• 2008-07-24

    ئامرىكىنىڭ يادرو ئېنىرگىيىلىك راكېتا پىلانى - [سىرلىق دۇنيا]

    Tag:图片 宇宙

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/25427514.html

    ئامرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامرىكا يادرو ئېنىرگىيىلىك راكېتادىن پايدىلىنىپ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى مارىسقا يەتكۈزۈشنى ئۈمىت قىلىدىكەن. بۇ پىلاندا ،ئالەم ئايرۇپىلانى ۋە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قوشۇلۇپ نۆۋەتتىكى ئالەم ئايرۇپىلانلىرى ۋە  راكېتالىرىنىڭ سۈرئىتىدىن ئۈچ ھەسسە تېزلىك بىلەن ئۇچسا 2 ئايدا ئاندىن مارسقا يېتىپ بارالايدىكەن.ئامرىكا پىرىزدىنتى بوش يىل بېشىدا بۇ تۈرلۈك پىلاننى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ تۈرلۈك پىلان مارىسنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانىنىڭ ئەۋزەل سالاھىيىگە ئىگە قىلغان، ھەم شۇنداقلا ئالەملىك يادرو ئىتىرىش سېستىمىسىنىڭ ئالدى بولۇپ قالغان، دەسلەپكى مارىسنى تەكشۈرۈش پىلانى 2010-يىلى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.نۆۋەتتىكى ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ ھەر سائەتلىك ئۇچۇش تېزلىكى 18000 ئېنگىلىس مىل(28968.192كىلومېتىرغا تەڭ) بولۇپ، بۇ پىلان ئارقىلىق ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ يېقىلغۇ مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ،ھەم ئىككى ئايدىلا مارىسقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ھازىرقى سەۋىيەدىكى تېخنىكىنىڭ نەزىرىدىكى ئالتە ئاي ھەتتا يەتتە ئايدا بېرىش مۆلچەرلەنگەن قىياسنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ۋە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى O'Keefe نىڭ دىيىشىچە 40 يىلدىن بۇيان ئالەم قاتنىشى سۈرئەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى، ئەمدى يېڭى- يېڭى تېخنىكىلار بارلىققا كېلىپ بىردىن-بىر چەكلىمىگە ئۇچرايدىغىنى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىدىن ئىبارەتلا بولۇپ قالدى.ئەلۋەتتە يەنە بىر تۈرلۈك چەكلىمىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئامرىكا ھازىر ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولماسلىقى ھەم ئىراق ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور چىقىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا دۆلەت مەجلىسى بۇنداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق چوڭ تۈرگە قىزىقمايۋاتىدۇ.

    1989-يىلىلا ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرىزدېنت بوش مارىسنى تەكشۈرۈشنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا دۆلەت مەجلىسى رەت قىلغان ئىدى.

     

    مەنبە:

    http://sports.eastday.com/epublish/gb/paper264/13/class026400007/hwz978882.htm


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن