-
2008-11-29
Google earthسۈنئى ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارى مۇشۇنداق ۋەھشى - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنى ھەقسىز Google earth خەرىتە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان Google شېركىتىنىڭ خەرىتىگە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشتىكى خىزمەت پىرىنسىپى مۇنداق:بۇ شېركەت سودىغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئى ھەمراھنىڭ يەر يۈزىدىن تارتقان نەچچە يۈز مىليون پارچە رەسىملىرىنى مۇشۇ خەرىتىنىڭ مۇناسىپ ئورۇنلىرىغا رەتلەپ تىزىپ چىقىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ، ھەم شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە كۆرۈش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان، بۇ خىزمەتنىڭ سالمىقى ئىنتايىن زور بولۇپ بۇ خەرىتىدىكى تارتىلغان رەسىملەرنى يەنە ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرىۋاتىدۇ، مەسىلەن سىز بۇ يىل ھويلىڭىزغا يېڭىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سالغان بولسىڭىز، خەرىتىدە يېڭىلانمىسا ھويلىڭىزدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆينى خەرىتىدىن تاپالمايسىز دىگەن گەپ.شۇڭا بۇ مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇش ئۈچۈن Google earth شېركىتى يېقىندا باشقا بىر يوقۇرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئى ھەمراھنى قويۇپ بەرگەن.چەتئەلدىكى توربەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا google سىزىش، ئۆلچەش ئېنىقلىق دائىرىسى 50سانتىمېتىرغىچە بولغان يوقۇرى ئېنىقلىقتىكى GeoEyeناملىق سۈنئى ھەمراھىنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر بۇ سۈنئى ھەمراھ خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.چۈشەندۈرۈشتە، GeoEye-1ناملىق بۇ سۈنئى ھەمراھ يەر شارىدىن 680 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوربىتىدا ھەركەت قىلىۋاتقان بولۇپ يەرشارىنى سۆرەتكە تارتىش ئېنىقلىق دەرىجىسى توغرىسىنى ئېيتقاندا 41 سانتىمېتىرغا يېتىدىكەن، بىراق Google بىلەن ئامرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمزالاشقان كېلىشىمنامىسىدە بۇ سۈنئى ھەمراھنىڭ پەقەت 50 سانتىمېتىرلىق ئېنىقلىقنىلا ئىشلىتىشنىلا بەلگۈلەپ بەرگەن. شېركەتنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ GeoEye-1ناملىق سۈنئى ھەمراھ ھەركۈنى يوقۇرى ئېنىقلىقتىكى رەسىملەرنى تارتىدىغان بولۇپ يەر شارىدىن رەسىم تارتىش يۈزى(ئورنى،دائىرىسى) كۈنلىكىگە بىر يېڭى مېكسىكا شىتاتىچىلىك دائىرىگە باراۋەر كېلىدۇ دىگەن. Googleنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىشقا مەسئۇل خادىمى Kate Hurowitz مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن:-" GeoEye-1ناملىق سۈنئى ھەمراھ سودا ساھەسىدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان يەر يۈزىنى رەڭلىك رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەم ئەڭ توغرا بولغان ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرىنى بېرەلەيدۇ." دىگەن.تۆۋەندىكىسى مەزكۇر GeoEye-1ناملىق سۈنئى ھەمراھنىڭ سۆرىتى:
logs/31667796.html
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
<< 25پارچە كومپىيوتېردا سىزىلغان رەسىم، ھوزۇرلىنىڭ | باش بەت | تۇنجى ھەقىقى مەنزىرىلىك خەرىتە توربېتى >>
Google Earth دا تارتىلغان غەلىتە رەسىملەر
Blog:Xadlik Blog2010-07-02 23:16:56《Google earthسۈنئى ھەمراھىنىڭ ئىقتىدارى مۇشۇنداق ۋەھشى》的转发
Blog:uyghursoft2009-02-02 20:57:50
引用
下面Blog引用了该文:
评论
ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئىشلىتىش ئورنى تاپالمىغىنىمدىن بەزىدە تولىمۇ ئۈكۈنۈپ قالىمەن .[cusFace:10]