• 2008-09-03

    人肉搜索دىگەن ئۇقۇم توغرىسىدا - [تۈرى يوق]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/28486405.html

    人肉搜索دىگەن نىمە؟ بۇ دىگەنلىك قارىماققا ئادەم گۆشى ئىزدەش دىگەندەك كۆرىنىپ قالىدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ مەنىسى كەڭ دائىرىدىكى مەنا بولۇپ ئۇ – ئادەمنىڭ چىرايى، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، تېرە ئاسراش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟

    بۇ ئۇقۇم ئەڭ دەسلەپتە 猫扑 دەيدىغان ئۇنۋېرسال مۇنبەردە شەكىللەنگەن دىيىشكە بولىدۇ. بۇ مۇنبەرنىڭ چېتىلىدىغان تېما دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ زىيارەتچىلىرىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.مۇنبەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بەزى ئەزالار مەلۇم بىر سوئالنى سورىغان( كومپىيوتېر بىلىملىرى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى بىلىملەر، تور بىلىملىرى دىگەندەك) بۇنىڭغا بىلگەنلەر جاۋاپ بەرگەن، مۇنبەرنىڭ دەسلەپكى ئالاھىدىلىكى مانا مۇشۇنداق، كېيىنچە تەرەققى قىلىپ قانداق بولغان؟ كېيىنچە بەزى ئەزالار بىر قىسىم سەزگۈر مەسىلىلەرنى سوراپ توغرا جاۋاپ بەرگەنلەرگە مۇنبەر پۇلى بېرىمەن(مۇنبەر پۇلى ئاتالمىش مۇنبەرنىڭ مۇكاپات نومۇرىغا ئوخشاش مەۋھۈم ئۇقۇم بولۇپ ، بۇ مۇنبەر پۇلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قارىتا شۇ ئەزانىڭ مۇنبەردىكى مەشغۇلات قىلىش"ھوقوق" دائىرىسى ئوخشىمايدۇ) دەپ ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئەۋجىگە چىققان....... مۇشۇنداق قىزىقتۇرۇش نەتىجىسىدە بىرەيلەن سوئال سورىسا نەچچە يۈزلىگەن (ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن) ئادەم جاۋاپ بەرگەن.مانا مۇشۇنداق تەرەققى قىلىش نەتىجىسىدە سورىمىغان سوئال، مۇنەرگە قويمىغان مەسىلە قالمىغان، تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئورۇننىڭ ۋە ياكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقالغان.مۇشۇن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا 人肉搜索دىگەن بۇ ئۇقۇمنى بىز ھازىرقى شارائىتتا " سەزگۈر ئىزدەش" ياكى "ئۆتكۈر ئىزدەش" دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ،( شەخشى كۆز قارىشىم).ھازىرقى ۋاقىتقا كەلگەندە مۇشۇنداق ئىزدەشنىڭ نەتىجىسىدە ئەنگە ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان دېلولار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن بىرەيلەن مەلۇم بىر قىزچاقنىڭ بىر مۈشۈكنى خارلاپ تىرىك پېتى دەسسەپ مېجىۋەتكەنلىك سىن ھۆججىتىنى تورغا يوللىۋەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىغان، ئارلىقى نەچچە كۈن ئۆتمەيلا مەلۇم بىرەيلەن مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا مۇشۇكنى خارلىغۇچى ھېلىقى قىزچاقنى "ئىزدەپ تاپقانلىقى"نى ئېيتىپ ئونىڭ ئىسم-فامىلىسى، ئولتۇراق ئادرىسى قاتارلىق تەپسىلى مەلۇماتلارنى تورغا يوللىۋەتكەن. "ھاققانىيەت"نى قوغدىغۇچىلار ئۆزىنى باسالماي ئۇ قىزنى ئىزدەپ بېرىپ جىسمانى ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ مۇشۇ ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى يوللىغان ئەزالارنى ۋە مۇنبەرنى قۇرغۇچىلارنى قوشۇپ سوتقا ئەرز قىلغان، بۇ دېلو ھازىر تەھقىقلەش ئۈستىدە، قانداق جازا ھۆكۈمى چىقىرىش توغىرلىق تالاش-تارتىش ئۇزۇلمەيۋاتىدۇ....توردا ئىز قوغلاش تۈسىنى ئالغان بۇنداق "ئۆتكۈر ئىزدەش" ئۇسۇلى دەسلەپتە بۇنداق بولۇپ كەتمىگەن ، دەسلەپتە ھەققانىيەتنى ياقلاش، ئۇزۇندىن –ئايرىلىپ كەتكەنلەر ئۆز –ئارا ئالاقە ئورنىتىش جەھەتلەردە رولى چوڭ بولغان، مەسىلەن،مەلۇم بىرەيلەن خەينەن ئۆلكىسىگە ئائىلىسى بويىچە ساياھەتكە بېرىپ ساياھەت رايونىدا نۇرغۇن "زولاپ ساتار"لارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا دېلو مەلۇم قىلسىمۇ "ئۇلار"نىڭ قىلچە كارى بولمىغان، شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن پۇلىدىن ئايرىلىپ ،نۇرغۇن جاپا تارتىپ قايتىپ كەلگەن بۇ بىر ئائىلىلىكنىڭ ئىچىدىكى ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ بلوگىغا بۇ ئىشلارنى تەپسىلى يېزىپ بلوگىدا يوللىۋەتكەن(بۇ كىشىنىڭ بلوگى خېلى داڭلىق بلوگ ئوخشايدىكەندۇ) بۇ تېمىنى كۆرگۈچىلەر غەزەپلىنىپ بۇ تېمىنى ئۇچرىغانلا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ تارقىتىۋەتكەن ئاخىرى بۇ ئىش چوڭ غۇل-غۇلا قوزغىۋەتكەن، بۇ "ئاھانەت"لەرگە چىدىمىغان خەينەن شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ بلوگگىرنى ئىزدەپ مەخسۇس ئالدىغا كېلىپ كەچۈرۈم سورىغان.يەنە بىر ئىشتا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ كەپسىز(قۇلاق كەستى) ئوقۇغۇچىلىرى بىر نەچچەيلەن بىرلىشىپ بىر ئوقۇغۇچىنى بوزەك قىلىپ ئۇرۇش جەريانىنى يان تېلىغوننىڭ سىنئالغۇسىغا ئېلىۋېلىپ سىن ھۆججىتىنى تورغا تاماششا قىلىش ئۈچۈن يوللىۋەتكەن، بۇمۇ ھەممىلا مۇنبەرگە تاراپ غۇل-غۇلا قوزغىغان، ئاخىرى بۇنى كۆرۈپ قالغان مەلۇم قارا جەمئىيەتنىڭ كىشىلىرى مەخسۇس مۇشۇ "كەپسىز" بالىلارنى ئىزدەپ بېرىپ تازا "ئەدىۋىنى"بەرگەن ھەم ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان بالىغا ئىقتىسادى تۆلەم تۆلىتىپ بەرگەن.مانا مۇشۇنداق ئىشلار دەسلەپتە توردا سادىر بولغان ئەمدى بولسا بۇ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ شەخسنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلاش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغان، شەھۋانىلىق دەمسىز، پارىخورلۇق دەمسىز، ناھەقچىلىق دەمسىز، ئىشقىلىپ غۇل-غۇلا قوزغايدىغانلىكى تېما بولسا مۇنبەرگە يوللىنىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ، تۇرۇشلۇق ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلار  تورغا ئاشكارلىنىپ كەتكەن،ئەمدىلىكتە بولسا باش-ئايىقى چىقماس مەمورى، ھەق-تەلەپ دەۋالىرى چىقىۋاتىدۇ.

    قانداقلا بولمىسۇن تورغا تېما يوللىغاندا ياكى ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلايلى!


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن