• 2009-12-01

    ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى(3) - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/52705347.html

     

    .
    ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺷﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻜﻮﯞﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ  ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ  ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ " ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ  ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ" ﻧﻰ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﯩﮕﻪﻥ (37). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ  1944-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1949-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰﻗﻮﻟﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﻨﯩﯔﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ،  ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ  ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ  ﺋﯚﻟﻜﻪﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯞﻩ ﺭﯗﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﻼﺭﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ  ﺋﯩﻠﻰ، ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ،ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ  ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1934-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻮﺟﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻢ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ، ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻳﻮﻕ  ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ.  ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚﺧﺎﻫﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ.  ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻞ  ﺷﯘﻛﻰ،  ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩﭼﯚﭼﻪﻙ ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ  ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﯞﻩﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻠﻪﺭﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﭘﺎﺭﻣﺎﺷﻮﭘﻨﯩﯔ  ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ،  ﺋﯘﻧﻰﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ  ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮﻑ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺯﺍﻛﯩﺮﻭﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(38). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ  ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ  ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ" ﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ  ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ  ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.  1942-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ، 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﻫﺎﺟﯩﻴﻮﭖ، ﻣﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﻗﺎﺭﯨﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ(39). ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، 1940-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ  ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ  ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ " ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ، ﭼﯚﭼﻪﻙ  ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ   ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﭖ، ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ  ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﻮﻝ  ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ ( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﮕﻨﺎﺕ ﺳﺘﯧﭙﺎﻧﻜﻮ)، 20-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻕ ﮔﯟﺍﺭﺩﯨﻴﻪﭼﻰ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻣﺎﺯﻫﺎﺭﻭﯞ، ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻱ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﻮﻟﻜﻮﯞﻧﯩﻜﻰ ﻓﺎﺗﯩﻲ ﻟﯧﺴﻜﯩﻦ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭘﺎﯞﻝ ﻣﺎﺳﻜﺎﻟﯩﻴﯧﯟ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔﺮﯨﺒﯧﻨﻜﯩﻦ،  ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﻟﻮﻣﯩﻴﯧﯟ  ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥﺭﯗﺳﻼﺭ، ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﯞﻩ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻡ  ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ  ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ "ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ (40).
    ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. ﻫﻪﺗﺘﺎ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯﭼﻮﻳﺒﺎﻟﺴﺎﻥ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﻮﺭﺍﻝ-ﻳﺎﺭﺍﻕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﻗﯩﻠﺪﻯ.( 41)
    1944-ﻳﯩﻠﻰ 4-ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 12 ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ  " ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ" ﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮﯞ  ﯞﻩ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﯞﻧﯩﯔ  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ،   ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ  ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.  ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺵﻛﺎﺗﯩﺒﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ،  ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،  ﺷﯧﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ، 1933-1937-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺳﯚﺯﻟﯩﮕﯩﻨﯩﺪﻩ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ " ﺑﯩﺰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ  ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﯞﻩﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰ  ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙ  ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺯﺍﺩ  ﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﻩﻙﺑﻮﻟﯘﺳﯩﻠﻪﺭ" (42) ﺩﻩﭖ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.  ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ،  ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ  ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ   ﻓﺎﺗﯩﺦﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﻨﻰﺋﺎﺗﺘﻰ(43).ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺗﻪﺭﻩﭖﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﯞﻩﺩﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
    ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ  ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ، ﺳﯜﻳﺪﯛﯓ، ﻛﯜﺭﻩﻧﻰﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. 1944-ﻳﯩﻠﻰ ،12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ  ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ  ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻫﻪﭘﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﯕﻔﺎﯓ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗﻛﯧﻠﯩﭗ،  ﺑﯘ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﺍﻟﺪﻯ.  ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ "2-ﺩﻭﻡ " ﺑﻮﻟﯘﭖ،  ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻫﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﻗﯩﻠﺪﻯ(44).  ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩﯞﯗﭖ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻰ " ﺋﺎﺯﺍﺩﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻼ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺴﺎﻗﻼ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﻙﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻳﻠﯘﻕ؟" ﺩﻩﭖﻫﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.( 45)

    ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ 1949-ﻳﯩﻠﻰ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ  ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ  ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞﺋﯩﭽﯩﺪﻩ  ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ  ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ  ﻗﻮﻟﻼﭖ ﻫﻪﻡ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ،  ﻣﯩﻠﻠﯩﻲﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﯜﭺ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﻰﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ 500 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ 2000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺟﻪﯕﭽﻰ  ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ(46) ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺳﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ  ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﺭﺩﻯ.

     

    ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰﺋﺎﻟﺘﯘﻥ-ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ مەلۇم ساندىكى مۇھىم خام-ئەشيالارنى ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدەك يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەربى مىلتىق، ئاپتومات، زەمىبەرك ۋە ئوق -دورىلار ئۈچۈن يۇقىرى باھادا ھەق تۆلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، قوي، كالا، يۇڭ، گۆش، ئاشلىق قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئالماشتۇرۇلۇش ۋاسىتىسى قىلىنغان ئىدى(47). لېكىن، بۇ يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم پايدا بولماستىن، ھەقىقى پايدا، ئالتاي ۋە ئارشاڭدىن قېزىلغان قىممەتلىك رادىئاكتىپلىق ماددىلار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە كۈچلۈك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئوپېراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سوۋېت رازۋېتچىكلىرى بىر تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەتكە گومىنداڭ ھەم باشقا دۆلەت كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرنى رازۋېتكا قىلىشقا قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ رەھھەرلىرى، ئىلغار يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ھەمدە ھەربىي قوماندانلارنى كۆزىتىپ، ئۇلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كەيپىياتلارغا دىققەت قىلاتتى(48). ئىلگىرى كېيىن، ن ك ۋ د ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىدىن 30-40-يىللاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا پائالىيەت قىلغان پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى بورىسوۋ ( ئىگنات ستېپانكو)، پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى كەسپىي رازۋېتچىكلار ، ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ ( ئىسكەندەر ئەپەندى)، پېتىر ساۋېن ( زاكىر تۆرە)، گابىت مۇزىپوۋ ( ئەلى ئەپەندى ۋە ياكى ئەلى مەمەدوف)، پروكوپىيۇ ۋە باشقىلارمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بىجا كەلتۈردى. 20-يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ن ك ۋ د ئورگىنىغا ئىشلەشكە باشلىغان ئەسلى ئاق گۋاردىيىچىلەرنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن گېئورگىي پالىنوۋ، مازھاروۋ، موگۇتنوۋ، گرېبىنكىن ۋە باشقىلارمۇ يۇقىرى خىزمەتلەرنى قولغا ئېلىپ، گېنېرال ئېگناروۋ باشچىلىقىدىكى " ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى" ۋە كېيىن 2- دومغا بىۋاسىتە بويسۇندى(49). سوۋېت بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئىسكەندەر ئەپەندى يەنى ئىۋان ئىۋانوۋىچ ئىۋانوۋ بىلەن زاكىر ئەپەندى يەنى پېتر ساۋىن ۋە ئەلى ئەپەندى يەنى گابىت مۇزىپوۋ ئىسىملىك بۇ مۇھىم جاسۇس ئەلىخان تورىنى ئېلىپ كېتىش ئوپېراتىسىيىسىنى ئورۇندىدى. يېقىندا پاش بولغان ئارخىپلار ۋە سابىق ك گ ب پەۋقۇلئاددە ئوپېراتسىيە بۆلۈم باشلىقى سۇدپلاتوۋ ئۆز ئەسلىمىسىدە " تروتسكىينى ئۆلتۈرگەن ستالىننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى نائۇم ئەيتىنگون 1946-يىل يەنە بىر قېتىم ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە مەخپىي ئەۋەتىلىپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى يوقىتىش ئوپېراتسىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداپ، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتىنىگە قايتقان" (50) دەپ يازغان بولۇپ، رۇس تارىخچىلىرى تروتسكىينى ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى بىجا كەلتۈرگەن بۇ شەخسنىڭ بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى ، ئىسھاقبەگ مۇنونوپ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇشىنى پەرەز قىلماقتا. ئەمما بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئارخىپ ئاساسىدىكى پاكىت يوق.

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىدا قىلىنىدىغان ھەرىكەتنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئوسمان يۈسۈپوۋقا تاپشۇرۇلغان بولۇپ (51)، ئوسمان يۈسۈپوۋ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەمدە 1944-1949-يىللىرى ئۈچ ۋىلايەتكە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك مىللەت خادىملىرىنى ئەۋەتىشكە مەسئۇل بولغان ، ئۇ 1947-يىلى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان، كېيىنكى ئۆزبېكىستان رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خېلەم خۇدابەردى قاتارلىق 13 كىشىنى ئۆزى قوبۇل قىلىپ، ئىلىغا ئەۋەتكەن ئىدى ( 52). ئوسمان يۈسۈپوۋ يەنە 1946-يىلى 6-ئايدا ئەلىخان تۆرىنى ئېلىپ كېتىش ئىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەلىخان تۆرە سوۋېت رازۋېتچىكلىرى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئوسمان يۈسۈپوۋ ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغان(53) . ئۇنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بويىچە "قازاق ئېلى"، " شەرق ھەقىقىتى" قاتارلىق جۇرناللار نەشىر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگۈزۈلۈپ تۇرغان ئىدى.

    قىسقىسى ، 1943-يىلى، 16-ماي كۈنى كرېمىل سارىيىدا ئېچىلغان يىغىن قارارى ئەمەلىيلىشىپ، ئاخىرى 1944-يىلى، 8-10-ئايلاردا نىلقا قوزغىلىڭى پارتلاپ غەلىبىسېرى كېڭەيگەن ھەمدە شۇ يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، 1944-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا شېڭ شىسەي ئۆلكە ھاكىمىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، چوڭچىڭغا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موسكۋا بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى. بۇ يەردىكى ھەقىقەت شۇكى، ئۇنىڭ شېڭنى يوقىتىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ستالىننىڭ ئەسلى مەقسىتى بولغان ئالتايدىكى ئۇران كانلىرىنى ئەركىن قېزىش پىلانى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئاتوم بومبىسى ياساش غايىسى تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ئازاد قىلىنىپ، ماناس دەرياسى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مەمۇرىي ۋە ھەربىي-سىياسىي چېگرا قىلىنىپ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بۇ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىپ، خاتىرجەم ھالدا ئارشاڭ ۋە كۆكتوقايدىكى كانلاردىن ئاتوم پىلانىغا كېرەك بولغان ئۇران ، ۋولفرام ھەم باشقا قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىشى كېرەك ئىدى. ستالىن ئاخىرى مۇددىئاغىلا ئەمەس، بەلكى سىياسى مۇددىئا ھەمدە ئىقتىسادىي مۇددىئاغىمۇ يەتتى. بىچارە ئۇيغۇر خەلقى شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلار كەبى ستالىننىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى
    .

    6. ناگاساكى   ۋە غۇلجا

    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ   ئىلى ئىنقىلابىنى قوزغاش ۋە مەزكۇر ئىنقىلاب نەتىجىسىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىنىڭ ئاخىرىغىچە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇستەسنا ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللىشىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللار قاتارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ موسكۋانىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر قانچە مەسىلىلەر قاتارىدا، يالتا كېلىشىمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى گېرمانىيە ھەم  ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدىكى ئەھۋاللارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەگەردە، ستالىننىڭ مەقسىتى پەقەتلا شېڭ شىسەينى ئورنىدىن قالدۇرۇش  ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئىمتىيازلىرىنى  قايتىدىن تىكلەش دەپ قارىغاندا، ئۇنىڭ  مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشى 1945-يىلى 6-11-فېۋرالدىكى  ستالىن، رۇزۇۋېلت ھەم چېرچىللار ئارىسىدىكى يالتا سۆھبىتى ھەم يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى بىلەن توختاپ قېلىشى  كېرەك ئىدى. ھېچ بولمىغاندىمۇ،  1945-يىلى  14-ئاۋغۇستتا  يالتا روھى بويىچە "سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى" نىڭ  تۈزۈلۈشى  بىلەن خۇلاسىلىنىشى لازىم ئىدى. چۈنكى، ستالىن  ئەنە شۇ  يالتا كېلىشىمىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىن زېمىن تەلىپى يوقلۇقى ۋە بۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن(54).  ئەمما، ئۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ستالىن  "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"گە داۋاملىق ياردەم بەردى. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ھەققىدە شۇنداق پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىنكى، چۈنكى، بىرىنچىدىن  ستالىن يالتا كېلىشىمىدە  2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى تەڭشەشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن  ئۇنى تېخى ئەمەلىيەتكە ئاشۇرمىغان ھەمدە تولۇق كاپالەت  ئاستىغا ئالمىغا ئىدى. ئىككىنچىدىن  كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇ تېخى   ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەنبەلىرى جايلاشقان تارباغاتاي، ئالتاي رايونىدىن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تولۇق تازىلاپ بولالمىغان ئىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ مەقسەتلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان، مىللىي ئارمىيە شىددەت بىلەن ئوتتۇرا ، شىمالىي يۆنىلىشلەردە جەڭ قىلىۋاتقان پەيتلەرگە توغرا كەلگەن ، 1945-يىلى، 24-ئىيۇلدىكى پودستام يىغىنى مەزگىلىدە   ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلدى. پوتسدام يىغىنىدا ئامېرىكا  پرېزىدېنتى ترۇمېن ستالىنغا بۇ خەۋەرنى ئېيتقاندا، ستالىن خۇددى ھېچ ئىش  بولمىغاندەك كۈلۈپ قويسىمۇ، لېكىن  ئۆزىنىڭمۇ مۇنداق بومبىنى ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى چاندۇرمىدى.( 55) .

      چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئۇران زاپاسلىرى ئۇنىڭ ئاتوم پىلانىدىن تولىمۇ يىراقتا بولۇپ،  ئۇ يەنىلا زور مىقداردا ئۇرانغا مۇھتاج ئىدى،  بۇ ئۇران كانلىرى پەقەت شىنجاڭ ئۆلكىسىدىلا بار ئىدى. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى  ئامېرىكا خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈننىڭ ئەتىسى ستالىن سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيىگە قارشى مانجۇرىيىدىكى پۈتۈن سەپلەر بويىچە 9-ئاۋغۇست كۈنى ھۇجۇم باشلاش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكا ناگاسىكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى.  14-ئاۋغۇست كۈنى بولسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى رادىئو ئارقىلىق تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان كۈنى موسكۋادا "سوۋېت جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى" ئىمزالاندى ھەمدە قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى پۈتۈن مانجۇرىيىنى ھەمدە كورىيە يېرىم ئارىلىنى  ئاساسەن ئىشغال قىلىش بىلەن  ياپونىيە ئارمىيىسىنى پۈتۈنلەي گۇمران قىلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇلغان ھەمدە موسكۋا يالتا كېلىشىمىدە  ئوتتۇرىغا قويغان ئىمتىيازلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق  ئاتوم بومبىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىرىش كۈچى بارلىقىنى  ئەمەلىيەت ئارقىلىق تونۇپ يەتتى   شۇنىڭدەك   ئامېرىكىنىڭ  دۇنيادىكى بىردىن-بىر ئاتوم دۆلىتى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈشنى ئۆزىگە نىسبەتەن يېڭى تەھدىت ھېسابلاپ، ئاتوم بومبىسى ياساش سۈرىتىنى ئەڭ يۇقىرى سۈرەتتە تېزلىتىشنى قارار قىلدى(56).

    بۇ ئېھتىياج بىلەن 1945-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى ستالىن  دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ  9887-نومۇرلۇق قارارىنى تەستىقلاپ، يېڭى ئاتوم پىلانى قۇرۇلمىسى قۇرۇپ چىقتى. ئومۇمىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن "ئالاھىدە كومىتېت قۇرغان بولۇپ،  " ئاتوم سىياسىي بيۇروسى" دەپ ئاتالغان  مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە بېرىيا تەيىنلىنىپ، تەركىبىگە ستالىن قاتارلىق مۇھىم رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم ئاتوم ئالىملىرى كىرگۈزۈلدى.  ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيىنى يوقىتىش بىلەن كۆپلىگەن گېرمان ئاتوم ئالىملىرى ھەم  گېرمانىيىنىڭ بىر قىسىم ئۇران زاپاسلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆز پىلانى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇران زاپىسى شۇنىڭدەك تېخنىكا كۈچى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇران قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلدى. مەزكۇر 9887-نومۇرلۇق قاراردا " كەڭ كۆلەمدە گېئولوگىيىلىك  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،     سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران خام ئەشيا بازىسىنى قۇرۇش   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېشىدىكى ئۇران مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇران سانائىتىنى تەشكىللەش ھەمدە  ئاتوم ئېنېرگېتىكا ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش ۋە ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقىش" دەپ بېكىتىلگەن . ( 57) بۇ قارار بويىچە  خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى قارمىغىدا  ئىجرا قىلىش ئورگىنى قۇرۇپ، ئاتوم ساھەسىگە ئائىت مەخپىي كان ۋە  سانائەت ئورگانلىرى قۇرۇپ چىقىپ، بۇلاردا  تۈرمىگە تاشلانغان ئادەملەرنى ئىشلەتتى. بۇ ئادەتتە "ئاتوم گۇلاگى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، مەزكۇر ساھەدە ئەڭ كۆپ بولغاندا   700 جىنايەتچى ئىشلىگەن ئىكەن(58).
    ئەنە شۇ قارار بويىچە ستالىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمزا قويغان  يالتا كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان   قارار بويىچە  14- ئاۋغۇست كۈنى جۇڭگو بىلەن  "دوستلۇق كېلىشىمى" نى تەستىقلىغان ھەمدە  جاڭكەيشى ھۆكۈمىتىگە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوللىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىگە قارىماي، يەنىلا مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە ھۇجۇم قوزغاپ،   1945-يىلى، 9- سېنتەبىر كۈنى ئالتاينى، 16-سېنتەبىر كۈنى جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كېلىشىگىچە يول قويدى. 2000 دىن ئارتۇق قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋە 500 نەپەر قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېرى مىللىي ئارمىيىنىڭ  بۇ ئۇرۇشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلدى(59).  بۇ ۋاقىتتا ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت تولۇق ئازاد بولۇش بىلەن ئارشاڭ ھەم كۆك توقايدىكى   رادىئاكتىپلىق مېتاللار  مەنبەلىرىنى ئېچىش  شارائىتى يارىتىلغان بولۇپ، ستالىن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تېخنىكا، خام ئەشيا ھەم كادىر ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىشى ئاستىدىكى  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى توختىتىپ قويدى ھەمدە جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ بىلەن بېتىم تۈزۈشكە قىستاش بىلەن ئۆزىنىڭ گومىنداڭ  ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆرسەتتى. بىراق، سۆھبەت 10 ئايغا سوزۇلدى شۇنىڭدەك  ئارقىدىن 1946-يىلى 7-ئايدىن 1947-يىلى 8-ئايغىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولدى.  بۇ ھۆكۈمىتىمۇ بۇزۇلۇپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى رەھبەرلىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ، ماناس چېگرىسى تاكى 1949-يىلى 11-ئايغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قىسقىسى ئەنە شۇ 5 يىل جەريانىدا گومىنداڭ ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى سوۋېت تەسىرى ئاستىدىكى مەزكۇر ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە كىرەلمىگەن بولۇپ،  مەزكۇر رايون مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇران قېزىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

