-
2008-08-25
7دانە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر ئازگال - [دۇنيادا ئەڭ]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/28118816.html
بۇ ئازگاللارنىڭ كۆپىچىسى ئىنسانىيەتنىڭ يەنى ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەھسۇلى،تۆۋەندىكى رەسىملەرگە قاراڭ:
روسىيىنىڭ شەرقى سىبىرىيە رايونىدىكى بۇ ئازگال- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر ئازگال دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى525مېتىر، ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 1200مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئازگال بەك چوڭقۇر بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۈستىدە خۇددى دېڭىزدىكى قاينامدەك ھاۋا ئېقىمىدىن قاينام ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۈستىدىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ ئۆتىشى چەكلەنگەن بولۇپ "سۈمۈرۈپ"ئېلىپ كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇ ئازگالنىڭ ئىچكى دىۋارىغا قارىسىڭىز بۇرمىسىمان شەكىلدىكى يول بولۇپ ئېگىزدىن قارىسىڭىز بۇ ئازگالنىڭ ئۆزى خۇددى بىر قاينامغا ئوخشايدۇ. مۇشۇ يول بىلەن بىر ماشىنىنىڭ بۇ ئازگالغا چۈشۈپ قايتىپ چىقىش ئۈچۈن 2 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
بۇ ئازگال دۇنياغا مەشھۇر بولغان جەنوبى ئافرىقىدىكى ئالماس كانىدا بولۇپ، بۇ ئازگال 1870-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغان1914-يىلى تاقىۋېتىلىشكىچە بولغان ئارلىقتا 3 توننىغا يېقىن ئالماس مۇشۇ ئازگالدىن قېزىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى 1097مېتىر، ئاغزىنىڭ دىئامېتىرى 500مېتىر ، ھازىر بۇ جاي نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى.
收藏到:Del.icio.us
ئىشلىتىش:
بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن
评论