-
2008-11-04
ئەتىدىن باشلاپ بوش قارى بىلەن خوشلىشىمىز - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/30962857.html
"لوس-ئانژىلېس ۋاقىتى گېزىتى"نىڭ 3-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئامرىكىنىڭ 2008-يىللىق پىرىزدېنت سايلىمىغا يەنە بىر كۈن قالدى . شۇنداقتا كېچىككەندىمۇ بۈگۈن ئاخشام سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ، خەۋەرلەردىن كۆرىشىمچە بۇ قېتىمقى سايلامغا تارىختىن بۇيان ئەڭ كۆپ ئادەم قاتناشقان بولۇپ، سايلامغا قاتناشقان ئادەم سانى130مىليون كىشى بولغان، 21ئايغا سوزۇلغان بۇ سايلام رىقابىتىدە كىمنىڭ سايلىنىشى بىلەن مېنىڭ پەرۋايىم پەلەك.كىم ئۇتۇپ چىقىشىدىن قەتئىنەزەر خالىغانچە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىماي ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى ياخشى باشقۇرسىلا بولدى.بىراق شۇغىنىسى ئېنىقكى ئەتىدىن باشلاپ بۇ ئۆزىنى بىلەلمەي ھەممىلا يەردە تىرورىزىم دەستىكىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئېغۋاگەرچىلىك قىلىپ ،ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغاپ "كۆڭۈل ئاچقان" بۇ پىرىزدېنت ئەمدى تەختتىن چۈشىدۇ
ئۇ ئەمدى كېيىنكى ھاياتىنى دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزىشى مۇمكىن،بۇ مېنىڭ شەخشى كۆز قارىشىم ، ئۇ ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى پىرىزدېنتلارغا ئوخشاش يەنى كىلىتونغا ئوخشاش جامائەت سورۇنلىرىدا،ھەرقايسى ئۇنۋېرستىتلاردا نۇتۇق سۆزلىيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ نۇتقىنى ئاڭلاشنى جامائەت خالىماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ تېىرىغان ئىشلىرى ئاز ئەمەس. پۈتۈن دۇنياغا "خوجا"دەپ ئاتىۋالغان ئامرىكىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق پەۋقۇللاددە چوڭ دۆلەتنىڭ ھوقوقىنى قولىغا ئېلىۋېلىپ تۇرۇپ دۆلەت مەبلىغىنى بىھۇدە ئۇرۇشقا ئىشلىتىپ نۇرغۇنلىغان ۋەيرانىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،ئاخىرىدا ئامرىكىنىڭ ،ياۋروپانىڭ ،ئاسىيانىڭ بۈگۈنكىدەك ئىقتىسادنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ مەن بۇلاھىزە قىلىدىغان مەزمون ئەمەس، بۇ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ باش قاتۇرىدىغان تېمىسى ئەلۋەتتە.
مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم بۇشنىڭ تەختتىن چۈشىشى بىلەن ئۇنىڭ تۆۋەندىكى چىراي ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ كۈلكەم قىستاپ قالدى، شۇڭا مەزكۇر يازمىنى يوللاپ قويدۇم،سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:
خەير-خوش بوش قارى ئەمدى قانچىلا ئەپسۇسلانغىنىڭ بىلەن ئامال يوق-تە ساڭا.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论