    قىسقىسى، پاكىتلار ئارقىلىق مەنتىقىلىق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، خىروشىما ۋە ناگاساكىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلىشى، ئىنسانىيەكە ھەقىقەتەن قۇدرەتلىك قىرىش خاراكتېرلىق قورالنى ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەردە بۇ قورال كىمنىڭ قولىدا بولسا، ئۇنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى تەڭداشسىز كۈچگە ئايلىنىدىغانلىقىنى  ھەقىقىي يوسۇندا ئىسپاتلاپ بەردى. ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئىنسانىيەتنى چۆچىتىدىغان  دەھشەتلىك مەنزىرە  ستالىننىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي، ئەڭ تەز سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسى ياساش پىلانىنى كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن گەرچە ستالىن  يالتا يىغىنىدا جۇڭگو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىپ، يالتا روھى بويىچە  1945-يىلى 8-ئايدا جۇڭگو بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، جۇڭگودىن ئېرىشكەن مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، بىراق  يەنىلا شۇ ئاساسلىق مۇددىئا ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان   ئۇران بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن  ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت  ئازاد ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويماي، غۇلجا يەنىلا مەزكۇر ھېچ قايسى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان مۇستەقىل  ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ   مەركىزى بولۇپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغىقى خۇددى ئىككى دۆلەت  كەبى ئوخشىمىغان دۆلەت بايرىقى، ئوخشىمىغان ئارمىيە ۋە دۆلەت ھەم ساقچى ئاپپاراتلىرى ۋە  ئوخشىمىغان مائارىپ ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە  ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا  تەڭداش  مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.   ناگاساكادىكى پارتلاش ئاۋازى گەرچە غۇلجىغا ئاڭلانمىغان شۇنىڭدەك  بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى  تەخمىنەن  5-6 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق بولسىمۇ، لېكىن  ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق  ئازادلىققا، ھۆرلۈككە تەشنا خەلقلەرنىڭ مىڭلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قان بەدىلىگە قۇرۇلغان  غۇلجا ھۆكۈمىتى  ستالىننىڭ ئاتوم پىلانى ئۈچۈن بىلىپ-بىلمەي خىزمەت قىلدى. ستالىنغا ئىشەنگەن، ئۇنىڭدىن ئازادلىق ئۈمىدلىرىنى كۈتكەن  غۇلجا رەھبەرلىرى سوۋەت ئىتتىپاقى كان خادىملىرىنىڭ  كۆك توقاي ۋە ئارشاڭ قاتارلىق جايلارغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي رەۋىشتە ئۇران  قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددىلار ۋە باشقا رودىلارنى قېزىشىغا، خەلق  ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى ۋە "ئاتوم سىياسىي بىيورىسى"نىڭ رەئىسى بېرىيانىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدىكى سوۋېت ن ك ب د قوشۇنلىرى ئۆزى خالىغانچە ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى كان رايونىغا  كىرىپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا قوغداش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇگۇللاندى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەشۇ سوۋېت دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 9887-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجراسىنىڭ بىر  مۇھىم قىسىمى ئىدى خالاس.

     

      7. ئارشاڭ ۋە كۆك توقايدىكى  قېزىش

    دېمەك،   ناگاساكى ۋە خىروشىمادىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ پارتلاش  ئاۋازىدىن بىر ئاي كېيىن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن  ئىبارەت  سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە، 300 مىڭ كۋادرات  كىلومېتىرلىق  تېررىتورىيىدە  جۇڭخۇئا مىنگو ھاكىمىيىتى  يوق قىلىنىپ،  شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامىدا  بىرلىككە كەلگەن بىر   يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا   ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنى يولغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە خادىملىرى جۈملىدىن ئۇران قازغۇچىلىرى  موسكۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى  مەزكۇر  ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىلگىرى ئۆزلىرى تاپقان  ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى  مەنبەلىرىگە قايتىپ كېلىپ قېزىش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.  ئەسلىدە، سوۋېت كان خادىملىرى 1935-يىلىدىن كېيىنلا شېڭ  شىسەيگە ياردەم بېرىش نامىدا شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بىراق ، 1940-يىلى  شېڭ شىسەي  بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى "كونسېسسىيە كېلىشىمى" دىن كېيىن  ئىلىدا  ئۆلكىلىك "گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى" قۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئىلگىرىكىدىن ئاكتىپ ئېلىپ بېرىلغان.  بۇ ئورگان ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئىشلىرىغا ياردەمچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىغان ئىدى(60).

        سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئارشاڭ تەۋەسىدە  تېپىلغان  "ۋولفرام" كانى دەپ ئاتالغان كان ئەسلىدە 1938-يىللىرى تېپىلىپ بېكىتىلگەن  ھەمدە  1943-يىلىغا كەلگىچە   ئىنجېنېرلار 60 قا، ئىشچىلار 3000 مىڭغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن 1943-يىلى   مايتاغ   نېفىتلىكى  بىلەن تەڭ  توختاپ قالغان(61) . شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئازاد  قىلىنىش بىلەن تەڭلا سوۋېت گېئولوگىيە ۋە كان خادىملىرى ئارشاڭدىكى  كاڭغا قايتىپ كېلىپ، جىددىي قېزىش ئىشلىرىغا كىرىشتى.  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارشاڭدىكى ۋولفرام كېنىنى قېزىش ئىشلىرى  1945-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدىن تارتىپ تاكى 1950-يىلىغىچە ھېچ توسالغۇسىز داۋاملىشىپ، ئىشچىلار ھەم تېخنىكا قوشۇنى ئىزچىل كۆپەيتىلىش بىلەن  ئېرىشكەن مەھسۇلات سانىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلغان.
    ھازىرچە، سوۋېت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئارخىپ ھۆججەتلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي شەكىلدە ئېلىپ بارغان مەزكۇر كان قېزىشنىڭ ئەمەلىي  ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىمۇ تولۇق ئەمەس. بىراق،  گومىنداڭ ھۆكۈمەت  ئورگانلىرىنىڭ  ئىگىلىگەن تولۇقسىز مەلۇماتلىرى مەۋجۇت بولۇپ،  ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  سوۋېت ئىتتىپاقى  ئىلى قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى ئالاھىدە ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئارشاڭ تەۋەسىدىكى كان رايونىدا " پۈتۈنلەي يېڭىچە  قېزىش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك موڭغۇل، قازاق، ئۇيغۇرلاردىن  3000 دىن ئارتۇق ئىشچى  يالاپ، ھەر كۈنى  825 جىڭ ، يىلدا 150 توننا  كان مەھسۇلاتى قېزىپ چىقارغان. 1946-يىلى، كان ئىشچىلىرىنىڭ سانى بىر تۇمەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن ئۇچ ھەسسە، قازغان كان مەھسۇلاتى تەخمىنەن 450  توننىغا يەتكۈزۈلگەن. 1947-يىلى كان  ئىشچىلىرى 20 مىڭغا  يەتكۈزۈلۈپ، 1945-يىلىدىكىدىن  يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇلغان. قازغان مەھسۇلاتىمۇ  مىڭ توننا دەپ پەرەز قىلىنغان . ئۈچ يىل ئىچىدە  جەمئىي 1600 توننا كان مەھسۇلاتى قازغان(  62).   مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇچۇردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازغان كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىنچى يىلى ئازراق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن   ئارشاڭ قاتارلىق جايلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ئىلى  ۋىلايىتىنىڭ 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە تولۇق ئازاد بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سوۋېتنىڭ بۇ جايدىكى گېئولوگىيىلىك ھەرىكىتىنىڭ تەخمىنەن شۇ يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئىككىنچىدىن دەسلەپكى يىلى ئىشچىلار سانىمۇ ئازراق بولغان.

    گومىنداڭ غەربىي شىمال بارگاھىنىڭ 1948-يىلى، دۆلەت  مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللىغان  مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،  ئارشاڭدىكى كان مەنبەسى ئۈچ جايغا جايلاشقان بولۇپ، بىرى  ئارشاڭ ناھىيىسىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چىغىستاي( چىكەسىتاي)  رايونى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش پونكىتىدىن 30 كىلومېتىر يىراقتا بولۇپ،  كان رايونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر، كەڭلىكى بىر كىلومېتىر.  ئىككىنچىسى ئارشاڭ ناھىيىسىدىن  25 كىلومېتىر يىراقتىكى  ۋە چىغىستاي رايونىنىڭ شەرقىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇسىتاي رايونى بولۇپ، كانلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر،  دېڭىز يۈزىدىن 2400 دىن 2800غىچە بولغان تاغ ئارىسىغا جايلاشقان.  ئۈچىنچى جۇلىكەن دەريا ساھىلىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 1800 دىن 2000غىچە  ئېگىز بولغان تاغ جىلغىسىغا  جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى بىراق تەكشى بولۇپ، كان قازىدىغان جاي بىلەن كان  كان مەيدانى ئارىسى يېقىنراق بولغان ( 63).  ئارشاڭدا كان مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان پونكىت  شۇنىڭدەك كان رايونىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق  كان ئىشلىرىغا كېرەكلىك بولغان ئەسلىھەلەرنى قۇرغان.

      گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ  دوكلاتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن  ئۇنىڭدا   مەزكۇر كان رايونىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن باشقا يەنە قانچىلىك زاپاس بارلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بىرنچى كان رايونىدا  1050 توننا، ئىككىنچى كانلىقتا 2350 توننا، ئۈچىنچى كانلىقتا 5600 توننا  بولۇپ،  جەمئىي 9 مىڭ توننا كان مەھسۇلات زاپىسى بارلىقى قەيت قىلىنغان(64). گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ  بۇ سانلىق مەلۇماتنى نەدىن ئالغانلىقى ۋە قانداق ئىگىلىگەنلىكى  ئېنىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ يۇقىرىقى سانلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى تېخىمۇ رېئاللىقتىن يىراق بولۇپ، بەلكى ئۇلار  بۇ يەردە 1943-يىلىدىن ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ئاشكارا قىلغان سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك  يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ  زادى نېمە ئىكەنلىكى ۋە  قانچىلىك زاپىسى بارلىقى  ھەققىدە  شېڭ شىسەيگە راستچىل مەيداندا تۇرۇپ مەلۇمات بەرگەنمۇ يوق، بۇنىسى نامەلۇم. چۈنكى، زاتەن شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن  1940-يىلى، 26-نويابىردىكى "كونسېسسىيە كېلىشىمى" مۇ مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، موسكۋا بۇ ھەرىكىتىنى باشتىن ئاخىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتقان.

        گومىنداڭ   ھۆكۈمىتىنىڭ توپلىغان بۇ مەلۇماتلىرىمۇ پەرەز  ۋە تەخمىن قىلىش  تۈسىنى ئالغانلىق ئېھتىماللىقى زور.  گەرچە، 1946-يىلى 7-ئايدىن تاكى 1947-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىگە ھەربىي-سىياسى، مەمۇرىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن كىرىپ، ئۇنى ئۈرۈمچى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئۈچ ۋىلايەت يەنىلا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن. ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى  ئىلى تەرەپ   گومىنداڭنىڭ   ئۈچ ۋىلايەتنى ئىگىلىشىگە يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن  گومىنداڭ ئىلىنى "ئالاھىدە بولۇۋالدى" دەپ دائىم  ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نەنجىڭنىڭ  مەزكۇر  مۇستەقىل "ئالاھىدە رايون" 'غا ئادەم ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  تەسىرى جۈملىدىن كان قېزىش ئىشلىرىنى  تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تولۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 1947-يىلى ،8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسى جىددىيلىشىپ، ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى بىر-بىرىگە قارشى  جىددىي ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇ ھال تاكى  ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدىن تېخىمۇ زور مىقداردا كان مەھسۇلاتى ئالغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى، ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋەسىدىكى ئارشاڭ  1947-1948-يىللىرىدىكى ئوسمان ۋە قالىبەك قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانى ھەم بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن خالى بولۇپ، ۋەزىيەت مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن  سوۋېت ئىتتىپاقى ناھايىتى خاتىرجەم ھەم ئوڭۇشلۇق ھالدا كان قېزىشقا مۇۋەپپەق  بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بۇ جايلار قازاقىستان چېگرىسىغا بەك يېقىن، ئىلىنىڭ باشقا ئادەم زىچ جايلىرىدىن يىراق    بولغانلىقى ئۈچۈن ئېرىشىلگەن مەھسۇلاتلارنى  ھەتتا قورغاس ئارقىلىق ئېلىپ كېتىشمۇ ئاسانغا چۈشكەن ئىدى

    收藏到:Del.icio.us