• 2008-09-26

    قوشۇمچە بلوگ قۇرۇلدى - [تۈرى يوق]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/29628260.html

    مانا بلوگباستىن بلوگ قۇرغىلىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ،دەسلەپتە بلوگ يېزىش خىيالىممۇ يوقتى ، يەنەشۇ تور ئارىلاۋېتىپ مۇشۇ بلوگباسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشقان بلوگلىرىنى كۆرۈپ قالدىم، ھەم قىزىقىپ قالدىم....شۇنداق قىلىپ مەنمۇ چاققانلا بلوگدىن بىرنى قۇرىۋالغان بولدۇم.دەسلەپتە يېزىق تونۇتۇشنى ئوڭۇشلۇق قىلالمىدىم، ئارامگاھ ئەپەندىم ئوڭشاپ بەردى، بۇ يەردە ئارامگاھ ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. دەسلەپ بلوگ قۇرغان چاغدا زور كۆپچىلىك قېرىنداشلارغا ئوخشاش مەنمۇ چۈشەنمەيتتىم، html,scc دىگەنلەردىن ئانچە خەۋىرىم يوقتى، شۇنىڭ ئۈچۈن  بلوگنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىنى تۈزەيمەن دەپ  بۇزىۋالاتتىم-دە نەچچە سائەتلەپ ھەتتا كۈنلەپ دىگۈدەك ھەپىلىشىپ كېتەتتىم.... خۇددى ئۇزۇن يىل كېسەلگە قارىغان ئادەم دوختۇر بولۇپ قالغاندەكلا مەنمۇ ھازىر بلوگباسنىڭ ئۇسلۇبى ھەم كودى توغرىسىدا ئازراق بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم.بلوگنى دەسلەپتە قۇرغان چاغدا قانداق تېمىنى چۆرىدەپ يازما يېزىش توغۇرلۇق خېلى كۆپ ئويلاندىم، ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىرى يەنىلا ئۆزەمنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنى تاللىۋالدىم. ھەم شۇنىڭغا قوشۇپ ئۆزەمنىڭ ئۈگەنگەن بلوگباس، cssكودى، ۋە html گە ئائىت بىلىملەرنى بىرتەرەپتىن ئۆگەنگەچ بىر تەرەپتىن قالغان قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە يوللاپ تۇرغان ئىدىم. بىراق بلوگقا كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش كودىنى قوشۇپ قويغاندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى بلوگباس بىلىملىرىگە ئائىت يازمىلار ئاساسەن توختاپ قالدى دىسەممۇ بولىدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلار يازمىلاردىكى كودلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى، مەنمۇ بۇ كېلىشمەسلىكتىن ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم...... شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن بىر قوشۇمچە بلوگ قۇرۇپ ئەسلى بلوگىمدىكى بلوگباسنىڭ كودلىرى ، ۋە ئۈنۈم قوشۇش ئۇسۇللىرىغا ئائىت بارلىق كودلارنى بۇ قوشۇمچە بلوگقا يوللاپ قېرىنداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنماقچى، شۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئۇسلۇپ تەرجىمە,  ئۇسلۇپ چۈشۈرۈش ، ئالاھىدە ئۈنۈم كودلىرى قاتارلىق سەھىپىلەرنى ئېچىپ قويدۇم. پات ئارىدا تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇپلارنى كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ھوزورىغا سۇنماقچىمەن.قوشۇمچە بلوگ ئادرىسى:

    http://copys.blogbus.com/


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • ئۆزگەرتەي دىگەن، ئەمما ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىراش بوپ قالدىم، يېڭى يىلدا سەل ئاراچ بولغاندا ئۆزگەرتەيمىكىن دىگەن.
    dunyakara回复بوغلان说:
    سىزگە ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماڭ ئەمىسە.
    2008-11-03 22:39:32
  • مەن CSS نى قانچە ئۆزگەرتسەممۇ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ، سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بولسا مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، بەزى جايلىرىنى قىلالمىدىممۇ-قانداق؟ باشقىچە ئۆزگەرتىپ باقاي دىگەن، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە بىلگەنلىرىڭىز بولسا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز...
    dunyakara回复بوغلان说:
    گەپنىڭ راستىنى دىسەم، بوغلان ئەپەندىم.
    بۇ بلوگىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ،ئۆزگەرتىپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇپنى تاشلىۋېتىدىغان يېرىگە كېلىپ قالدى، سۆزۈم تومتاقلا چىقىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ. دىمەكچى بولغۇنۇم، مۇشۇ ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالغان بولسىڭىز ، ئىككى تەرەپتىكى بوشلۇق بەك چوڭ ، ئەكسىچە ئوتتۇرىدىكى ھالقىلىق رايون بەك قىسىلىپ كەتكەن.
    ئارامگاھ بلوگىدا بىر نەچچە ئۇسلۇپ ئېلان قىلىندى. تاللاپ تۇرۇپ بىرەرىنى ئورنىتىۋالمامسىز؟
    بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم جۈمۈ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
    2008-09-28 23:03:16
  • [cusFace:12] يارايسىز ئەپەندىم.
  • ناھايتىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ، [cusFace:12][cusFace:12]
    dunyakara回复بوغلان说:
    كودلارنى كۆچۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، ئەسلى ھەممىنى پۈتتۈرۈپ بىراقلا ئېلان قىلاي دەپمۇ ئويلىغان. بىراق قېرىنداشلارنىڭ كوڭلىنى بالدۇرراق بولسىمۇ خاتىرجەم قىلاي دەپ ئويلۇدۇم.
    2008-09-27 00:56:51