• 2008-06-19

    ماشىنىسى بارلارغا شۇم خەۋەر:باھا ئۆسكىدەك - [تۈرى يوق]

    Tag:转载

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/23245833.html

    ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى،ئۆتكەن يىلىدىكى 100مىڭ يۈەنلىك ئۆيلەرنى بۇ يىل 180مىڭ يۈەنگە يېلىنىپ يۈرۈپ ئاران سېتىۋالالايسىز.تا-ھازىرغىچە پالانى مالنىڭ باھاسى مۇنچىگە ئۆسۈپتۇ،گۆشنىڭ باھاسى بۈگۈن مۇنچىكەن......دىگەن گەپلەر قىززىق تېما بولۇپ قالدى.مال باھاسى توختىماي ئۆسىۋاتىدۇ، بىراق پايچېكى ،جىجىن ئالغانلارنىڭ قىممىتى توختىماي چۈشىۋاتىدۇ .....3-ئايدا پەقەت 4كۈن ئىچىدىلا 10خىل جىجىن 200 نەچچە مىليون يۈەن زىيان تارتقان ئىدى. ئەمدى تۆۋەندىكى خەۋەرنى كۆرۈڭ.

      دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ بېنزىن بىلەن دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1000يۈەندىن ئۆسكۈدەك. ئاۋىئاتسىيەگە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ ماينىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 1500يۈەن ئۆسكۈدەك.7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت مىقياسىدا سېتىلىدىغان توكنىڭ ھەر كىلوۋاتىنىڭ باھاسى 0.025يۈەن ئۆسكۈدەك.سۇيۇلدۇرۇلغان گاز ۋە تەبىئى گازنىڭ باھاسىدا ئۆزگىرىش بولماپتۇ.......

    بۇ قېتىمقى ئۆسكەن ماينىڭ باھاسىدىن كىرگەن كىرىمنى دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتى تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئىشلەتكۈدەك:

    1.     ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئۇنۋېرسال بازار باھاسى ئۆسكەنلىك سەۋەبىدىن تولۇقلىمىغا

    ئېرىشىشى ئۇچۇن ھەر مو بېشىغا 5 يۈەندىن مالىيە تولۇقلىما ياردىمى بەرگۈدەك

    2.     شەھەر ئىچىدىكى قاتناش،يېزا-بازار قاتنىشى(يېزا-بازار سۇ قاتنىشىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)غا مالىيەدىن ياردەم بېرىپ قاتناش باھاسىنى ئۆستۈرمىگۈدەك

    3.     7-ئايدىن باشلاپ شەھەرلەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلارغا 15 يۈەندىن، يېزىلاردىكى ئوخشاش تىپتىكىلەرگە ھەر ئايدا  10يۈەندىن قوشۇپ بەرگۈدەك

    4.     تەييار يېقىلغۇ ماينىڭ باھاسى ئۆرلىگەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاپتىموبىل كىراكەشلىرىنىڭ تەسىرىنى مالىيە تولۇقلىما ياردىمى بېرىش ئارقىلىپ تەڭشەپ. كىرا توشۇش باھاسىنى ئۆستۈرمىگۈدەك

    5.     سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز،تەبىئى گاز،تۆمۈر يول قاتنىشى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى تەڭشىمىگۈدەك. تۈرلۈك تولۇقلىما مەبلەغلەرنى ئىقتىساد مىنىستىرلىكى شۇ كۈندىن باشلاپ ھەرقايسى ئورۇنلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. دەپتۇ..... تەپسىلى مەزمونىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

    http://finance.qq.com/a/20080619/003557.htm?qq=0&ADUIN=472555008&ADSESSION=1213881880&ADTAG=CLIENT.QQ.1803_SvrPush_Url.0 

    转载


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن