تەۋىسىيە
ئىزدەش

ھەمكارلىق - ئۇيغۇر تېد لىكسىيەسى - مۇھەممەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز تاشقىن

تۈرى : TED ئابلەت نۇرمۇھاممەد : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-31 17:04:21

\
شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى پەخىرلىك ئوغلانىمىز مۇھەممەتتۇرسۇن تۇرسۇننىياز 1987 –يىلى2-ئاينىڭ22-كۈنى  خوتەن شەھىرىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.كەسپى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىن كۈرەرلىكى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يىڭى كەسىپ ئۇچۇر ئالاقە ئەسلىھەلىرى رېمنۇتچىلىق كەسپىنى ئۈگەنگەن .بۇ كەسىپ ۋە ئۈگنىش مۇھىتى ئۇنىڭ كەسپى ئىخلاسىنى ۋە غەيرىتىنى يىتىلدۈرۈپ يېڭى بىر       تەرەققيات يۇلىغا يىتەكلىگەن. 
  غەيرەت ۋە ئۈمۈدۋارلققا تولغان بۇ ياش 2007-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلغان رايۇنلىرىغا كىرىپ،شۇ يەر ۋە يۇرتى خوتەندە ئالاقىلىشىش ئۈسكىنلىرى ۋە ئىلىكتىر مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرگە بارغان ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنىڭ ۋە ساپ بولغان يىمەكلىكنىڭ ھاياتلىق زەنجىرىمىزدە قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن.توغرا بولغان ئوزۇقلۇق،ئۈزىمىزدىكى تەبئيى،يېشىل ۋە ئورگانىك يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تەڭشىلدىغان ساغلاملىق ئەندىزلىرىدىن، خەلقىمىزگە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بەدەن ساپاسىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن قۇلىدىن كېلدىغانلىرىنى يەتكۈزىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى ۋە بىر كەسىپنىڭ تەرەققياتى دەپ ھىس قىلالىغان. شۇنىڭ بىلەن2010-يىلىدىن باشلاپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 2011-يىلى بىلىم ئاشۇرۇش ۋە ھەر ساھە كارخانچىلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭ شانئال كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپى چىڭخۇا ئۇنىۋېرستىتى بىلەن بىرلىكتە ئاچقان چىڭخۇا ئۇنىۋېرستىتى يۇقىرى دەرىجىلىك لىدىر تەربىلەش سىنىپىدا ئوقۇغان. 2012-يىلى 12-ئايدا پىشىپ يىتىلگەن پىلان لاھىيسىگە ئاساسەن‹‹ شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى››نى قۇرغان.2013-يىلى ئىلمى ئۇزۇقلىنىش ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىسى بولغان‹‹ تاشقىن›› ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاقسىل تالقانلىرىنى بازارغا سالغان. 2013-يىلى 9-ئايدا، دىيارىمىزنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى بولغان ياڭاق سوقماقلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ئوتتۇرا ئاسىياغا تونۇتۇش، بۇ ئارقىلىق دىيارىمىز دىھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىقلىم سوقماق زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، «شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا  چەكلىك شىركىتى »نىڭ ئاستىدا يەنە بىر كۈچلىك بولغان تاۋار ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ،ئۆز يېزىسىنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ‹‹ھالالباغ›› ماركىسىدىكى ياڭاق سوقماقلىرىنى بازارغا سالغان. 2014-يىلى 2-ئايدا، خوتەندە  شىنجاڭ تاشقىن خەلقئارا سودا چەكلىك  شىركىتىنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇرغان. 2014-يىلى 7-ئايدا ئاقسىل تالقىنىنى دىيارىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن خوتەن سانائەت رايۇنىدا يەر سېتىۋېلىپ، ‹‹شىنجاڭ تاشقىن بىئو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ››نى قۇرغاندىن كېيىن كاتتا مۇراسىم ئارقىلىق، بارلىق يۇرت ئەھلى ۋە تاشقىنلىقلارنى قوللاۋاتقان قېرىنداش ،سەپەرداشلارغا شېركەتنىڭ يېڭى خەيرىيىتىدىن بىشارەت بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئيتىدە ياشلىقتىكى ئىجتىھاتىنى مۇشۇ ساھەگە ئاتىغان بۇ ياش كارخانچى، ئاقسىلدىن ئىبارەت ئوزۇقلۇق تەركىبنى بۇ ھىممىتى كەڭ ئانا تۇپرىقىمىزدا  تۇنجى قېتىم بەرپا قىلغان شەخسكە ئايلانغان. پۈتكۈل ۋۇجۇدى غەيرەت ۋە ئادىمىيلىك بىلەن قۇۋەتلەنگەن بۇ ياش كارخانچىمىز،توختىماستىن ئۈگۈنىش ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي بۇلۇپ،ھازىر ئەرقال كارخانچىلار تەرەققىيات پىراگىراممىسى ۋە ئۆز تۈرۈك كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号