يۇلتۇز سايىسى
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
يۇلتۇز سايىسى
ئۆزۈمنى تونىسام قاخشال شېخىمدا چاقنىغاي يۇلتۇز،
چېچەكلەر تاجىدا پىنھان سىرىمنى ساقلىغاي يۇلتۇز.
كۆڭۈل بىر كۆزگە ئايلانسا مېنىڭ ئالەملىكىم چانغاي،
بىلىش ۋەسلىدە زېھنىمنى قۇياشتا چاقلىغاي يۇلتۇز.
تېنىمنى قورشىغان توندىن قېچىپ چىقماقنى ئىستەيمەن،
يۈرەكتىن بالقىسا بىر قۇش يولۇمدا تاقلىغاي يۇلتۇز.
ئوتۇمنى تۈندە ئۇلغايتىپ ھامان كەڭلىككە ياماشسام،
بېلىمگە زەر كەمەر باغلاپ ئىزىمنى ياقلىغاي يۇلتۇز.
سەھەردە بەگتۈرك قاڭقىپ ئۇپۇق مەڭزىگە گۈل چەكتى،
تىلەكلەر مەي بولۇپ ئەمدى يۈزۈمنى ئاقلىغاي يۇلتۇز.
كەلمىش شەرھى
تۆكۈپ گۈللەرگە مېھرىمنى قېتىغا مۆككىلى كەلدىم،
قېچىپ يۈرگەن كىيىكلەرگە سىرىمنى تۆككىلى كەلدىم.
دېڭىزنى تىڭشىساڭ بىر پەس ئۇنىڭمۇ ئۆز تىلى باردۇر،
بىلەي دەپ ئەركە دولقۇننىڭ تېگىگە چۆككىلى كەلدىم.
چىرايلىق تاڭدا بوز
تورغاي ياقا يىرتىپ ناۋا قىلغاي،
بولۇپ مەستانە قۇشلارنىڭ دىلىنى ئۇتقىلى كەلدىم.
چېقىلغايمەن قېنىپ سۆيگەن ئەزىزلەرگە ئازار يەتسە،
قۇيۇپ جامغا جىمى دەرتنى غىرىبتەك يۇتقىلى كەلدىم.
مۇبادا شەيتىنىم پۇۋلەپ قېنىمدىن ئۈنسە رەسۋالىق،
غۇرۇرنىڭ شەمشىرى بىرلە ئۆزۈمنى سۆككىلى كەلدىم.
ئىشىق سەۋداسى ھەر ئەسنا بېشىمغا ياغسىمۇ لەپ-لەپ،
مۇھەببەتنىڭ سىناقىدىن ئىزىقماي ئۆتكىلى كەلدىم.
جىگدە چېچىكى
ھىدىڭ سانجىلسا باغرىمغا كۆيەرمەن قايتىدىن دىلبەر،
قوقاسنىڭ تەكتىگە جاننى كۆمەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
كۆزۈڭگە تەلمۇرۇپ باقسام يىلىنجار ئەسلىمەم چوغدەك،
يۈرەكنى ئىزگۈ دەملەرگە بۆلەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
پىچىرلاشساق قېنىشماستىن كېتەتتىم ئايلىنىپ قۇشقا،
ساڭا دەردىمنى ئايدىڭدا تۆكەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
چېپىپ كۆڭلۈمدە ئاق بوز ئات يېنىڭغا تەلپۈنەر دائىم ،
پايانىڭغا ئېقىپ نۇردەك چۆكەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
قېتىڭغا تامچىغان دەرتلىك يېشىم يۇلتۇزغا ئايلاندى،
تەبەسسۇم بىرلە ئالدىڭدىن ئۆتەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
شېخىڭدىن سىرغىساڭ ئالەم چۆمەر يالقۇن بالاسىغا،
ئۆزۈمنى تاۋلىغاچ نەزمە پۇتەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
ئەقىدەم باغلىرى ئۆڭمەي چىرايلىق تاڭغا باش قويسا،
سۈزۈك قەلبىڭدە بىر كۈنلەر ئۈنەرمەن قايتىدىن دىلبەر.
يار بولالمايمەن ساڭا
(تەزمىن)
يار بولالمايمەن ساڭا،دىلدار بولالمايمەن ساڭا،
باشقا خۇشتارىڭ تۇرۇپ،خۇشتار بولالمايمەن ساڭا.
ـ تىيىپجان ئېلىيوپ
بۇ يۈرەك مىڭ پارىدۇر سۇلھى سالالار قەستىدىن ،
شۇل سەۋەپ:شوخ سايرىغان زىلتار بولالمايمەن ساڭا.
سۈپسۈزۇك ھەسرەتلىرىم تاشقىن ياساپ ئاققان بىلەن،
تار كۆزىدىن سىرغىغان مۇڭزار بولالمايمەن ساڭا.
بولسىمۇ ئاقچا دېگەن ئەركەك ئۈچۈن قولنىڭ كىرى،
شۆھرىتى قاققان قانات پۇلدار بولالمايمەن ساڭا.
پەپىلەيسەن ھاجىتىڭ چۈشسە ئەگەر مىنمەك بولۇپ،
ئالدىساڭ تىپچەكلىگەن تۇلپار بولالمايمەن ساڭا.
ئاڭلىساڭ مەندىن جاۋاپ، ئادەملىكىم ئالەمگە تەڭ،
پۇۋلىسەڭ كۆككە ئۇچۇپ شۇڭقار بولالمايمەن ساڭا.
سۆيگۈنىڭ سەھراسىدا قالساممۇ تاق يار تاپقۇچە،
لەۋلىرىڭگە سىرغىغان ئىزھار بولالمايمەن ساڭا.
تۈندە يانغان چىراقلار
كېچە يانغان چىراقلارنى بېسىپ باغرىڭغا ئويناتقىن،
شىۋىرغان كەلسىمۇ دەۋرەپ غېرىپ ساھىلنى بويلاتقىن.
ئېغىر كۈنلەردە چوغلانغان سىڭەر بىركۈن چېچەكلەرگە،
چۆكۈپ دولقۇن پايانىغا شىجائەت بىرلە سويلاتقىن.
رەقىبكە جان تاماسىدا سېتىلغان ناجىنىسلارنى،
مېھىر-شەپقەتنى كۇمپەيكۇم قىلىپ، شەمشەردە سوتلاتقىن،
ياشاشقا ئۈندىسە ئىبلىس گويا ماڭقۇرت* كەبى نىمجان،
چېچىپ قەھرىڭدە ئوت-يالقۇن قاراڭغۇ گۆردە ئۇخلاتقىن.
ئازاپ پەنجىدە تولغاق يەپ چىراق تۇغقاندا گۈلخاننى،
قىلىپ سادىرنى سەن قولداش چېچەك پەسلىدە تويلاتقىن.
ئىزاھات: ماڭقۇرت – چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىركۈن» رومانىدىكى روھى ساراڭلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەرمۇ؟
(مۇۋەششەھ)
غۇرۇر، ۋىجداننى بەش پۇلغا سېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ،
ئېشەكنىڭ كەينىگە ئاتنى چېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ.
ئارام بەرمەي يۈرەكلەرگە، جۇدۇن پۈركۈپ پىلەكلەرگە،
قۇرت-قوڭغۇز كەبى لايغا پېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ.
لېۋەن چاغلاپ زۇغۇيلارنى، قىلىپ ھەرياڭزا خۇيلارنى،
تىكەننى گۈل ئاراسىغا قېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ.
چېچىپ سۈبھىگە كۈل، (يارەب) ئېلىپ كەلگەندە گۈل لەيلەپ،
مۆكۈپ پىنھانغا، تورغاينى ئېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ.
ئايان بولسا ھىلەڭ ئەلگە بېشىڭغا ئۆرۈلۈپ چەلگە،
يىلانلار سويلىغان يولدا يېتىپ يۈرگەنلىرىڭ ئەرمۇ.
سوغوق ياش
خۇنۈك كۈلكىگە گول بولساڭ سۈزۈك قەلبىڭگە دەرت چاتقاي،
باھاردا ئاينىغان بىخنى قوقاسنىڭ باغرىغا ئاتقاي.
تالاي يۇلتۇزغا ئوت چاچقان قاناتلىق شوخ ئاھاڭلارنى،
كۆڭۈل ئاسمانلىرى كۆيگەن قۇيۇننىڭ ئەۋجىگە قاتقاي.
پۇشايمان قىلغۇچە «ۋاي» دەپ ئوقىدىن ئاجرىغان ھارۋاڭ،
تېنىمسىز لۆمشىگەن لاينىڭ ھايالسىزتەكتىگە پاتقاي.
كېتەر بەلكىم شۇچاغ تاغدەك ئىشەنگەن قۇشلىرىڭ ئۈركۈپ،
سەۋەپ: كەچمىشكە گۆر قازغان رەقىبكە دوستىنى ساتقاي.
ئۇچۇم بولغان قاناتىنى قارا ئالقاندا سۇندۇرغان،
جۇدۇندا بەگتۈرك يەڭلىغ ھاياتنىڭ دەشتىدە ياتقاي.