-
2008-11-21
بۇنداق ئىتلارنى كۆرگەنمۇ؟ - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/31483777.html
دۇنيادا ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش قاچاندىن باشلانغان بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئۆي ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ھەممىلا دۆلەتتە ئوموميۈزلۈك مەۋجۇد مەسىلە، ھېلىمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مۇشتۇمچىلىك پىستە ئىتلارنى پەقەتلا چەتئەلنىڭ كىنولىرىدىنلا كۆرگەن ئىدىم، كىنودىكى نايناق ئارتىس خېنىملار بۇنداق پىستە ئىتلارنى يۈزلىرىگە سۈركەپ ئاۋايلاپ ، ئەتىۋارلاپ كەتكەن كۆرۈنۈشلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە، ھەم شۇ چاغلاردا يېڭى يېزىقتىكى گېزىتلەردىن "چەتئەللىكلەرنىڭ ئەرمەك ئۆي ھايۋاناتلىرىنى بېقىش ئۈچۈن بىر ئائىلىنىڭ بىر يىلدا كېتىدىغان خىراجىتى ئاددى بىر ئىشلەمچىنىڭ بىر يىللىق ئىش ھەققىدىنمۇ يوقۇرى بولىدىكەن"دىگەن خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ ھەيرانمۇ قالغان ئىدىم.
70-يىللاردا شاڭخەيدىكى بىرقىسىم باي خېنىملار بۇنداق پىستە ئىتلارنى باقىدىغان بولدى.
90-يىللاردا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممىلار يېرىدە بۇ "مودا" بولىۋاتقان دولقۇن كۆتۈرۈلدى، ھازىر كوچا-كويلاردا ماشىنىلاردا نەدىلا بولمىسۇن كۆزىڭىزگە مۇشۇنداق پىستە ئىتنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭغانلارنى كۆرۈپ تۇرىسىز. بۇ ھازىر ھېچكىمگە غەلىتە تۇيۇلمايدىغان بىر ئىش.
مېنىڭ كۆزۈمگە سىغمايدىغىنى بىزنىڭ قىزلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق پىستە ئىتلارنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بوپتۇ،بەزىلىرى يېتىلەپ ماڭغان ئىتلارنىڭ شۈپتۈرلىكىنى دىمەيسىز....
مۇشۇ ئىشمۇ مودا بولامدىكىن بۇنى بىلمەيمەن ھا ھا ھا .مودا قوغلاشقانلىق يامان ئىش دىمەكچى ئەمەسمەن، قانداقلا مودا بولىۋاتقان نەرسىنى قوغلاشمايلى بىر نۇقتا ئېنىقكى، قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىق كېرەك، ئۆزىمزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىزگە، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ماس كېلەمدۇ-يوق؟ئۆزىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىسى بارمۇ-يوق؟جەمئىيەتكە تۆھپىسى بارمۇ-يوق؟ئىلىم-بىلىم ئۆگىنىشىمىزگە ياردىمى بولامدۇ-يوق؟....بۇلارنى ئويلىشىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.ئاشۇ پىستە ئىتلارنى بېقىش مودا، ئۇنىڭ ماڭا پايدىسى بار دىسىڭىز، ئۇنداقتا كەچۈرۈڭ، سىز مودىنىڭ ئارقىدا قالدىڭىز، چەتئەللەردە ھازىر پىستە ئىتلارنى تاشلاپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىتلارنى بېقىش مودا بولىۋاتىدۇ، بۇ ئىتلارنىڭ ئېغىرلىقى بىر نورمال ئەركىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ ئېغىر كېلىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئۇلارنىڭ باققان ئىتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ ، ئاندىن سۆزلەي.تۆۋەندىكىسى مۇشۇ يوغان ئىتلارنىڭ رەسىملىرى:
ئەمدى قانداق ئويغا كېلىپ قالدىڭىز؟ بەلكىم سىزمۇ ئەتىدىن باشلاپ مۇشۇنداق ئىتتىن بىرنى تېپىپ بېقىش خىيالىغا كەلدىڭىزمۇ؟بوپتۇ ئەمىسە ئۇنداقتا يوغان ئىتتىن بىرنى تېپىپ بېقىڭ، شىزاڭنىڭ تايغىنى (藏獒) بولسا ئازراق يېقىنلىشىدۇ، بىراق شىزاڭنىڭ تايغىنىنى كۈنىگە نەچچە كىلو گۆش يەيدۇ دەيدۇ، ئاددى بىر نۇقتا-مۇشۇ تاپتا دېھقانلىرىمىز كۆنىگە نەچچە كىلودىن گۆش يىيەلمەيۋاتىدۇ، ئىتقا نەدىكى گۆش دىگەننى ئويلىدىڭىزمۇ؟ سىز پۇل تېپىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىن بىرنى باققۇچە بەلكىم سىز يەنە مودىنىڭ ئارقىسىدا قېلىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا چەتئەللىك بايلار ئائىلىسىدە شىر،يولۋاس ،قاپلانلارنى بېقىشى مۇمكىن......شۇڭا دەيدىغىنىم ئۆزىڭىزنى، زېھنىڭىزنى، ئىقتىسادىڭىزنى بىھۇدە ئىشقا سەرپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
تۆۋە....