ئەجرىم لايىھە بلوگى ئۆي كۆچتى
- ئاپتۇر :كۆنچى
- /
- ۋاقىت :2013-10-09
- /
- ئاۋاتلىقى :149 گىرادۇس
- /
- كاتېگورىيە :ئاۋات يازمىلار
ئۈستىدىكى رەسىمنى كۆرۈپ كۆنچى بۇرادەر «Fast Furious» دېگەن كىنوغا ئاشىق ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار، ئەسلى ئىش مۇنداق :
بلوگىنى يېڭى قۇرغان ۋاقىتتا يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچقىمۇ ئەرزان دەپ چەتئەل بوشلۇقى ئالغان ئىدىم . ھېلىقى wopus.org دېگەن توردىن بولمامدۇ.
ئىككى يىل ئىشلىتىمپتىمەن، بەك تىز بولمىسىمۇ نورمال ماڭغان ئىدى. لېكىن بۇ مەزگىللەردە بوشلۇق ساتقان تەرەپ ئىككى قېتىم ip ئالماشتۇردى. dnspod تىن تور بىتىڭ توختىدى، ئەمدى نورمال بولدى دېگەن ئۇچۇرلار كۈندە دېگۈدەك كېلىپ تۇردى، يازما يوللىغان چاغدىكى ھېسسياتنى بولدىكى دىمەيلا قوياي ، يەپلا كەتتى دەيمە...
ئۇف ،،، ئاخىر ئاۋۇ كىنودىكى ماشىنىلاردەك تىز vps بوشلۇقىغا كۆچىۋالدىم . قانداق تېزدەك ھېس قىلغانسىلەرمۇ كۆپچىلىك ؟
ئەجرىم ، كۆنچىنىڭ سەپىرى يەنە داۋاملاشقۇسى...
vps توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا ھازىرقى vps بوشلۇقىنى قەيەردىن سېتۋالساق ياخشى بۇلىدۇ
http://uyfree.com/?p=208 بۇ يەردە vps توغرىسىدا بىر چۈشەنچە بىرىلگەن. سىزگە ياردىمى بولۇپ قالار،،،
بۇقېتىم قايسى بوشلۇق ئالدىڭىز ؟
بولسا بىرنەچچە بىلوگگىرلار بىرلىشىپ ئالىي يۈن بوشلۇقىنى ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى ، ئۇلانىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تىز ئىكەن . تورخۇمار شۇنى ئىشلىتىۋاتىدىغۇ دەيمەن .
بوشلۇقنى ئالمىدىم. بىر ئاغىنەمنىڭ vps مۇلازىمىتىرى بار ئىدى. شۇنۇڭڭغا كۆچۈۋالدىم. بۇرۇنراق دىيىشمەپتۇق يا،، بىرلىشىپ ئالىدىكەنمىزكەن.
ھازىر بىرلەشسەكمۇ ئۈلگۈىمىز ھى ھى(ھېلىقىدەك چىراي ئىپادە)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ئالى يۇندىن ئالساق ئايسىپىنى ئاۋۋال بىجىردىكەنمىزغۇ ؟
مۇبارەك بولسۇن يىڭى ئۆي ھەقىقەتەن ئازادە بوپتۇ
رەھمەت. يېڭى ئوينىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ھەممە كىشىنى زوقلاندۇردى، كەپ تۇراسىز،
مەنمۇ wopus دىن ئالغان، بۇ تېمىنى كۆرۈپ كىرسەم مېنىڭمۇ كىرمەيۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆيىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، قايسى تورئىكەن بۇ بوشلۇق ساتقان، مەنمۇ ئەرزان بوشلۇق ئېلىپ قويۇپ توربەت تولا توختاپ كەتتى، شۇڭا ھازىرقى بوشلۇقنى ساتقان توربەتنى دەپ بەرسىىڭىز شۇنى ئالاي دىگەن، قالدۇرۇپ قۇيالارسىزمۇ؟
بىر دوستۇمنىڭ مۇلازىمىتىر بار ئىدى. كىچىككىنە ئاجرىتىپ بەردى.
http://uydata.com/user/index.asp ماۋۇ بوشلۇقلارنى ئىشلەتلەنلەر بەك ياخشى دەيدىغۇ. مەنچىمۇ شۇنداقكەن.