• 2009-12-01

    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر(2) - [ماقالىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/52706023.html

     

     

    4.سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئازىيىپ بېكىنمىچىلىك كۈچەيگەن.
    خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتتا بۇنچىلىك قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى خەلقارا مۇھىت بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر دېڭىزچىسى يىغمىشنىڭ غەرپكە بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىشى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خۇيزۇ دېڭىزچىسى جېڭ خېنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرىشى بىلەن شەرق غەرپ ئالاقىسى قۇرۇقلۇقتىن (قۇرۇقلۇق يولى بىخەتەر ئەمەس ئىدى) كۆرە دېڭىز يولىغا كۆچتى. چۈنكى كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ  ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر- بىرىگە قارشى بىرمۇنچە ئۇششاق فىئودال خانلىقلار بارلىققاكەلدى. نەتىجىدە يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ شەرق غەرپ مەدەنىيەت، ئىقتىساد- سودا لېنىيىسى تېنچ بولمىغانلىقتىن ئاستا ئاستا ئۆز رولىنى يۇقۇتۇپ بارىدۇ. بۇ ھەقتە سابىق سوۋېتلىك مۇئەللىپلەر گافىروف بىلەن مىروشىنكوۋلار مۇنداق دەپ يازىدۇ:
    «يىپەك يولىنىڭ توسۇلىشى ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھىندىستان ۋە جوڭگۇغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىگەللىۋېلىشى سەۋەبىدىن مەركىزى ئاسىيانىڭ دۇنيا بىلەن بولغان  سودا قاتناش ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. غەرپ بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى ئۆزگىرىپ، مەركىزى ئاسىيانى جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولدى. مەركىزى ئاسىيادا يەرلىك فىئودال ھۆكۈمرانلىق كۈچەيگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ناھايىتى تېز خاراپلىشىشقا قاراپ ماڭدى.»
    ئامىرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس ستاۋرىئانۇس ئەپەندى دۇنيا تارىخىدىن يەكۈن چىقىرىپ «دۇنيانىڭ ئومۇمى تارىخى»ناملىق كىتابىدا  دۇنيا تارىخى ئىسپاتلىدىكى بىر ئىجتىمائى گۇروھنىڭ مەدەنىيەتتە تەرەققى قىلىشى ئۇنىڭ خوشنىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلالىغان قىلالمىغانلىغى بەلگىلەيدۇ. بىر ئىجتىمائى گۇروھ ئېرىشكەن ھەر خىل كەشپىياتلارنى باشقا ئىجتىمائى گۇروھلارغا تارقىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بېرىش كېلىش قانچە كۆپەيسە ئۆز ئارا ئۈگۈنۈش پۇرسىتىمۇ كۆپۈيىدۇ. ئومۇمەن ، مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىپتىدائى ھالەتتىكى قەبىلىلەرمۇ ئۇزاق جەرياندا بېكىك ياشىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خوشنا قەبىلىلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىدىن پايدىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا باشقا جۇغراپىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ مىللەتلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشقا باغلىق. باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن ئەشۇ مىللەتلەر غايەت تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئىنتايىن زور . ئەمەلىيەتتە ، ئۇلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە شاللىنىش بېسىمىدۇر. ناۋادا ئۆز ئارا تەسىر پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلمىسا چۇقۇملا ئاسلىماتسىيە بۇلىدۇ  ياكى يۇقۇلۇش خىرىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە بېكىك ھالەتتە ياشىغان مىللەت سىرتتىن  كېلىدىغان ئىنرتسىيىگە ئېرىشەلمىسە ، يەنە خەۋپ خەتەر بولمىسا شاللىنىش بېسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا  ئۇلار ئەسلىدىكى ھالىتى بۇيىچە نەچچە مىڭ يىل ياشايدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادا  ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىمۇ يۇقارقى قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
