• 2008-04-16

    كىشىلىك ھايات - [كىشىلىك ھايات]

    Tag:意志

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/19179306.html

    كىشىلىك ھايات

    يېقىندا مېنىڭ يېقىن بىر دوستۇم تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كەتتى.بۇ ئىش بەكمۇ تەساددىپى يۈز بەردى.شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇ دوستۇم ئۆيىگە كېتىۋېتىپ موتوتتىن يېقىلىپ (يول ياقىسىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا بىر دەرەخكە سۈزىۋېلىپ شۇ يەردە يېتىپ قاپتۇ) كېتىپتۇ،بۇ كېچە سائەت 11 يېرىملار بولغان چاغ ئىكەن ئېھتىمال 2 سائەتلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بىر تاكسى شوپۇرى بايقاپ  قېلىپ قاتناش تارماقلىرىغا خەۋەر قىلىپتۇ،دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسا  ئاللىبۇرۇن جان ئۈزگەن ئىكەن........مەن ئەتىسى سائەت 5 تە بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىشىنەلمەيلا قالدىم، ئېسىمنى يوقۇتۇپ قويايلا دىدىم.....ۋەقە بولغان جايغا بېرىپ قاننىڭ بەك كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم(بەلكىم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھۇشىدىن كەتكەن بولىشى مۇمكىن).كاللامدا گادىرماچ خىياللار.....شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسا قۇتقۇزىۋېلىنغان بولار ئىدى، بۈگۈن تۇنجى كۈنى ئىسكىلاتتىن ئېلىپ چىقىپ مىنىپتىكەن بۈگۈن مىنمەي تۇرغان بولسا-ھە بۇ ئىشمۇ سادىر بولمىغان بولاتتى،بىختەرلىك قالپىقى موتوتنىڭ ساندۇقىدا تۇرۇپتۇ(كەيمەپتىكەن) كېيىۋالغان بولسا بېشى يارلانماس ئىدى،ئۆزىمۇ ساق قالغان بولاتتى ..........مۇشۇنداق نورغۇن خىياللار كاللامدىن ئۆتۈشكە باشلىدى،نىمە ئامال؟بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى. نىمىلا قىلغان بىلەن كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ.ئاچچىق ئاھۇ-پىغان ،يىغا-زارە ئىچىدە مىيىت ئۇزىتىلدى، مەن مىيىتنى ئۆز قولۇم بىلەن يەرلىكىگە قويۇشقا ياردەملەشتىم...ئۇ دوستۇم كېپەن ئىچىدە خۇددى يېڭىىلا ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتى .ئاشۇ كۈلۈمسىرىگەندەك قىلغان چىرايىغا قارىسام ھازىرلا خۇددى كېپەننىڭ ئىچىدىن تۇرۇپ كېتىدىغاندەك،ھازىرلا ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ-"مېنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟" دەپ سورايدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى....يۈرۈگۈم يىغلىماقتا ئىدى.ئۇ دوستۇم تېخى بۇ يىل ئوغلىنىڭ خەتنە تويىنى قىلماقچى ئىدى.ئەپسۇس،قىلالمايدىغان بولدى.ئايالىنىڭ قوسىقىدا 6 ئايلىق بولغان 2-بالىسى بار ئىدى،ئايالى ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ئىنتايىن خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئەپسۇس بالىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەيدىغان بولدى.........يۈرۈگۈم يىغلىماقتا ئىدى......ئۇ بەكمۇ تۈز كۆڭۈل ئىدى،كىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايتتى،ھەممىگە يېتىشلىك ئىدى،شۇنداق كۆتىرەڭگۈ روھلۇق ،خۇش-چىراي ئىدى........مانا دوست بولغىلىمۇ 20يىلدىن ئېشىپتىكەن،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىن باشلاپلا سانسىز كېچىلەرنى پاراڭلىشىپ تاڭ ئاتتۇرىۋېتەتتۇق،مۇڭداشساق گېپىمىز بىر يەردىن چىقاتتى ھەم تۈگىمەيتتى،ئالى مەكتەپتە بىرگە ئوقۇيدىغان،بىر ئىدارىغا خىزمەتكە چۈشىدىغان،ئۆينى بىر جايدىن ئالىدىغان،قېرىغاندا مەسسە-كالاچلارنى كىيىشىپ نەۋرە-چەۋرىلەرنى بىللە باقىدىغان بولغان ئىدۇق.....ئەپسۇس...ئەمدى ئۇنداق قىلالمايدىغان بولدۇق.....ئەلۋىدا دوستۇم....ئەلۋىدا.......خۇدا ياتقان جايىڭنى جەننەتتە قىلغاي......ئەلۋىدا.ھەممىمىز بۇ دۇنيادىكى ئۆتكۈنچى يولوچىلاردۇرمىز.ئۆزىمىزنىڭ تۇنجى يىغىمىز بىلەن بۇ يورۇق دۇنياغا كېلىمىز ۋە باشقىلارنىڭ يىغىسى بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىمىز.100ياش ئۆمۈر كۆردۇق دىگەن ھالەتتىمۇ ھايات نەقەدەر قىسقا-ھە؟! تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىكى ئاشۇ ئۆلمەس توغراقلارغا قاراپ ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقىلىغىنى،بوغدا چوققىلىرى،جۇمۇلاڭما ئېگىزلىكلىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ نەقەدەر كىچىكلىكىنى ،نەقەدەر ئاجىزلىقىنى چۈشىنىۋالماق تەس ئەمەس دەپ ئويلايمەن. ھاياتلىق ئەگرى-توقاي،جاپا-مۇشەققەتلىك بولىدۇ.ھېچكىم ئۆز ھاياتىدا بىر ئۆمۈر تېنچ-خەتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرگەن ئەمەس.بۇ دۇنيالىقتىكى ھەر بىر ئىنسان ئادەم دېڭىزى ئىچىدىن ئۆزىگە تەۋە بولغان كوردىناتىنى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ.تاپالىغانلىرى ھەقىقەت بىلەن ساختىلىقنىڭ ،راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ،ئالىجاناپلىق بىلەن پەسكەشلىكنىڭ ئارىسىدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە توختىماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.تاپالمىغانلىرى ئىسەنكىرەش،قايمۇقۇش ئىچىدە جار سالىدۇ.ھاياتلىق خۇددى ئوكياندا قېيىق بىلەن سەپەر قىلغانغا ئوخشايدۇ،ئىتتىك مېڭىشمۇ مۇمكىن ئەمەس،توختاپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.بىر كۈن-بىر كۈندىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.ھەرگىز ئۆز قېيىقىنى باشقۇرالمايدىغان قېيىقچى بولۇپ قالمايلى.ھاياتلىق ئەسلىدىلا گۈزەل ھەم قىسقا بولىدۇ.ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق،ئونبەشى قاراڭغۇ بولىدۇ.ئونبەشى يورۇق بولغان ۋاقىتتىمۇ پەقەت بىر كۈنلا تولۇن ئاينى كۆرگىلى بولىدۇ قالغان كۈنلەردە ئاي كەمتۈك چىقىدۇ.بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ بولسىمۇ جاھاندىكى قانونىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. گۈزەل نەرسىلەر ھامان قىسقا بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەتىۋارلىق بولىدۇ.ئەگەر بىر ئادەم 100 ياش ئۆمۈر كۆردى دىسەك،1200 ئاي ياشىدى،تولۇن ئاينى 1200 قېتىملا كۆرەلىدى دىگەن گەپ، بۇ پەقەت پۈتۈن ئۆمرىنىڭ 400دىن بىرىدىلا تولۇن ئاينى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالايدۇ دىگەندىن ئىبارەت.بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار يار بولسۇن.بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا :دىلىمىزنى پاك تۇتايلى، "ئالا " تۇتمايلى.ئىچىملىككە بېرىلمەيلى. بىلىم ئۆگۈنىشكە بېرىلەيلى.ئەتراپىمىزدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلەيلى، "كوچىلىمايلى".كۆپرەك ئىزدىنەيلى. ئاغرىنمايلى.دېڭىز دولقۇنلىرى نەگە چاقىسا شۇ يەرگە چالۋاقايدىغان بولۇپ قالمايلى.توغراقتەك  قەيسەر،جەسۇر بولايلى.


    收藏到:Del.icio.us




    ئىشلىتىش:
  • 收藏与分享 بۇ يازمىنى ساقلىۋالىمەن