• 2008-04-16

    تۇرمۇش كارتىنىلىرى - [پىسخىكا]

    Tag:真谛

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19184496.html

    تۇرمۇش كارتىنىلىرى

    بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئايرىم كىشىلەرنىڭ يىغىنچاقلىۋالغان تۇرمۇش"ھەقىقەت"لىرى

     1.    ھەممە ئادەم ياۋايى ھايۋاناتلارنى ئاسرىشى كېرەك—بولۇپمۇ پۇشۇرىلغىنىنى.

    2.    "تىرىشىپ خىزمەت قىلغانغا ئۆلۈپ قالمايدۇ"—بىراق مەن ئۆزۈمنى سىناق قىلمايمەن.

    3.    خىزمەت بەكمۇ مەنىلىك بولىدىكەن—بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئىشلىگىنىنى كۆرسە.

    4.    ئەقىللىقلار توي قىلمايدۇ—توي قىلغانلار ئەقىللىق بولالمايدۇ.

    5.    قانداقلا ئويناپ-يايرىغان بويتاق ھامىنى توي قىلىدۇ__ بەخت مەڭگۈلۈك بولمايدۇ-دە.

    6.    ئەر كىشىنىڭ ساختىلىقى ئايالنى بىر كۈن ئالدىيالايدۇ__ئايال كىشىنىڭ ساختىلىقى ئەرنى بىر ئۆمۈر ئالدىيالايدۇ.

    7.    ماشىنا ھەيدەش ئەمەس تەس__ نا ئۇستا بولسا باسىدۇ نەس.

    8.    مەن ھاراق ئىچىپ ئازاپنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرەي دىگەن__بىراق بۇ ئازاپ سۇ ئۈزۈشنى بىلىۋاپتۇ.

    9.    مەن سېنىڭ لەگلىكىڭ، يىپىم سېنىڭ قولۇڭدا __ بىراق ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەتلا قۇرۇق شامال.

    10.         مەن نىمىلا قىلسا بولىدىغان ئادەم ئەمەس __ ھەممىلا ئىشنى قىلىدىغان بولسام ئادەم بولماي قالىمەن.

    11.         باشقىلارنىڭ يولىدا مېڭىپ باشقىلارنى ماڭالماس قىلىپ قويىمەن.

    12.         سۇ قانچە سۈزۈك بولغانچە بېلىق تۇرمايدۇ __ ئادەم قانچە پەسكەش بولغانچە ھېچكىم يېقىن كەلمەيدۇ.

    13.         بىر تاغدا ئىككى يولۋاس پېتىشماس __ بىرى ئەركەك بىرى چىشى بولمىغاندىلا.

    14.         ئاياللار مەرتلىكىنى ئالدىن ئىپادىلىسە __ ئەرلەر پىخسىقلىق قىلالمايدۇ.

    15.         دەرەخ قوۋزىقىنى لازىم قىلمىسا جاھاندا ئۇنىڭغا ئۆلۈم بىر__ ئادەم يۈز لازىم قىلمىسا ئۇ جاھاندا بىر.

    16.         كېلىدىغان چاغدا مەن يىغلىدىم بىراق ھەممىسى كۈلدى__ كېتىدىغان چاغدا مەن كۈلدۈم بىراق ھەممىسى يىغلىدى.

    17.         تۇرمۇش، ئاناڭنى بەكمۇ قىزىقارلىق ئىكەن __ چۈنكى ئۇ ھەر دائىم مېنى ھاماقەت تاپىدۇ.

    18.         زۇلمەت كېچە ماڭا بىر جۈپ قاپ-قارا كۆز ئاتا قىلدى __ بىراق مەن ھەممە ئىشقا كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ قاراپ تۇردۇم.

    19.         پەرىشتىلەرنىڭ ئۇچالىشىدىكى سەۋەپ __ ئۇلار ئۆزىنى بەكمۇ يەڭگىل ھېس قىلىدۇ.

    20.         مېنىڭ خاسىيەتلىك ئادەم بىلەن بولغان بىردىن-بىر پەرقىم __ مەن كالتە ئىشتىنىمنى ئىچىمگە كىيىمەن(ئۇ تېشىغا كىيىۋاپتۇ).

     


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن

    评论

  • بۇ يوللانمىڭىز ھەم تەسىرلىك ھەم قىزىقارلىق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن.
    dunyakara回复زوھرە说:
    رەھمەت سىزگە ،زۆھرە قىز.
    2008-05-05 00:31:00