icon ياساپ بولالماي ئاۋارىمۇ ؟2013/03/13
مىڭ جاپادا بىر ئەپنى تاماملىدىڭىز، ئەمدى splash دەيمىز icon دەيمىز ئىشقىلىپ جاپاسى خېلى بار، بۇنى دېمىسەممۇ ئەپ ياسايدىغانلارغا بۇ بىر باش ئاغرىقى، بىر ئەپنى بىر ئايدا ياسىسا بىر icon نى نەچچە ھەپتە ياسايدىغان ئىشلار بولىدىكەن.
google play گە ئەپ يوللىغاندا icon رەسىمنىڭ چوڭىدىن بىرنى قوشۇپ يوللىسىڭىز ئىش تامام، لېكىن apple store ئۇنداق ئەمەس، سىز چوقۇم بىر قانچە ئۆلچەمدىكى icon نى ئايرىم-ئايرىم يوللايسىز، خېلى جاپاسى بار، بۇ جاپادىن قۇتۇلغىڭىز بارمۇ ؟ قېنى ئەمسە باشلاپ كەتسەك…
1.ئاۋۋال مۇنۇ قېلىپنى چۈشۈرۈۋالسىمىز.
2. قېلىپنى [psd ھۆججىتى]چۈشۈرۈشپ بولۇپ photoshop تا ئاچىمىز.
3. رەسىم قەۋىتى رامكىسىدىن ”تەھرىرلەش “ دېگەن رەسىم قەۋىتىنى قوش چىكىمىز.
4. ئەمسى تۈۋەندىكى رەسىم قەۋىتىنى تەھرىرلەپ بولۇپ Ctrl+s نى بېسىپ ساقلىۋالىمىز.
ئىككى ھۆججەتتىكى رەسىملەرگە قاراپ بېقىڭ… ئۆزگىرىپتىمۇ ؟
5.ئەمدى icon لارنى پارچىلاپ چىقىرىمىز.
6.ئۈستەل يۈزىدە App Icon [Rounded] دېگەن ھۆججەت پەيدا بولغان بولسا ئېچىپ قاراپ بېقىڭ.
تامام
بىلەلمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس يېزىڭ…
ماۋۇ ئۇسۇلدا قىلساق ئىشىمىز ئاسانلىشىدىكەنغۇ
رەھمەت سىزگە
لىكىن بۇ ئۇسۇلنى cs6 دىلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن …
باشقا نەشىردىكى Photoshop لاردىمۇ چۇقۇم بولىدىغۇ دەيمەن… مەن يەنە بىر سىناپ كۆرەي،.،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !
ئەجرىم بۇرادەر، ئىشلىگەن ئايكۇن ، رەسىملىرىڭىزگە ئىشقىم چۈشۈپ قالدى. مۇمكىن بولسا http://ulinig.com/ بېكىتىگە 16*16 قىلىپ بىر ئايكۇن، 80*240 قىلىپ بېكەت تۇغ ئىلانى ياساپ بىرەلەرسىزمۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن سىز ئىشلىگەن خېلى كۆپ لاھىيەلەرنى كۆردۇم بەكلا ئۇز چىقىپتۇ ھەم ماڭا بەكلا ياردى شۇڭا سىزگە مەنمۇ ئۇزۇمنىڭ بىر قېتىم تاقىلىپ قىلىپ يىڭدىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچى ئېلېكتىرۇنلۇق كىتاپ دۇنياسى دەپ قۇرغان توربىتىمگە بېكەتلەردە ئۇلىنىش قىلىش ئۇچۇن بىر تۇغ رەسمى ئىشلەپ بىرەمدىكى دەپ بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن بۇ مىنڭ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان بىتىم بۇلدۇ http://yuluqi.jx3.uyghurdns.com/portal.phpيىڭى ئىسىمغا icp چىقسىلا ئۇلىسام بۇلدۇ شۇنىڭ غىچە تۇغ رەسمى ئىشلەتمەكچى ‹‹ھەقلىق ››ھەم بۇنىڭ دىن باشقا سىزگە ئۇزۇمگە ئىسىم كارتىسىمۇ لاھىيەلەتمەكچى ئىدىم قالغان گەپلەرنى مۇڭداشقۇدا پاراڭلاش ساقمۇ بۇلدۇ مەن سىزنى قۇشۇۋالدىم مىنڭ مۇڭداشقۇ نۇمۇرۇم 458537939 سىز نىڭ جاۋابىڭىزنى كۇتمەن. . . . .. . . . .