇل . گۇما-سانجۇ
                                                            

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

2

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 3Rank: 3

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 14:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا  ، غەزەللىرىڭىز ياخشى چىقىۋاتىدۇ ھارماي  يىزىڭ

31

تېما

4

دوست

1202

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 18:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجاننىڭ قۇمۇل ئەدەبىياتىدىكى نەزمىلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!

7

تېما

0

دوست

436

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 18:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەزگۈر يوللىغان ۋاقتى  2013-7-31 18:12
ئادىلجاننىڭ قۇمۇل ئەدەبىياتىدىكى نەزمىلىرىگە مۇبارەك ...

كۆپ رەھمەت ! بىرگە بولسۇن !

1

تېما

0

دوست

49

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 22:58:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مېھرى ئاپاينىڭ ئالتۇن بويلىرى ئامان بولسۇن...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:45 , Processed in 0.458002 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش