• 2008-05-30

    سىزنى تەپكەن شۇ كىشىگە رەھمەت - [ھېكمەتلەر]

    Tag:格言 真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/21928938.html

    بىر يولۋاس بىلەن بىر ئېشەك چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.يولۋاس ئۆزىنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇپ بېقىپمۇ ئازگالدىن چىقىپ كېتەلمەپتۇ. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا "ئېشەكنى يەپ كۆڭلۈمنى ئەمىن تاپقۇزمايمەنمۇ"دىگەن ئويدا ياۋۇز قىياپىتى بىلەن:-"ھۇ دۆت ئېشەك! ھەممىنى قىلغان سەن! مەن سېنى قوغلايمەن دەپ مۇشۇ ئازگالغا چۈشۈپ قالدىم، سېنى يەپ تالقان قىلىپ چىقىرىۋەتمەيدىغان بولسام!" دەپ ئېشەككە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. بىردەمدىلا ئېشەكنىڭ كاسسىسىدىن قان تامچىپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئېشەك ئاغرىق ئازاۋىغا چىدىماي "ۋايجان!!!" دەپ ئېچىنىشلىق بىر ئاۋاز بىلەن كۈچەپ بىرلا سەكرىگەن ئىكەن، ئۆزىنى ياپيېشىل چىملىق ئۈستىدە كۆرۈپتۇ......

    تۇرمۇشتا بىزمۇ بەزى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە ئۇچراپ قالىمىز.ئۇلار سىزنى بىر قانچە قېتىم تۇتىۋېلىپ تېپىۋالغاندا، ئۇلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىماڭ، چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا، بۇ خىل زەربە سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭىزنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دائىم باشقىلارنىڭ : "بۇ ئىشنى ياخشى قىلغان تۇرسام، نېمىشقا مەغلۇپ بولىدىغاندىمەن؟" دېگەن ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلايمىز، ئۆزىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئىش قىلغان ۋاقىتتا چوقۇم مۇنداق خىيالدا بولىدۇ: "بۇ ئىشنى قىلالمىسام ھېچقىسى يوق، مەن يەنە.....قىلسام بولىدۇ، دەپ ئۆزىگە چېكىنىش يولى قويىدۇ، ئىش قىلغاندا پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلمايدۇ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا بىرسى سىزنى قاتتىق "تېپىش"لىگەن بولسا، سىزمۇ ھېچنەرسىگە قارىماي ئالغا ئىلگىرلىگەن بولاتتىڭىز.

    ھەربىر ھالقىلىق پەيتتە، بىر "ئەبلەخ"نىڭ كېلىپ سىزنى قاتتىق تېپىشىنى ئۇمىد قىلىمەن، ئۇ سىزنى جۈرئەتلىك بىلەن قەدەم قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەت تەشنالىقىغا بولغان ئۇسسۇزلۇقىڭىزنى قاندۇرىدۇ. 

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن