گۇما دىيارى مۇنبىرى

كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 4

خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى(غەزەللەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 10:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز بۇ تېمىنىڭ 191- ئوقۇرمىنى،تېما يارىغان بولسا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ! خالىسىڭىز بىكىتىمىزدىكى ئېلانلارغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ،چۈنكى ئۇنىڭدا سىز كۈتمىگەن يېڭىلىقلار بار!.


خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى

ئابدۇغېنى سېيىت

خوتەن قاشتېشى

تاش ئارا شۇنچە سۈزۈك زاتى مۇنەۋۋەر قاشتېشى،
سەن بىلەن قايناق بازار، يېزا، شەھەر، قاشتېشى.
ئىچى، تېشى ئوخشاش سۈزۈك، شۇ سۈزۈكلۈكتە ساڭا،
تەڭلىشەلەيدۇ جاھاندا قايسى دىلبەر قاشتېشى .
بەك تولا قىسسە – رىۋايەت « تىلسىم » ي ، كان ھەققىدە،
بولمىغاي سەنچە شۇ « تىلسىم » سەنكى گۈھەر قاشتېشى .
يۇرۇڭقاش دەرياسىدۇر ساڭا كان، پەخرى ئانا ،
ئۆكسۈمەس بۇيىدا سوداڭ شامۇ – سەھەر قاشتېشى .
سەن قاچان بولدۇڭ نەسىپ ھەر كىمگە، پاھ ئامەت دىگەن ،
بولغۇسى باي، چېچىكى چاي، ھۆسنى قەمەر قاشتېشى .
سالدى بەھرىڭدە تالاي دىھقان ھەشەملىك ئۆي – بىنا ،
مېنىشى ئاۋدى، پاساد، قىلسا سەپەر قاشتېشى .
سەنكى بايلىققا مۇئەككەل، بارچە قەدىرلەيدۇ سېنى ،
قىلىسەن گاداينى باي، تىلىنى ئەنبەر قاشتېشى .
تەرىپىڭنى سۆزلىسەم بولماس ئادا شەنىڭ سېنىڭ،
تەۋ سىپىڭگە تولغۇسى نەچچە دەپتەر قاشتېشى ،
2008 – يىل . 20 –ئىيۇن . خوتەن              

خوتەن گېلىمى

ھەر كىشى باقسا ساڭا شاھى بىسات زىلچا – گىلەم ،
سۈيۈنەر يايراپ دىلى ئىھ ، گۈلى بەرنا گىلەم .
سەن ئېسىل قىممەتلىكى مۈلكى بىساتلار ئىچىدە ،
قىلىسەن ھەر كىمنى رام ئۇستىسى دانا، گىلەم .
ھەر گۈلۈڭدە بىر باھارنىڭ گۈللىشى جىلۋە – جۇلا ،
ئۈستىدە نازغىپ باقادۇر ھۇزۇرى جەننەت، گۈل سەنەم.
جاندۇلۇپ پۈتكەيمۇ سەنسىز خان ساراي ، شاھ ئوردىسى،
ئەل ئارا سوۋغاتمۇ سەن بىرلە قەدىرلىك ، مۆھتەرەم .
ئۆرىشىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر ئەقلى، ئۇزاق تارىخى،
ئارقىغىڭغا دوست، ئىناقلىق رىشتىسىدۇر بەلكى جەم .
شوخ گۈلۈڭ بىرلە ئايان خالۋان خوتەنلىك ئەمگىكى ،
جىلۋىسى ھەم شوخلىقىغا خوتەن قىزىنىڭ خۇلقى جەم .
مەن شۇڭا دەيمەن خوتەندە ئۈچ گۆھەرنىڭ بىرى سەن ،
كەلسە گەر خوتەنگە ھەر كىم كەتمىگەي ئالماي گىلەم .
2008 – يىل 20 – ئاپرىل . خوتەن
      
خوتەن ئەتلىسى

كىيىپ چىقسا سېنى ئۇيغۇر قىزى ھەممە قارار ئەتلەس،
چانار ئالدىڭدا ئۇزلۇقتا ئېسىل دۇردۇن، تاۋار ئەتلەس .
سېنىڭ نەفىسلىكىڭ ئاندا، بوياق رەڭ جىلۋىسى ھەيھات ،
گۈلۈڭ گۈلگە ئەجەپ پار – ماس، گۇيا ئوتتەك يانار، ئەتلەس.
كىيىپ ئەتلەس جوۋانلارگە كىرسە سورۇن ، جايىتانغا ،
يىگىتلەر زوق بىلەن باققاي، ئىشقى غەليان قىلار ئەتلەس .
ئايانكى سەندە ئۇيغۇر قىز سىياقى جەزبىسى، ئۇزلۇق،
سىنى كەيگەن سۈزۈك تەندىن تارار خۇش ھىد ئىپار ئەتلەس .
شۇڭا رەنا جۇۋانلارنڭ لىباسى تۇرسىمۇ قات – قات ،
ھاياتىدا سېنى كەيمەك ئۇلار بەس ، خۇمار ، ئەتلەس .
خوتەندۇركى يىپەك يۇرتى ، جىيا ئەتلەس ماكانى دەل ،
ئىزدەيدۇ كەلسىلا مېھمان ساڭا بوپ ئىنتىزار ئەتلەس .
2008 يىل 20 – ئاپرىل . خوتەن   

گۇما دىيارى مۇنبىرى-تەۋسىيە قىلىدۇ!

فىلىم قويولۇش ئالدىدىكى ھەر قانداق ئېلاننى ئۈنۈملۈك چەكلەش رولىغا ئىگە،سۈرئېتى تىز،بىخەتەر قاپلان تور كۆرگۈچىسى ! ئائىلىدە خاتىرجەم تورغا چىقاي دېسىڭىز ئاستىدىكى رەسىمنى چېكىپ چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويۇڭ .


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

54

تېما

1

دوست

1012

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 12:53  

خوتەندىكى تۆت گۇھەر،
بەكمو ئەزىز توتىيا.
بو گۇھەرنى بايقىغان،
سىزدەك ئەرگە تەسەننا.

گۇزەل خوتەن گىلىمى،
يارىشىقى ئۆيۇمنىڭ.
رەڭلىك ئەتلەس شايىسى،
يادنامىسى تويۇمنىڭ.

قاش تېشىدىن بېلەيزۇك،
يارىشار بېلەگىمگە.
گۇلقەنت بىلەن زەپە چاي،
داۋا ھەم يۇرەگىمگە.

38

تېما

2

دوست

1559

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 13:20:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇھەردىن ئاران ئۇچنى تاپتۇقما ؟
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

24

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

تەكلىپلىك يازغۇچى

Rank: 11Rank: 11Rank: 11Rank: 11

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 11:08:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahadi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-28 13:20
گۇھەردىن ئاران ئۇچنى تاپتۇقما ؟

«ئۇچ»نى ئەمەس،«ئۈچ»نى تاپتۇق. ئۆزلىرىچۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

گۇما دىيارى مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى ئوغرىلاپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ئەگەر باشقا مەتبۇئات ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە گۇما دىيارى مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ، گۇما دىيارى مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|新ICP备11003671号|گۇما دىيارى مۇنبىرى

GMT+8, 2013-9-6 16:49 , Processed in 0.281727 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش