-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/50667978.html
بىنامازلىق
مۆمىنلىككە داۋا بولماس بىنامازلىق ،
بىر كۈنگە ھەم راۋا بولماس بىنامازلىق .
بۇ دۇنياغۇ تۆت كۈنلۈكتۇر ئۆتەر ،كىتەر
لىكىن قەبرىگە ھاۋا بولماس بىنامازلىق .
جازالارغا داۋا بولماس بىنامازلىق .قۇرئاندا ھەم شۇ مىسالى كەلگەن قەۋم بۇ ،
غەيۋەت قىلىپ ئۆز دوست گۈشىنى يىگەن قەۋم بۇ .
رەسۇلىللا بىزدىن ئەمەس دىگەن قەۋم بۇ .
پىشانىسنى قارايتۇرمىش بىنامازلىق .
قەبرىنى ھەم تارايتتۇرمىش بىنامازلىق .جاينامازلار بۇلۇڭلارغا تاشلىنىدۇ ،
ئېيىتقىن قوللار ھەققە قاچان باغلىنىدۇ ؟
ھەيھات ! ئىنسان دۇزاخسىرى چەيلىنىدۇ .
شەيتان تۆھپە قىلغان تۇغيان بىنامازلىق .
ياراتقانغا ئەڭ چوڭ ئىسيان بىنامازلىق .
ئۇ گۇناھتۇر كۆڭۈللەرنى مەست قىلغۇچى ،
ئىنساننى ھەم شەرەپنى دە پ پەس قىلغۇچى .
باشقا بالا ، دىلغا زۇلۇم قەست قىلغۇچى ،
گۇناھلارنىڭ كەبىرىسى بىنامازلىق .
ئەسلى شىرىكنىڭ نەبىرىسى بىنامازلىق .
بەش مەھەلگە بىپەرۋادۇر "ئاللاھ بىر" دەپ ،
ئېغىر كۈندە تېخى ئېيتار ،پاناھ بەر دەپ .
شۇنى ئېيتىش كىرەك ئىدى ،ھەق ،،گۇناھ بۇ ،دەپ
توغرىلانماس قەلبى مەڭگۈ بىنامازلىق ،
نامازشامدا گۇيا ئۇيقۇ بىنامازلىق .بوۋىلىرى سەجدىدىن باش كۆتەرمىگەن ،
ياراتقاندىن ئۆزگە ئىلاھ ئاختۇرمىغان ،
ئاھ ،بۇ پەرزەنت نىچۈن دسەڭ كۆكەرمىگەن ؟
دەر يا قۇرۇپ ئورنىدا چۆل بىنامازلىق.
دۇزاخسىرى ئەڭ قۇلاي يول بىنامازلىق ........................
دۇنيا ئۈچۈن نىمە قىلساڭ قىلىۋەرگىن ،
ئۆزۈڭنى كىم بىلسەڭ شۇندا ق بىلىۋەرگىن .
ئەمما ساڭا خىتابىمغا قۇلاق سالغىن،
جەھەننەمگە زىيارەتتۇر بىنامازلىق .
ئىنسانلىققا خىيانەتتۇر بىنامازلىق .
ئۆزبېكچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى : فانىي
历史上的今天:
سەرلەۋھىسىز 2009-11-08كەچۈرۈم سۇراش 2009-11-08( دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (2 2009-11-08دىنىي ئىلىملەرنى بەرپا قىلىش (1) 2009-11-08يادىڭدا تۇت 2009-11-08随机文章:
ئالتۇن ئالما ،دۇ ئا ئال 2010-06-14كىندىكىڭنى ياپ سىڭلىم 2009-12-16(2) ئادىل تۇنياز شېئىرلىرى توپلىمى 2009-11-23مەجنۇنتال 2009-11-14قىيامەت كەلمەكتە ،ئاخىرەت يېقىن 2009-11-13
收藏到:Del.icio.us
评论