-
2009-12-01
ستالىننىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇيغۇرلار -تارىخنىڭ ئېچىلمىغان سىرلىرى)2( - [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/52702928.html
3. قەيەردە ئۇران بار؟
ستالىن، ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئالغاندا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى "ئەنگۈشتەر" ھېسابلىنىدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش ئىدىيىسىگە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قورال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئاكتىپلىق ماددا ئۇران زاپىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ قولىدا ئازراقمۇ ئۇراننىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنى ئىزدەش ھەمدە قېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، ئاتوم يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كېرەك بولغان يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ۋەزىپىسى سوۋېت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋالەنتىنە بېرىياغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
ئۇنداقتا نەدە ئۇران بار؟ بىر دانە ئاتوم بومبىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئۇران كېرەك؟ بۇ ئۇراننى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاۋلاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن؟ دېگەندەك يۈز مىڭلىغان سوئاللار سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تېخى ھەل قىلىنمىغان ھەم ھەل قىلىنىشى ناھايىتى مۇشكۈل بىر سىر ئىدى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ستالىن باشلامچىلىقىدا شېڭ شىسەي بىلەن كونسېسسىيە كېلىشىمى تۈزۈپ، شىنجاڭدا قەلەي كانلىرىنى ئىزدەش ۋە قېزىش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى قانداقتۇر، ئاددىلا قەلەي ئىزدەش دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ بىر كۆرۈنۈشتىكى شەكىل بولۇپ، ھەقىقىي مۇددىئا ئەسلىدىن چاررۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەرىپىدىن يەر ئاستى بايلىقلىرى ئىنتايىن مول دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلىنىپ بولۇنغان بۇ زېمىندا ئۇران كانلىرىنىڭ بولۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان ، قىممەتلىك يەر ئاستى مىنېراللارنى ئىزدەشتىن ئىبارەتتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1941-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇران قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغان . ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق گېئولوگىيە ئالىمى بولغان ئاكادېمىك بورىس سوكولوۋ ئۆزىنىڭ 1941-يىلى ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى، ئۇنىڭ تاكى 1943-يىلىغىچە شىنجاڭدا رەڭلىك مېتاللار ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم گېئولوگىيىلىك سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى" ئەسلەپ ئۆتكەن. ( 13) سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمال تەرەپلىرى، ئالتاي، پامىر ۋە قارار قورۇم تاغلىق رايونلىرىدا تاكى 1943-يىلىنىڭ بېشىغىچە قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر تۇپراقلىرى ھەققىدە ئەڭ ئەتراپلىق ماتېرىياللارغا ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مەيلى جۇڭگو، مەيلى ئەنگلىيە ۋە ياكى باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى مەزكۇر ئۆلكە توغرىسىدا بۇنچىلىك چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىمۇ 1941-1942-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ھەتتا، رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ 1941-يىلىدىن تاكى 1942-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە ئالىملىرىغا تەرجىمان بولۇپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا بىر يىل ئەتراپىدا تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلار مەۋجۇت. شۇ تەكشۈرۈشتە قەشقەردىن قېتىلىپ، يول باشلىغۇچى بولغان قىرغىز ئاق يولبەگنىڭ ئەسلىشىچە، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوۋېت گېئولوگىيە تەكشۈرۈش خادىملىرى 1941-يىلى 6-ئايلاردا قەشقەر تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە تاشقورغان، قىزىل تاغ، قوشراپ، يەركەنت قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، خوتەننىڭ يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېمىغا جايلاشقان قاراڭغۇ تاغ دېگەن يەرگىچە بارىدۇ. ( 14) بىراق، مەزكۇر سوۋېت گېئولوگىيە ئەترىتى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتىپ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كېتىدۇ. لۇتفۇللا مۇتەللىپ دوستى ئاق يولبەگكە تۇيۇقسىز قايتىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ. ( 15). ئەمما، پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ل. مۇتەللىپ، 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چاغدا شېڭ شىسەي بارا-بارا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇپ، گومىنداڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. ل. مۇتەللىپ تەرجىمانلىق قىلغان سوۋېت گېئولوگلىرىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ستالىن بىۋاسىتە بۇيرۇق بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇران قاتارلىق رادىئاكتىپلىق ماددىلارنى ئىزدەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەلۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ شېڭ شىسەينىڭ رازىلىقىنى ئالغان بۇ تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ موسكۋانىڭ مۇتلەق مەخپىي ئاتوم بومبىسى ياساش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇپ، پەقەت يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە نېفىت مەنبەلىرىنى ئىزدەش ھەم تەكشۈرۈش دەپلا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن 19 ياشلىق ئاددىي تەرجىمان ل. مۇتەللىپلا ئەمەس ھەتتا 1938-يىلىدىن تارتىپ سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ستالىننىڭ ئىشەنچىلىك مۇرىتى بولغان، ئۆلكىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى شېڭ شىسەينىڭمۇ مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتىنى بىلمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك. شۇ قېتىم جەنۇپ تەرەپتە پامىر ئېگىزلىكىنى ئاساسىي تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلغاندا سوۋېت ئالىملىرىنىڭ ئۇران زاپىسى بەلۋېغىنى بايقىغانلىقىنى نەزەردىن قالدۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇلار ئۇران زاپىسىنى بايقىغاندىن كېيىنلا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى 1947-يىلى ئەشۇ سوۋېت گېئولوگىيە ئالىملىرى تاشقورغان بىلەن تۇتاشقان پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاجىكىستان تەۋەسىدىن زور مىقداردا ئۇران كانى تېپىپ، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى باشلىغان ھەمدە پامىر ۋە تەڭرى تاغ سىستېمىسى تۇتۇشۇپ كەتكەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا يېقىن بەلۋاغلىرىدىن ئۇران زاپاسلىرىنى تاپقان ئىدى.(16)سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ستالىن گەرچە دەسلەپكى بىر قانچە ئايلار ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان، پۈتۈن دىققىتى قانداق قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قېلىش ۋە موسكۋا، لېنىنگراد ھەم ستالىنگراد قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قارىتىلغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى بىراقلا بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. سەۋەب شۇكى، ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئاساسلىق ئېغىر سانائەت بازىلىرىنى ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى سىبىرىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار ھەربىي قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا جىددىي كىرىشىپ كەتكەن. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن يەر ئاستى بايلىقلىرى تېخىمۇ كېرەك بولۇپ، خام ئەشياغا بولغان ھاجەت ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى ۋاقتىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا ستالىننىڭ بۇ ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى ئارقا سەپ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەنلىكى تەبىئىي.
1942-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە سوۋېت ئارمىيىسى موسكۋا بوسۇغىسىدا گىتلېر ئارمىيىسىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، موسكۋانى قوغداپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم پىلانىنى جىددىيلەشتۈردى. شۇ يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۇران قېزىشنى تەشكىللەش ھەققىدىكى قارارى تەستىقلانغان بولسا، 28-سېنتەبىر كۈنى يوسىف ستالىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ 2352- نومۇرلۇق " ئۇران خىزمىتى تەشكىللەش ھەققىدە" ناملىق بۇيرۇقىنى تەستىقلىدى (17). مەزكۇر بۇيرۇقتا سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئالاھىدە ئاتوم يادروسى لاباراتورىيىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان. ۋ. مولوتوۋ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ نىڭ 2542- نومۇرلۇق " ئۇران قېزىش" قارارىنى تەستىقلىغان (18).
1942-يىلى ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى رازۋېتكىسى ئۇران مەسىلىسى بويىچە ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ تۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئاتوم پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ داۋاملىق تۈردە ئىتالىيىلىك سوۋېت جاسۇسى بۇرنو ئونتېكورۋو تەرىپىدىن يەتكۈزۈلۈپ تۇردى (19). كلائۇس فۇكىس ۋە بۇرنو ئونتېكورۋو قاتارلىق مەزكۇر سوۋېت جاسۇسلىرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىدا قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر ھەتتا پىلانلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى رازۋېتكا ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلار ئاساسەن كەلمىگەن.( 20) . ستالىن 1943-يىلى 11-فېۋرالدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ "ئاتوم بومبىسى ياساش ھەققىدىكى پروگراممىسى ۋە قارارى"نى تەستىقلىدى ھەمدە ئاكادېمىك كۇرچاتوۋنى "2-نومۇرلۇق لابوراتورىيە" يەنى "مەخپىي ئاتوم ياساش ئىنستىتۇتى"نىڭ دىرېكتورى قىلىپ قىلىپ تەيىنلىدى . سوۋېت ئاتوم ئالىملىرى چەتئەللەردىن ئېرىشكەن ئاتوم تېخنىكىسىغا ئائىت ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بۇ ساھەگە جىددىي كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى(21). سەۋەب شۇكى، بۇ ۋاقىتقىچە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا ئۇران كانلىرى تېخى تېپىلىپ، ئۇران قېزىش باشلانمىغان ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىسكىلاتىدا ئۇران يوق بولۇپ، "2-نومۇرلۇق لاباراتورىيى"دە پەقەت بىر قانچە كىلوگراملا ئۇران بولغان(22). دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور مىقداردا ئۇرانغا ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئاتوم بومبىسىنى ياسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۇرانلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا ئىلگىرىلەشلەر داۋاملاشماقتا ئىدى.4. ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭽﻰ - ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ؟
ﺳﺎﺑﯩﻖﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ك گ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ، 40-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ( ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻙ ﮒ ﺏ )ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ﯞﻩ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ، ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﭘﺎﯞﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺸﯩﭽﻪ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ، ﻳﻮﺳﯩﻒﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ (23). ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭﻯ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯧﻜﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺴﻰ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻫﻮﻗﯘﻕﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﺭﻩﻗﯩﺒﻰ ﻟﯩﯟ ﺗﺮﻭﺗﺴﻜﯩﻴﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﻟﯘﻕ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻙ ﮒ ﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ(24).
ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺳﯘﺩﭘﻼﺗﻮﯞ " ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﻪﺭﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢﻫﻪﺭﺑﯩﻲ-ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﻣﯘﻫﯩﻢﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻳﻮﺳﯩﻒ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ." ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ (24).ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﻧﺎﺋﯘﻡﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻳﻮﻕ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ. ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﻰﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ. ﺭﯗﺱﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ (25). ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﺸﻘﺎﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﻪ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻝ-ﻛﯧﺴﯩﻞﻗﻮﻏﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘﺭ . ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺋﯘﺭﺍﻥ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯩﺘﺎﻥ، ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﻝ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﯞﺍﺩﯨﻢ ﺋﻮﺑﯘﺧﻮﯞ ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎﺋﯘﻡ ﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯧﺘﺎﻝﺯﺍﭘﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. (26)
ﺷﯘﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﺭﺍﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ-ﺳﺎﯞﯗﺭﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﻙ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻛﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻼﻣﻐﺎﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﻫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎﻳﯧﻘﯩﻦ .ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ، ﻧﺎﺋﯘﻡﺋﻪﻳﺘﯩﻨﮕﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺷﯧﯔﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺘﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺨﻪﻱﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ 32 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎﺷﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ (27). ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﺋﺎﺭﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﯩﻨﻰﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻫﻪﻝﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ،ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﮕﺮﺍﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺶ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺟﻪﺩﯞﯨﻠﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰﺋﯘﺭﯗﺵ ﺳﯧﭙﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ 12 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ " ﺑﯘﻓﯧﺮ ﺯﻭﻧﻰ"( ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ) ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﻪﺕﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯘﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻨﻰﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯘﻗﻮﺭﺍﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ؟ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﯕﭽﯩﯟﺍﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻟﯘﻕ؟ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻏﺎﯕﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﺍﭖ، ﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ -ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﺩﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻳﻮﻝ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
5. ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺩﺍ: ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ !
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰﻛﻮﻟﻮﻧﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﻪﺭ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﻗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ "ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﻧﭽﯩﻘﯩﺪﯨﻦ " ﺩﻩﻛﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ،1931-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 12-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، 1933-ﻳﯩﻠﻰ، 4-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺑﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﺎ ﺟﻮﯕﻴﯩﯔﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ "ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺴﻜﯩﻲ" ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻣﺎﺟﻮﯕﻴﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯﻫﻪﻣﺪﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(28). 3-ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻮﻧﺎﻝ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺖ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.(29)1934-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ 1942-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺟﯘﯕﺨﯘﺋﺎ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﻰﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻫﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯﻫﻪﺗﺘﺎ 1940-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﻮﻧﺴﯧﺴﺴﯩﻴﻪﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚﻗﯩﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯞﻭﻟﻔﺮﺍﻡ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻫﻪﻡﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﻮﯞﯦﺖ-ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥﺗﯜﮔﻪﺷﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ، ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ، 3-ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﻧﯩﻘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ 8-ﭘﻮﻟﻚ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯘﺩﻭﯕﺨﺎﺑﺎﺩﯨﻜﻰﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺯﺍﯞﯗﺗﯩﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﻣﺎﻳﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﯧﻔﯩﺘﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ (30). ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮﯞﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻨﻰ ﺩﯦﻜﺎﻧﺎﺯﻭﻓﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯗﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ -ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻰ. ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ 1943-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺋﺎﺗﻮﻡ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖﻣﯧﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺘﭽﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻗﯧﺰﯨﭗ، ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰﻳﺎﺳﺎﺵ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯘﺭﺍﻥ ﻛﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ.
ﮔﻪﺭﭼﻪ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﯞﻩ ﺟﺎﯓ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪﺋﺎﺷﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﺋﯚﺯﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﻫﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭ ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﻐﺎﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻓﺮﻭﻧﺖ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎﭼﯩﻘﯩﭗ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻗﻮﻏﻼﭖﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺷﯧﯔﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ ﻫﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ( 31).
ﻣﺎﻧﺎﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ( 32) ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯚﺯﻯﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺋﺎﺧﯩﺮﻯﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭ 1943-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﻰﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ، ﺳﻮﯞﯦﺖﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﻯ ﻻﯞﺭﯦﻨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﯧﻲ ﻛﻮﺳﯩﮕﯩﻦ ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰﻣﯩﺨﺎﺋﯩﻞ ﺳﯘﺳﻠﻮﯞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ؛
"ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻳﯜﺯﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥﻛﯚﭖ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ، ﺑﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﻪﻳﻼﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﭼﺎﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﺮﺍﺟﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ "ﻣﯩﻠﻠﻰ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺵ . ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﺎﭼﯩﻼﺭﻧﻰﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ " (33).
ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﻴﯘﺭﻭﺳﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ. 1943-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺴﺴﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﺍﻳﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻡ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻐﺎﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﺯﯞﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻦﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖﭼﺎﺭﻩ-ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ( 34). ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺴﺴﺮﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻨﻰﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﯞﻻﺩﯨﻤﯩﺮ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﯞ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﯩﭙﺪﯦﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻣﻤﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ (ﻥ ﻙﯞ ﺩ) 4-ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯧﻨﺎﻧﺖ ﺋﺎﻟﯧﻜﺴﺎﻧﺪﯨﺮ ﻻﯕﻔﺎﯓﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻨﯩﯔﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ "ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ" ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﭘﯩﻼﻥﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ (35) ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﯞﻩ ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ، ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﭼﯚﭼﻪﻙﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﻗﻮﺯﻏﯩﺴﺎ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺗﻮﭘﻼﺵﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﺎﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺩﻭﻛﻼﺗﻼﺭ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﻣﯩﺨﺎﻳﻠﻮﯞﻧﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ " ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﯞﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ" ﺩﻩﭖﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ "ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﻮﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ" (36) ﺩﻩﭖ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
历史上的今天:
ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قىسىم ماتېرىياللار 2009-12-01ئەن لۇشەن-شىسىمىڭ قوزغۇلىڭى ۋە ئۇيغۇرلار 2009-12-01لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى 2009-12-01
收藏到:Del.icio.us