بۈگۈنكى باش خەۋەر تورى ماقالىسى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى:
نىكاھ مەسئۇلىيەت ھەم بىر بەخىت. لېكىن ئىككى ئادەم نىكاھ تۇرمۇشىدا چارچاش ھىس قىلسا ياكى نىكاھ تۇرمۇشىدا ئامالسىزلىق ھېس قىلسا،بەلكىم بۇ نىكاھنى ئاخىرلاشتۇرىش ياكى ئاخىرلاشتۇرماسلىقنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
ئەر-ئاياللاردا بۇ تۆت خىل ئەھۋال بولماسلىقى كېرەك. بەزىدە ۋاز كىچىشنى ئويلاش، ئاللىقاچان ئاخىرغىچە مىڭىش تەس بولغانلىقى ئۈچۈندۈر.

1.نىكاھ تۇرمۇشىدا كىمنىڭ ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگىنىنى ھىسابلىشش
نىكاھ ئىككى ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يالغۇز ئۈستىگە ئېلىش تەڭسىزلىكتۇر.ئەركىشى نىكاھتا كۆپىرەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئايال كىشى بولسا ئائىلىگە كۆپىرەك كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.
نىكاھ تۇرمۇشىدا كىمنىڭ ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلىگىنىنى ھىسابلاشماسلىق كېرەك،چۈنكى قارشى تەرەپ سىز ئۈچۈن سىز تۆلىگەن بەدەللەرنى قايتۇرۇپ بولغاندا، ئىككى ئادەمنىڭ نىكاھىمۇ ئاخىرغا بېرىپ قالىدۇ.
2.ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشى بولماسلىق ھەم جىنسىي تـۇرمۇشتا ماسلاشماسلىق
.جىنسىي تـۇرمۇش ، ئەر - خوتۇن ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى، نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش بولمىسا بوممايدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجى ، كونترول قىلىش تەس . جىنسىي تۇرمۇش يوق ئەر -ئاياللاردا، چوقۇم بىر تەرەپ غېرىبلىق ھىس قىلىپ سىرىتقا قاراپ قالغان . ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا جىنسى تۇرمۇش بولمىسا، ئىككى تەرەپ يەنە بېسىم ھېس قىلغاندا ، بۇ نىكاھنى ئازاپ چىكىپ ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.

3. ئالداش، سىرىتقا قاراپ قېلىش، ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنچنى يوقىتىدۇ
ئىشەنچ بولغان نىكاھلا ئۇزۇن داۋاملىشالايدۇ. ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا ئالداش، سىرىتقا قاراپ قېلىش سەبلىك ئىشەنچ يوقالسا، قارشى تەرەپكە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيتى يوق.
ھەرگىز بالا بولغانلىقى ئۈچۈن نىكاھتىن ئاجراشمىدىم دىمەڭ، تۇرمۇشتا جورىسىز ئائىلىدىكى بالىمۇ، مەڭگۈ ئىناق بولمىغان ئائىلىدە ياشىغان بالىدىن ياخشى. بالا، ھەرگىزئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھتىن ئاجىراشماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.
4.پۇل بولماسلىق، تۇرمۇشقا بولغان ئۈمۈدنى كۆرەلمەسلىك، ھەمدە دائىم سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇش
پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما پۇل بولمىسا قەتتى بولمايدۇ. ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ياشاش ئۈچۈن كۈرەش بولىدۇ ، لېكىن قىلچە ئۈمىد بولمىغان تۇرمۇشقا يەنە قانداق يۈزلىنىش كېرەك.
مېھرىبان ئەر - خوتۇنلارغا پەقەت ئىككى ئادەم بىللە بولسا يېتەرلىك ، بىراق تۇرمۇش ئۈچۈن ،پۇلنى دەپ دائىم ئۇرشىدىغان ئەر - خوتۇنلاريەنە نىمىگە چىداپ ئۆتىدۇ. ئۈمۈد بولمىغان نىكاھنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۈشكىل.

چىدامچانلىق ياخشى ئادەت،ئەمما جايىدا ئىشلىتىلمىسە،ياخشى ئادەت دىگىلى بولمايدۇ.ئەر -ئاياللار بىرلىكتە ئۆتەلمىسە، ئاجىرىىشپ كەتكەن ياخشى. قىيلىنىپ چىداپ ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۆرىيتى يوق،بولمىسا ھەم ئۆزىڭىزگە ھەم باشقىلارغا دەخلى قىلىسىز.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان 6 خىل دوست مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز تا ھازىرغىچە ئېقىپ كەلمەكتە: دوستۇڭدىن سېنىڭ قانداق ئادەملىكىڭ بىلىنەر . ھەر قانداق ئېسىل ئاتنىڭمۇ چارچايدىغان ۋاقتى بولىدۇ . نۆۋەتتە ، بىز
بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ 11خىل ئىپادىسى ئامېرىكا بالىلار پىسخىكىسى مۇتەخەسسىسى خوفماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئۆزىنىڭ كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بار
شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدىكى%80 سەۋەب 3-شەخس ئەمەس بەلكى… بىر قەھۋەخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا مۇنداق بىر گەپ يېزىلىپتۇ: بىزنىڭ دۇكانداWiFi يوق، يېنىڭىزدىكى ئادەم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇڭ! كېيىن كىشلەرنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبى
ئاداققىچە بىرگە بولالمايدىغان 4 خىل ئەرخوتۇن بۈگۈنكى باش خەۋەر تورى ماقالىسى، ئۇيغۇرچە جەۋھەرلەر | 维吾尔精选 سالونى تەرجىمىسى: نىكاھ مەسئۇلىيەت ھەم بىر بەخىت. لېكىن ئىككى ئادەم نىكاھ تۇرمۇشىدا چارچاش ھىس قىلسا ي
جورىسىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغان ئايالنىڭ ئىپادىسى پەرۋاسىزلىق. ئايالىڭىز سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغاندا، بارا-بارا سىزگە پەرۋاسىز قارايدۇ، ھەرقانداق مۇئامىلىسى ساختا بولىدۇ. پۇرسەت تاپسىلا سىزگە باشقا ئاي