    بۇ چاغدا شىنجاڭدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەھۋالمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن ئوخشاش بۇلۇپ مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى خاراپلىشىشقا يۈزلىنىپ بۇرۇنقى مەدەنى گۈللۈنۈش پۈتۈنلەي تۈگەشكەن، بۇرۇنقى ئىلىم پەن گۈللۈنىشى ئاخىرلىشىپ خۇراپىلىق ۋە مەزھەپچىلىك كۈچۈيۈپ تەپرىقى ھاكىميەتلەر كۆپەيگەن، ئۆز- ئارا نىزالار كۆپىيىپ ئىگىلىك ۋە خەلق تۇرمۇشى خاراپلاشقان. ياۋروپادا بولسا ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ ئىسلاھات، رىقابەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەبىئى پەن، ئىجتىمائى پەنلەردە ۋە سانائەتتە يېڭى بۆسۈش بولىۋاتقان ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىگى تەرەققى قىلىپ ماشىنىلىشىۋاتقان بۇلۇپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ئىدى. بىز بولساق بۇلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا قۇدۇقنىڭ تېگىدىكى پاقىدەك ئاسمان مۇشۇ دەپ    يۈرۈۋاتاتتۇق. نەتىجىدە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى «ئۇچار گىلەم»،« ياغاچ ئات» تا  ئەكىس ئەتكەن ھاۋا قاتناش ئارزۇلىرىمۇ  شۇ بويىچە چۆچەك بۇلۇپ قېلىۋەردى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىلىم بىلەن كۆككە چىققىلى بولىدىغانلىغى، قۇل بولسىمۇ ئىلىم بىلەن ئازاتلىققا ئېرىشەلەيدىغانلىغى ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىمۇ  بىزنى ئويغىتالمىدى، بىز ئەسىرلەرنى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق، ئىشەك ھارۋىسىنى ئالاھىدە قاتناش قورالى، كالا بىلەن ساپاننى ئىشلەپچىقىرىش قورالى قىلىپ ئەسىردىن ئەسىرگە كۆچۈپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنى بېكىك ھالەتتە ساقلاپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن پەرەڭ ۋە ئورۇس، جوھوت ئەجنەبىلەرنىڭ قانداق تەرەققى قىلغىنىنى پىسەنتىمىزگە ئالمىدۇق، ۋەلسىپىت ياسىسا شەيتان ھاربا دەپ ئاتىدۇق، مۇشۇ ئەسىردە ھەتتا ئايرۇپىلانغا نىمە دىگەن چوڭ قۇش بۇ دەپ دان چاچقان لىغىمىز  نىمىنى ئىسپاتلايدۇ؟
    مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتتىن تارلىققا يۈزلەنگەن.
    ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركى خەلقلەر ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئەل فارابى، مۇھەممەت خارەزەمى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، جامال قارشى، ئەھمەت يۈكنەگى، ئىمائىددىن كاشغەرى، سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ... كەبى بىرمۇنچە پەيلاسوپ، ئەدىپ- ئالىملار ياشىغان بۇلۇپ ماتىماتىكا (ئەلجەبىر)، ئەدەبىيات، ئىلمىي كىمىيا، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمىي نۇجۇم، پەلسەپە، تىبابەت، ناخشا-ساز قاتارلىق ساھەلەردىن خېلى ياخشى ئىلمىي مۇۋەپپەقيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. موڭغۇللار دەۋرىگە كەلگەندە ئالىملىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى بىلەن ناھايىتى كەڭ دائىرىگە تارقىلىپ ئۆزىنى نامايەن قىلدى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. مەسىلەن: ئەدىپلەردىن سەئدۇللا، سەۋىنىچ ھىيا، مازۇچاڭ، شۈئاڭفۇلارنى، يېزا ئىگىلىك ئالىمى تۆمۈر تۆبرۈك (لۇ مىڭسەن)نع، ئۇزۇقلۇقشۇناس قۇسقۇي، يېزىقشۇناس تاتاتۇڭا ۋە چوسگىخودرىز، تەرجىمان ئەنتساڭ ۋە بىلاناشىل، سىياسىئون لىئەن شىشەن، ئەھمەت، ئۆمەر، ئاستۇرنوم جامالىددىن، بىناكار ئەختەرىدىن، ياراغشۇناس ئالاۋىددىن ۋە ئىسمايىل، رەسسام گاۋكۇكۇن، ئالىملاردىن چىنشىمىڭ ۋە شەمسىدىن، دېڭىزچى يىغمىش، تارىخشۇناس لىئەنخۇيشەن.... قاتارلىقلارنىڭ تۆھپىسى سۆزىمىزگە دەلىل بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا باشقىلارنىڭ ئىلغار ئىلىم ۋە تەخنىكىلىرىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرىنى خوشنا ئەللەرگە ئۈگەتكەن. تۆمۈر، كۆمۈر، مىس، بۇغداي، پاختا ... لارنىڭ شىنجاڭدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بالدۇر بولىشى، خەنزۇ تىلىدىكى تۆمۈر سۆزىنىڭمۇ تۈركى تىلدىكى تۆمۈردىن قىسقىراپ بۇلۇشى، يۇقارقى تەخنىكىلارنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە تارىلىشى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداقتۇر ئەكىلىشپەرۋەر مىللەت بولماستىن باشقىلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلالايدىغان مىللەت ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى 16- ئەسىردىن باشلاپ سوپىزىمنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى، سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئادالەتلىك سۇلتانى سەئىدخاندىن باشلاپ خانلارنىڭ سوپىلارغا مۇرىت بۇلۇشى تۈپەيلىدىن خوجا- ئىشانلار رايۇنىمىزدا ناھايىتى تېز كۆپەيدى، مۇرىتلىرى كۈنسىرى ئاشتى. تەسىر دائىرىسى زورايغان سوپىلار قۇرئان، ھەدىس ۋە سوپىلىق كىتاپلىرىدىن باشقا بارلىق مەدەنىيەتنى چەكلىشى ھەم بۇ خىل تەقىپنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولمايدىغان زىيانلارغا گىرىپتار قىلدى. ئۇيغۇر خەلقى سوپىلارنىڭ دەھشەتلىك روھى قۇل قىلىشى، ئۇلارنى غالىبىيەت يولىغا، ھۆرلۈككە باشلايدىغان ئىلىم يولىدىن مەھرۇم قىلىشى بىلەن ئۇلار روھى قۇللۇققا چۈشۈپ قالدى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت روھى يۇقۇلىدىكەن شۇ مىللەت يوقالماي قالمايدۇ، ئۇيغۇر روھى يۇقالغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئەۋۋەل جوڭغارلارغا ئاندىن چېرىك چىڭ سۇلالىسىغا ئات-ئىشەك ئورنىدا ئىشلىدى.
    سوپىلار ئۆزلىرىنى ئاللا بىلەن تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پۈتمەس، تۈگۈمەس ۋەيرانچىلىق ۋە خارلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇلار مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بۇزۇپ، مەدەنىيەتنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشتى. مەكتەپ مەدرىسلەرنى سوپىزىملىق پائىلىيەت سورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ساپ ئەقىدىلىك ئۇيغۇر خەلقىنى روھى قۇللارغا ئايلاندۇردى. سوپىلار ھاكىميەت بېشىغا چىققان ۋە قورچاق ھۆكۈمدار بۇلۇپ تۇرغان ۋاقىتلاردا قۇرئان ۋە ھەپتىيەك بىردىنبىر ئۇقۇشلۇققا ئايلاندى. قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىمۇ سوپىزىم ئىدىيىلىرى بويىچە تەپسىرلەندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنى سوپىلار تەخىتتىن چۈشكەن ئەمما تەسىرى يەنىلا چوڭقۇر بولغان چاغلاردا مائارىپ ئاستا- ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئەمما ئىجتىمائى پەنلەر مۇتلەق ئاساسى ئورۇننى تەشكىل قىلدى. تەبىئى پەنلەر ۋە تېخنىكىلار (ھۈنەر سەنئەت) ئاساسەن ئۇنتۇلدى، ئۇقۇتۇش دائىرىسى بەكمۇ تار بۇلۇپ قالدى. نەشىرياتچىلىق، باسما ئىشلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ قولدا كۆچۈرۈدىغان قالاق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. شۇ دەۋىر ئىجتىمائى جەمئىيىتىگە نەزەر سالساق پەقەت شائىر، تەرجىمان، تىۋىپلەرلا يېتىشىپ چىقتى، ھۈنەر سەنئەت يەنىلا ناتۇرال ئىگىلىك باسقۇچىدا تۇرۇپ قالغىنى ئۈچۈن ھىچقانداق تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىدى. ھۆكۈمران چىڭ سۇلالىسىمۇ ئەسلىدىنلا قالاق بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ھىچقانداق بىر مەدەنىيەت ئاتا قىلالمىدى، ئەكسىچە ھۆكۈمرانلىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىق توڭچى (تەرجىمان) يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپتىن بىرقانچىنىلا ئاچتى. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا تەسىر قىلغۇدەك، ئۇلاردا ئويغۇنۇش پەيدا قىلغۇدەك بىرەر مەدەنىي تەرەققىيات، يۈكسىلىش بولمىغىنى ئۈچۈن خوشنىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا ھىچقانداق ئىجابى تەسىر ئاتا قىلالمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى خارابلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئەنە شۇ ئىسلامىيە

     

     بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://tarix.blogbus.com/logs/33806002.html


    收藏到:Del.icio.us