-
2008-09-23
ئادەمنىڭ قىممىتى... - [تەرمىلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
تور ئارىلاۋېتىپ مۇنداق تېمىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ تېمىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن بىر ماشىنا ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى:
logs/29446031.html
رەسىمدىكى ماشىنىنى كۆرسىڭىزلا ئۇنىڭ قانداق ماشىنا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن.
توغرا ئۇ دەل ھازىرقى "مودا" بولىۋاتقان 悍马ماركىلىك ماشىنا .بۇ خىل ماشىنا كۆرىنىشىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ ھەربى ماشىنىلىرىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان بىر خىل دالا ماشىنىسى بولۇپ كۆرىنىشىمۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك.ئەمدى دىمەكچى بولغان گېپىمىزگە كېلەيلى:
تور كۆرىۋېتىپ ئامرىكىدا دەل مۇشۇ ماشىنا بىلەن بىر ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ سوقۇلۇپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ نەق مەيداندىكى ئاقىۋەت قانداق بوپتۇ دىمەيسىز، تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭ ھەيران قالماي تۇرالمايسىز.
ئەمدى نىمە دىمەكچى دىسەڭلار،قىزىقارلىقلىقى يەنى ھەيران قالغىنىم شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئادەتتىكى ئاپتۇبۇسنىڭ كاسسىغا بۇ ئېسىل ماشىنا ئۇسسىۋېلىپتىكەن، كۆردۈڭلارمۇ ئاپتوبۇس مىتمۇ قىلىپ قويماپتۇ، بىراق بۇ ئېسىل ماشىنىنىڭ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈڭ. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئادەتتىكى بىر ئاپتۇبۇسنىڭ سۈپىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يوقۇرىلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئاپتوبۇستا توشۇلىدىغان ئادەملەر دەل ئوقۇغۇچىلار يەنى ئامرىكىلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى، شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا شۇنچىلىك دەرىجىدە ئېتىۋار بەرگەن.
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ، بۇ شېنجىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا شوپۇر بۇ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ ماي كىلاپانىنى تۇرمۇز كىلاپانى دەپ خاتا دەسسەپ قويۇپ يول ياقىسىغا ئۇسسۇۋالغان شۇنىڭ بىلەن نەق مايداندا 9 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 20 نەچچە ئوقۇغۇچى يارىلانغان بۇنىڭ ئىچىدە 8 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇشتەك ۋەقە كېلىپ چىققان.
قالغانلىرىنى دىمىسەممۇ ھەممىمىز چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقساق بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论
دۇنيا قارا ئەپەندى تېمىلىرىڭىزدا گەپ يوق جۇمۇ....[cusFace:11]
شۇڭا كىرىمەن ئەمەسمۇ[cusFace:12]
دۇنياقارا ئەپەندىم، مەن بلوگىمنىڭ CSS نى تەڭشىسەممۇ زادىلا ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ، سەۋەبىنى بىلمىدىم. سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويسام كۆرۈپ باقامسىز ؟